قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى كەسپ جەھەتتىن نامراتلارنى يۆلەشتە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا يۆلەك بولدى

2018-05-02 12:52:03     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
كەسپ-- نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاساسى ھىساپلىنىدۇ. شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات گۇرۇھى شىركىتىدىن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭىدىن قۇرۇلغان قەشقەر شىنتۇ كەپتەرچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نامرات ئاھالىلارنى كەپتەر باقمىچىلىق كەسىپ زەنجىرىگە ئەڭ زور چەكتە قاتناشتۇرۇپ، قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىشىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى.
قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسىنىڭ ھەرەمباغ كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى تەۋەككۈل تۇرسۇن ئۆزى بېقىۋاتقان 96 دانە كەپتەرگە دان ۋە سۇ بېرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئىشچان ۋە تەدبىرلىك بولغان تەۋەككۈل تۇرسۇن كەپتەر بېقىش ئارقىلىق نەپكە ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: باچكىنىڭ بىرىنى 18 يۈەنگە، تۇخۇمنىڭ بىرىنى 2 يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ. بۇلارنى شىركەتتىن بىر تۇتاش سېتىۋالىدۇ. بۇلتۇر 12- ئايدا كەپتەر بېقىشقا باشلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم. ھازىرقى بېقىش كۆلىمى بويىچە ھىساپلىغاندا، بىر يىلدا 5 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلالايمەن. كەپتەر بېقىش كۆلىمىنى 500گە يەتكۈزۈپ، كىرىمىمنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش پىلانىم بار.
   2017- يىلدىن بۇيان، قەشقەر شىنتۇ كەپتەرچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى «شىركەت، تەربىيەلەش بازىسى ۋە دېھقانلارنى بىرلەشتۈرۈش» ئەندىزىسى ئارقىلىق، 340 ئائىلىلىك نامرات ئاھالىنى تەربىيەلەپ، ئۇلارغا 16 مىڭدىن ئارتۇق كەپتەر تارقىتىپ بەردى. قەشقەر شىنتۇ كەپتەرچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يەنە نامرات ئاھالىلار بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، ئۆلچەمگە يەتكەن باچكىلارنىڭ ھەممىسىنى بازار باھاسىدا سېتىۋالدى. بۇنىڭ بىلەن، كەپتەر باققان ئاھالىلارنىڭ يىللىق كىرىمى 3 مىڭ يۈەن ئاشىدىغان بولدى. قەشقەر شەھىرىنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزىسىدىكى 6 كەنتنىڭ ھەممىسىدە، قەشقەر شىنتۇ كەپتەرچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، كەپتەر بېقىش ماھىرلىرى ۋە يېزىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن كەپتەر بېقىش مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇلۇپ، كەپتەر باققان ئاھالىلارنى تېخنىكا جەھەتتە يېتەكلەش، تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولدى. شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات گۇرۇھى شىركىتىدىن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسىنىڭ ھەرەمباغ كەنتىگە چۈشكەن كەنت پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، 1- شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈنجې مۇنداق دېدى: كەپتەر بېقىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق. دەسلەپكى قەدەمدە ھىسابلىشىمىزچە، بىر قىسىم ئائىلىلەرنىڭ بۇنىڭدىن قىلغان كىرىمى 800 يۈەندىن مىڭ يۈەنگىچە بولغان. بۇ-- ئۇلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى كىرىم ھىساپلىنىدۇ. بىز تېخى نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسىدە كەپتەر بېقىشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۇلارنى نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشنى پىلانلاۋاتىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى