قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پاراۋوز ئۇچاستىكىسىدىكىلەرنىڭ دىزېل موتورنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل كەپشەرلەپ رېمونت قىلىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن لى رۇڭچى

2018-05-02 13:01:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز  خەۋىرى:
 لى روڭچى ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى ئۈرۈمچى پاراۋۇز ئۇچاستىكىسىنىڭ بىر كەپشەرچىسى بولۇپ، ئۇ خىزمەت ئورنىدا قېتىرقىنىپ ئىشلەش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تايانچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش، خىزمەتداشلىرىنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە يېتەكلەش، ھەر بىر پاراۋوزنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش ئارقىلىق، بىلىملىك، ماھارەتلىك، يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىق تېخنىك خادىمغا ئايلاندى.
 ئىلگىرى، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى ئۈرۈمچى پاراۋۇز ئۇچاستىكىسىنىڭ پاراۋۇز دىزېلى موتورىنى كەپشەرلەپ رېمونت قىلىش خىزمىتىنىڭ ھەممىسى سىرتقا ھۆددىگە بىرىلىشكە ھاۋالە قىلىناتتى. ھازىر، لى رۇڭچى قېتىرقىنىپ تىرىشىش ئارقىلىق، دىزېل موتورنى كەپشەرلەپ رېمونت قىلىش ئۇسۇلىنى ئاخىرى ئىگىلەپ، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ دىزېل موتورنى كەپشەرلەپ رېمونت قىلىش جەھەتتىكى تېخنىكا بوشلۇقىنى تولۇقلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇ دىزېل موتوردىن 140 (قېتىم) نى ئۆزى مۇستەقىل كەپشەرلەپ رېمونت قىلدى، بۇنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %100 كە يېتىپ، كارخانىلارنىڭ كەپشەرلەپ رېمونت قىلىش تەننەرخىدىن 13 مىليون يۈەندىن ئارتۇقنى تېجەپ قالدى، تېجەپ قېلىنغان ۋاقىت يىلىغا كارخانىلارنى 10.8 پاراۋوز بىلەن تەمىنلىگەنلىككە باراۋەر. ئۇ مۇنداق دېدى: «جۇڭگولۇقلارنىڭ چوڭ دۆلەتلىك ھۈنەرۋەنلىك روھىنى قانداق نامايان قىلىش ئەمەلىيەتتە ھەر بىر ئەمگەكچىنىڭ ئىش ئورنىدا ئۆز ھۈنىرىنى ئۈزۈكسىز ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى ۋە توختىماي چېنىقىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بۇ خىل روھ تۆمۈر يول ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ جېنى ھېسابلىنىدۇ».
ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىدىكى ھەر قايسى پاراۋوز ئۇچاستىكىسىدىكىلەرنىڭ دىزېل موتورنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل كەپشەرلەپ رېمونت قىلىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، لى رۇڭچى يەنە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەجرىبە توپلاش ئارقىلىق، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ «لى رۇڭچى دىزېل موتورنى كەپشەرلەپ رېمونت قىلىش خىزمەت ئۇسۇلى»، «لى رۇڭچى ئېلېكتروۋوز ئاليۇمىنلىق پانتوگراف سىيرىلما تاختىسىنى كەپشەرلەپ رېمونت قىلىش ئۇسۇلى» قاتارلىقلارنى يەكۈنلەپ چىقتى. ئۇ سېخ تېخنىكا تايانچلىرىنى يېتەكلەش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئىسمىدا نام بېرىلگەن «لى رۇڭچى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى» نى قۇرۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئۈلگىلىك ۋە يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھازىر بىر پاراۋوزنى كەپشەرلەپ رېمونت قىلىش ۋاقتى ئىلگىرىكى ئالتىدىن يەتتىگىچە خىزمەت كۈنىدىن ھازىرقى ئۈچتىن تۆتكىچە خىزمەت كۈنىگە قىسقاردى. لى رۇڭچى خىزمەت داۋامىدىكى ئەلا نەتىجىسى بىلەن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول ئەمگەك نەمۇنىچىسى، «پاراۋوز مېدالى» ۋە «ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى» قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى. بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ: دۇنيادا تەييارغا ھەييار بولىدىغان ئىش يوق. بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم كۆرەش قىلىش كېرەك، دېدى. جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەر بىر ئەمگەكچى چوقۇم خىزمەت ئورنىدا جاسارەت بىلەن كۆرەش قىلىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلىشى كېرەك. ‹قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن، تۆمۈر يول چوقۇم ئالدىدا تۇرۇش كېرەك›، بۇ ھەر بىر تۆمۈر يول ئىشچى- خىزمەتچىسىنىڭ چوقۇم ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بۇرچى ھېسابلىنىدۇ».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى