قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەكتەپتە ئىتتىپاقلىق گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلماقتا

2018-05-01 20:23:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 

 4- يىللىق 2- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى جىبېك (سولدىن 2- كىشى) مەكتەپكە يېڭى كىرگەندە دۆلەت ئورتاق تىلىدا سۆزلىيەلمەيتتى، ھازىر ساۋاقداشلىرى بىلەن دۆلەت ئورتاق تىلىدا بىمالال پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدى.

  بىڭتۈەن 10- شى 183- تۈەن ئوتتۇرا مەكتىپىدە 4- ئاينىڭ 13- كۈنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈنلۈك كىتاب ئوقۇۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

  183- تۈەن ئوتتۇرا مەكتىپى 1959- يىلى قۇرۇلغان، ھازىر توققۇز يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت، بىڭتۈەن جەمئىي 60 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ مەكتەپنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يىلدىن- يىلغا ئۆستۈردى.

  183- تۈەن ئوتتۇرا مەكتىپى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بىڭتۈەن، يەرلىك دەپ ئايرىماي، ئەتراپتىكى يېزا- بازارلاردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ كەلدى، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل مىللىتىدىن. 4- يىللىق 2- سىنىپتا ئوقۇۋاتقان قازاق ئوقۇغۇچى جىبېك ئايقىن ئالتاي شەھىرىنىڭ خاندىغات موڭغۇل يېزىسى جوساتى كەنتىدىن بولۇپ، خۇشال ھالدا: بىز تۈەن- مەيداندىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاشلا يېڭىدىن سېلىنغان ياتاق بىناسىدا يېتىپ ئوقۇۋاتىمىز، دېدى. يەرلىكتىكى ئوقۇغۇچىلار دۆلەتنىڭ «ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش» سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغاندىن سىرت، يەنە تۈەن- مەيداندىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش تاماق ياردەم پۇلى ۋە ئوزۇقلۇق تاماق قاتارلىق ئېتىبارلاردىنمۇ بەھرىمەن بولدى. 8- يىللىقتا ئوقۇۋاتقان قازاق ئوقۇغۇچى سالتانات مۇنداق دېدى: مەكتەپ ئائىلەمگە ئوخشاش ئىللىق، قانداق قىيىنچىلىقىم بولسا ئوقۇتقۇچىلىرىم ۋە ساۋاقداشلىرىم ياردەم بېرىدۇ، بۇ مەكتەپتە ئوقۇغىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.

  183- تۈەن ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئاز سانلىق مىللەت بالىلار بىلەن خەنزۇ بالىلار ئارىلاش ئوقۇيدۇ، ئوقۇتقۇچىلار ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا سەۋرچانلىق بىلەن دەرس تەكرارلاپ بەردى، يەنە ئائىلىسىگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ تۇردى، بىرگە بىر ياردەم بېرىش، كۆپ مەشىقلەندۈرۈش، تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش، ئىنچىكە باھالاش قاتارلىق قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش- يۆلەش تەدبىرلىرىنى قوللاندى؛ مەكتەپ يەنە ئاتا- ئانىلارغا ئېچىۋېتىش كۈنى تەسىس قىلىپ، ئاتا- ئانىلار بىلەن مەكتەپنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇردى.

  ئالتاي شەھىرى خاندىغات موڭغۇل يېزىسى دابىرخايتۇ كەنتىدىكى 37 ياشلىق دېھقان جارقىنبېك سارقىتباي 183- تۈەن ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن. ئۇ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ياخشى ئىگىلىگەچكە، ئىلمىي ئۇسۇلدا بورداقچىلىق قىلىپ تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر قىزىم 183- تۈەن ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتىدۇ، ئۆگىنىش نەتىجىسى سىنىپتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، كەلگۈسىدە كۆڭۈلدىكىدەك ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇشنى ئويلاۋاتىمەن.

  بىڭتۈەن 10- شى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ يۈشىن مۇنداق دېدى: بىز پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن شىدىكى 12 مەكتەپنىڭ يەرلىكتىكى مەكتەپلەر بىلەن قوشماقلىشىپ ئورتاق بەرپا قىلىش نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز.

    ئوقۇغۇچىلار 4- ئاينىڭ 13- كۈنى ئوچۇق دەرس ئاڭلىماقتا.

   

 مەكتەپ ئۆتكۈزگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار بىر- بىرىگە ئوقۇش قوراللىرىنى تەقدىم قىلدى. (4- ئاينىڭ 13- كۈنى تارتىلغان)

    مەكتەپ 4- ئاينىڭ 14- كۈنى ئوقۇغۇچىلارنى بېيتۈن مۇزېيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

    بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بېردىبېك 4- ئاينىڭ 14- كۈنى ئۆيىدە ئانىسىغا خەنزۇچە خەت يېزىشنى ئۆگەتمەكتە.

    يەرلىكتىن كەلگەن بالىلار تۈەن- مەيداندىكى بالىلارغا ئوخشاش تاماق ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

    سۈرەتتە: ئوقۇغۇچىلار 4- ئاينىڭ 13- كۈنى مەكتەپ ئاشخانىسىدا چۈشلۈك تاماق يېمەكتە.    

 مەكتەپ بويىچە 190 ئوقۇغۇچى ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدۇ. سۈرەتتە: تۇرمۇش ئوقۇتقۇچىسى سۇ شيۇجۈەن 4- ئاينىڭ 16- كۈنى باشلانغۇچ 1- يىللىق ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماقتا.

    مەكتەپ 4- ئاينىڭ 13- كۈنى ئاتا- ئانىلارغا ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئاتا- ئانىلارنى بالىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىدىن خەۋەرلەندۈردى.

    ئوقۇغۇچىلار 4- ئاينىڭ 13- كۈنى يېڭى گىمناستىكىنى مەشىق قىلماقتا.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى