قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چوڭ راك

2018-04-29 16:05:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چوڭ راك-- بىز ئەڭ بۇرۇن ئۇچراشقان دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى. ئۇنى كونكېرت تەييارلاش ئۇسۇلى قانداق؟
  بۇنىڭ تەييارلاش ئۇسۇللىرى ناھايىتى كۆپ. بۇلارنىڭ ئىچىدە«مايدا دۈملەپ پىشۇرۇلغان چوڭ راك»، «چوڭ راك كاۋىپى»، «ئاچچىق چوڭ راك» قاتارلىقلار بار. ئەمما، مەيلى قانداق تەييارلىنىشتىن قەتئىينەزەر، ئاۋۋال چوقۇم راكنى پاكىزلاپ، تەييار قىلىۋېلىشىمىز لازىم. ئالدى بىلەن، راكلارنى پاكىز سۇدا بىر قېتىم يۇيىمىز، ئاندىن، قايچا بىلەن راكنىڭ ئۇزۇن بۇرۇتى ۋە بېشىدىكى قولغا سانجىلىدىغان قىرلىق ئۇچىنى كېسىۋېتىمىز. ئاندىن، راكنىڭ تىنىدىكى يىپچىنى ئالىمىز. بۇنىڭدا، راكنىڭ قۇيرۇق تەرىپىنىڭ قاسرىقىنى يېرىپ، چىش كولىغۇچ بىلەن راك تىنىدىكى يىپچىنى ئاستا- ئاستا سۇغۇرىمىز، بۇنىڭدا ھەركەت سىلىق بولۇش، يىپچىنى ئۈزۈۋېتىشتىن ساقلىنىش لازىم.ئاخىرىدا سۇنى ئاققۇزۇپ راكنى پاكىز يۇيۇۋەتسەك بولىدۇ.مايدا دۈملەپ پىشۇرۇلغان راك-- شەندۇڭنىڭ ئېسىل تائاملىرىنىڭ بىرى. بۇ قورۇمىنى تەييارلاش بىر قەدەر ئاسان بولۇپ، تەمىنى تەڭشەشمۇ تەس ئەمەس. تاتلىق تۇزلۇق تەم ھاسىل بولسا بولىدۇ. ئەمما، راكقا قويۇلىدىغان تەلەپ بولسا بىر قەدەر يۇقىرى. شەندۇڭنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، مايدا دۈملەپ پىشۇرۇلغان راكنى تەييارلاشتا بوخەي دېڭىزىدىن چىققان راك بىر قەدەر مۇۋاپىق كېلىدۇ. بۇنى تەييارلاشتا، ئالدى بىلەن، قازانغا ئىككى سەر ئەتراپىدا ماي قۇيىمىز. ماي %70 ئەتراپىدا قىزىغاندىن كېيىن، دەريا كىچىك راكىنى قازانغا سالىمىز، سۇس ۋە ئوتتۇرا ئوتتا، كىچىك راكنى ئالدىرىماي ئون مىنۇت ئەتراپىدا داغلايمىز. ماي قىزغۇچ رەڭگە كىرگەندە، ماينى ئايرىم ئۇسۇۋېلىپ، زاپاس ئىشلىتىشكە قويۇپ قويىمىز. داغلانغان ئۇششاق راكنى ماي قەغەز ياكى قەغەز ياغلىق ئۈستىگە قويۇپ، ماينى سۈمۈرتكۈزىمىز. ئۇنى ئازراق تۇز بىلەن ئارلاشتۇرۇپ، پارچە يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ئاندىن، قازاندىكى راك مېيىنى %70 ئەتراپىدا قىزدۇرۇپ، ئوتنى ئوتتۇرا ھال ھالىتىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، زەنجىۋىل سېلىپ بىر نەچچە قېتىم  ئارلاشتۇرىمىز. ئاندىن چوڭ راكنى سېلىپ، راكنىڭ ئىككى تەرىپى قىزارغىچە قورۇيمىز. كەينىدىن، ئوتنى چوڭايتىپ، پىياز سېلىپ 5 سېكونت ئەتراپىدا قورۇيمىز. راكنىڭ پۇرىقى چىققان ۋاقىتتا، سېرىق ھاراق، جياڭيو قۇيۇپ، ئاندىن ئازراق قايناقسۇ قۇيۇپ، ئاخىرىدا، ئاق شىكەر، تۇز ۋە كاۋاۋىچىن سالىمىز، ئاخىرىدا، بىر نەچچە تېمىم ئاچچىقسۇ قۇيۇۋەتكەندە، راكقا يېڭى تەم كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭدىكى غەيرى پۇراقنى يوقىتىدۇ. ئاندىن، ئوتتۇرا ئوتتا تۇۋاقنى يېپىپ، ئىككى مىنۇت دۈملەپ، ئەڭ ئاخىرىدا چوڭ ئوت بىلەن سۈيىنى قويۇلدۇرۇپ، تەخسىگە ئېلىپ، ئۈستەلگە قويساق بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى