قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 دۇڭ پىڭچۈەن توختىماي كۆرەش قىلىپ قان- تەر سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ باياشات قىلدى

2018-05-02 13:07:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
دېھقان ئىشلەمچىلىك سالاھىيىتى بىلەن كۆمۈر كانغا كېلىپ دەسلىۋىدە پارتىلىتىش ئىشچىسى، ئۇنىڭدىن كېيىن كۆمۈر قېزىش ماشىنىسىنىڭ شوپۇرىدىن ھازىرقى كۆمۈر قېزىش ئەترىتىنىڭ بىر مۇنەۋۋەر باشقۇرغۇچىسىغا ئايلانغان شىنجاڭ كوكس كۆمۈرى )گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2130 كۆمۈر كان قېزىش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۇڭ پىڭچۈەن توختىماي كۆرەش قىلىپ قان- تەر سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ باياشات قىلدى.
خېنەن ئۆلكىسىدىكى يۇرتىدا دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، قۇرۇلۇش ئورنىدىمۇ ئىشلەپ باققان 32 ياشلىق دۇڭ چۈەنپىڭ 2006- يىلى 2130 كۆمۈر كېنىغا كېلىپ پارتىلىتىش ئىشچىسى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «پارتىلىتىش ئىشچىسى بولۇش قارىماققا ئاددىي بولغان بىلەن، ئەمما ئىنتايىن خەتەرلىك بىر خىزمەت، مەن بۇ خىزمەتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن تارتىپلا بۇ خىزمەتنى قانداق قىلىپ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا كۆپ ئىزدەندىم».  دۇڭ پىڭچۈەن ھەر كۈنى خىزمىەتتە ئۈزۈكسىز تەپەككۇر قىلىپ، پارتىلىتىش ئىشچىسى خىزمىتىدىكى «مۇھىم مەزمۇن» لارنى يەكۈنلەپ چىقتى. 2009- يىلى، خىزمەتتە توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن دۇڭ پىڭچۈەن كۆمۈر قېزىش ماشىنىسى شوپۇرى بولدى. يەر ئاستىدىكى 300 مېتىر كېلىدىغان جايدا، كۆمۈر قېزىش ماشىنىسى دۇڭ پىڭچۈەن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ ئەڭ يېقىن ھەمراھى بولۇپ قالغانىدى. بۇ چوڭ ‹ماشىنا› دىن پايدىلىنىپ، دۇڭ پىڭچۈەن 2012- يىلىدىن 2014- يىلىغىچە، ئەترەت ئەزالىرىنى يېتەكلەپ، كۆمۈرنى تېز سۈرئەتتە قېزىش ئۇسۇلىنى خۇلاسىلەپ چىقتى، قۇرۇلۇش سۈپىتىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بولۇش نىسبىتى %91 كە، لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %100 كە يەتتى؛ 2013- يىلىدىن 2014- يىلىغىچە، كۆمۈر قېزىش ئەتىرىتىدىكىلەر ئايرىم- ئايرىم 520 مېتىر ۋە 570 مېتىر چوڭقۇرلۇققىچە كۆمۈر قېزىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، ھەر ئايدا گۇرۇپپا بويىچە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى. دۇڭ پىڭچۈەن مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ: پەقەت كۆرەش قىلغان ھاياتلا بەختلىك ھايات ھېسابلىنىدۇ، دېدى. كۆمۈر كان مەن قان- تەر سىڭدۈرگەن جاي بولۇپلا قالماي، يەنە مېنىڭ تەقدىرىمنى ئۆزگەرتكەن جاي، مەن بۇ يەردىكى ھەممە نەرسىنى ياخشى كۆرىمەن ھەمدە بۇ يەردە داۋاملىق كۆرەش قىلىمەن».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى