قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

85- يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان دوكتۇرنىڭ شاپتۇللۇققا باغلانغان مېھرى

2018-05-03 17:58:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
    ئەمدىلا 30 ياشقا كىرگەن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىدىن دوكتور ۋاڭ خەيرۇ ئالتۇن تۇپراققا رىشتە باغلاپ، تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى ئېتىكىدە شاپتۇللۇق بەرپا قىلىپ، ياشلىق باھارىنى ئۇرغۇتتى.
    5- ئايدا، ۋاڭ خەيرۇ پىلانلاپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان مىڭ مو شاپتۇللۇقتىن چىققان خۇش پۇراق دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. 2015- يىلىنىڭ بېشىدا، دوكتور ۋاڭ خەيرۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مەكتەپتە قېلىپ باغۋەنچىلىك پەن- تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئىشخانا ۋە تۈرلۈك تەجرىبە ئەسۋابلىرى بىلەن بىر مەزگىل تونۇشقاندىن كېيىن ئۇنىڭدا يېڭى ئوي پەيدا بولدى. شىنجاڭ دېتىيەنلى دېھقانچىلىق تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى ئېتىكىدە كەڭ كۆلەمدە شاپتۇل دەرىخى كۆچىتى تىكمەكچى بولۇپ، تېخنىكلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولدى. شۇ يىلى باھاردا، ۋاڭ خەيرۇ بۇ شاپتۇللۇققا كۆچۈپ كىردى. ئۇ مۇنداق دېدى:- مەن ئالدى بىلەن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلىدىم. بۇ خىزمەت بىر قەدەر ئاددىي، شۇ چاغدا كۆڭلۈمدە ئانچە- مۇنچە داۋالغۇشلار بولسىمۇ لېكىن بۇ يولنى تاللىغاندىن كېيىن ئىشنى بىرىنچى سەپتىن، ئاساسىي قاتلامدىن باشلىشىم، بىر كۈرەش قىلغۇچى بولۇش سۈپىتىدە تىرىشىپ ئىشلىشىم كېرەك، دەپ ئويلىدىم.
    ئۈچ يىل بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، ۋاڭ خەيرۇ تەجرىبە قىلغان سوغۇقتىن ساقلىنىش تېخنىكىسى شاپتۇل دەرەخلىرىنىڭ شىمالىي شىنجاڭدا قەھرىتان سوغۇقتا ئەي بولۇش نىسبىتىنى % 99 كە يەتكۈزۈپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ مىڭ يۈەن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.
    بۈگۈنكى كۈندە، ۋاڭ خەيرۇ شىنجاڭ دېتىيەنلى دېھقانچىلىق تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى بولدى. ئۇ يەنە ئۈچ يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، شاپتۇللۇق بەرپا قىلىنغان فۇكاڭ شەھىرى جىيۇيۈن كوچىسى بازىرىنى يېراق- يېقىندىكىلەرگە تونۇشلۇق شاپتۇل بازىرىغا ئايلاندۇرماقچى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى:- باش شۇجى شى جىنپىڭ «يېڭى دەۋر كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ زامانى، پەقەت كۈرەش قىلغان ھاياتنىلا بەختلىك ھايات، دېيىشكە بولىدۇ، دېدى. مەن تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى ئېتىكىدە تېخىمۇ كۆپ شاپتۇل دەرىخىنىڭ مېۋە بېرىپ، كۆپچىلىكنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تەملىك شاپتۇللارنى تېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن يەنىمۇ تىرىشىمەن. پەقەت ئۈزۈكسىز كۈرەش قىلىدىغانلا ھاياتىم تېخىمۇ رەڭدار، تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى