قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سانجى شەھىرىدىكى مىڭلىغان كادىر- ئامما سانجى شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى چۆل- جەزىرىدە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلدى

2018-05-02 17:11:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، سانجى شەھىرىدىكى مىڭلىغان كادىر- ئامما سانجى شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى چۆل- جەزىرىدە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنى باشلاپ، سانجى شەھىرىنىڭ بۇ يىللىق قۇملۇقنى يېشىللىق بىلەن قورشاش، تۆۋەن ھوسۇللۇق يەرلەرنى ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ دەسلەپكى يوپۇقىنى ئاچتى. سانجى شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل بۇ يەرگە بىر قېتىمدىلا 105 مىڭ تۈپكە يېقىن سۆكسۆك تىكىلىدىغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ ۋەزىپە 5- ئاينىڭ باشلىرىغىچە تاماملىنىپلا قالماستىن، يەنە سۆكسۆك تىكىشكە بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق قاتناشقانلار سانى 20 مىڭ ئادەمگە يىتىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، 2020- يىلىغىچە، سانجى شەھىرى پۈتۈن شەھەرنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %20 تىن ئاشۇرۇپ، شەھەر- بازارلارنىڭ كۆكەرتىلىش نىسبىتىنى %40 كە يەتكۇزىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى