قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قەشقەر ۋىلايىتى «ئاۋال داۋالىنىپ، ئاندىن ھەق تۆلەش» تۈزۈمىنى يولغا قويدى

2018-05-02 16:52:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 قەشقەر ۋىلايىتى «ئاۋال داۋالىنىپ، ئاندىن ھەق تۆلەش» تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، كېسەللەرنى دوختۇرخانىدا يېتىش پۇلىنى تاپشۇرماي تۇرۇپمۇ داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، ئاممىنى داۋالىنىش ئىسلاھاتىدىن نەپكە ئېرىشتۈردى. «ئاۋال داۋالىنىپ، ئاندىن ھەق تۆلەش»-- كېسەللەرنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشىدا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ۋە كىملىكىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، دوختۇرخانا بىلەن «ئاۋال داۋالىنىپ، ئاندىن ھەق تۆلەش كېلىشىمى» ئىمزالاپ، دوختۇرخانىدىن چىققاندا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا ئاتچوت قىلىپ بېرىلگەن قىسىمدىن باشقا، ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىغان خىراجەتلەرنى تۆلىشى، باشقا قىسمىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن دوختۇرخانىغا بىۋاستە چىقىم قىلىپ بېرىشىنى كۆرسىتىدۇ. دوختۇرخانىدىن چىققاندا، دوختۇرخانىدا يېتىش خىراجىتىنى بىراقلا تۆلىيەلمەيدىغانلارغا يەنە ياردەم بېرىلىدۇ. يەكەن ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئاتىكەم ئابلىمىت مۇنداق دېدى: دوختۇرخانىدا يېتىش خىراجىتىنى بىراقلا تۆلەشتە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بارلار نۇقتىلىق بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن تۈركۈمگە بۆلۈپ تۆلەش كېلىشىمى ئىمزالاپ، پۇلنى قايتۇرۇش ۋاقتىنى بېكىتسە بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى