قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئېكولوگىيە باغچىسى − موڭغۇلكۈرە

2018-05-04 16:48:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 

 «تۇلپار ماكانى» موڭغۇلكۈرەدىن داڭلىق ئىلى ئېتى ۋە مەشھۇر چەۋەندازلار چىقىدۇ.

  بەزىلەر، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ئورمان ۋە ئوت- چۆپ بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %73تىن ئاشىدۇ، ناھىيەنىڭ ھەممىلا يېرى تەبىئىي گۈزەل، بۇ زېمىننىڭ گۈزەللىكى دەل ئۇنىڭ يېشىللىقىدا بولۇپ، بىزنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىمىز بۇ يېشىل تۇپراقنى ياخشى قوغداش دېيىشىدۇ.

  موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ رۈي گېپىنىڭ بېشىدىلا پەخىرلىنىش ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ئىپادىلىدى. موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى شىنجاڭدىكى بىردىنبىر چۆللۈك يوق ناھىيە بولۇپ، تەڭرىتاغ بىلەن ئويسۇن تېغىنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان. ئوت- چۆپلىرى مول، سۈيى ئەلۋەك بۇ گۆھەر زېمىندا ئارغىماقلار كىشنىشىپ، توپ- توپ بولۇپ يايلىشىدۇ. موڭغۇلكۈرە چوڭ يايلىقىنىڭ ئېكولوگىيەلىك بايلىقى ناھايىتى مول بولۇپ، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئېكولوگىيە رايونى بولغان تەڭرىتاغ يەر ئاستى سۈيىنى ساقلاش رايونى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا موڭغۇلكۈرە تاغلىرىنىڭ يېشىللىقى ۋە سۈيىنىڭ سۈزۈكلۈكىنى ساقلاش بۇ ناھىيەدىكى ھەر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ كۈرەش نىشانى بولۇپ كەلدى.

    ئېكولوگىيە قوغداش لىنىيەسىنى قاتتىق ساقلاش

  موڭغۇلكۈرەنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش مۇنداق ئۈچ لىنىيەدىن ئايرىلالمايدۇ. موڭغۇلكۈرەدە ئىككى كۆمۈركان بولۇپ، ناھىيەنىڭ يىللىق كۆمۈر ئىشلىتىش مىقدارى 100 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ. بىراق مۇھىت ئەھۋالىنى كۆزىتىش نەتىجىسىدە ناھىيە ئاتموسفېراسىدىكى ئاساسلىق بۇلغىمىنىڭ كۆمۈر قالاشتىن كېلىپ چىققان بۇلغىما ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى، قانداق قىلىش كېرەك؟ شۈ رۈي مۇنداق دېدى: بىز ناھىيەمىزنىڭ سۇ ئېلېكتىر بايلىقى مول بولۇش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، 2015- يىلى كۆمۈركانلارنى ئىشلەپچىقىرىشتىن قەتئىي توختاتتۇق، ئىدارە- ئورۇنلار ئۆز ئالدىغا پار بىلەن تەمىنلەشنى كۆلەملىك مەركەزلەشتۈرۈپ پار بىلەن تەمىنلەش ۋە توك ئارقىلىق ئىسسىتىشقا ئۆزگەرتتۇق، بۇنىڭ بىلەن موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە مۇھىت ئاسراشنىڭ تۇنجى لىنىيەسى شەكىللەندى.

  موڭغۇلكۈرە چوڭ يايلىقىنىڭ كۆلىمى 10 مىڭ موغا يېقىن بولۇپ، بېقىلىۋاتقان ئات 100 مىڭ تۇياققا يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كالا، قوي ۋە ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ قىغىدىن پەيدا بولغان ئاتموسفېرا ۋە سۇ بۇلغىنىشى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشتا ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىشكە بولمايدىغان بىر ئۆتكەل بولۇپ قالغان. شۇڭا، بۇ ناھىيە بىيولوگىيەلىك ئورگانىك ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدىن بىرنى كىرگۈزۈپ، ھەر يىلى 500 مىڭ كۇب مېتىر قىغنى «گۆھەر»گە ئايلاندۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك ئورگانىك ئوغۇت ھاسىل قىلىپ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ئىككىنچى ئېكولوگىيە لىنىيەسى بولغان يېشىل ئورگانىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى بەرپا قىلغان.

  شۈ رۈي مۇنداق دېدى: كانلارنى تۈزەش ئۈچىنچى لىنىيە ئىدى. 2017- يىلى قۇم- شېغىل كارخانىسىدىن 13نى، كاندىن ئۈچنى تاقاپ، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بۇلغىنىشنى مەنبەسىدىن ئۈزۈل- كېسىل توسۇپ، موڭغۇلكۈرەدە ساپ، پاكىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بەرپا قىلدۇق.

  ئۈچىنچى لىنىيەنىڭ بەرپا قىلىنىشى بىلەن موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ يېڭى يولىغا كىردى. بۈگۈنكى كۈندە موڭغۇلكۈرەدە شەھەر- بازارلاردىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە يېشىللىق كۆلىمى 12.24 كىۋادرات مېتىرغا، يەر ئاستى سۈيى سۈپىتىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %100كە يەتتى، ھاۋا سۈپىتى مەملىكەتنىڭ 2- دەرىجىلىك ئۆلچىمىدىن يۇقىرى بولدى.

  شۈ رۈي مۇنداق دېدى: بىز 2012- يىلىدىن بۇيان، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، ناھىيە بويىچە جەمئىي 720 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا ئىشلەتتۇق، ھەر يىلى ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشقا سېلىنغان ئوتتۇرىچە مەبلەغ ناھىيە مالىيە كىرىمىنىڭ %5تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ناھىيە بويىچە ئالاقىدار مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلارنىڭ 13 كەسپىي تايانچىسىنى ئاجرىتىپ، مۇھىت ئاسراش ۋە ساياھەت بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتى تەشكىللەپ، قۇرۇلۇش تۈرىدىكى مۇھىت ئاسراشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر بىر قۇرۇلۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى ئالدىن قانات يايدۇرۇپ، ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىپ، مۇھىت تەسىرىگە بېرىلگەن باھانى ئىجرا قىلىش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزدۇق.

  2013- يىلى 10- ئايدا، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى باشلامچى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى قىلىپ بېكىتىلدى؛ 2015- يىلى 4- ئايدا، بۇ ناھىيە يەنە مەملىكەت بويىچە ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى قىلىپ بېكىتىلدى؛ 2016- يىلى 1- ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە شىنجاڭدىكى ئېكولوگىيەلىك ناھىيە، دەپ رەسمىي نام بەردى. موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ گاڭ مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا باشتىن- ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ كەلدۇق.

    ياخشى ئېكولوگىيە يېڭى تەرەققىيات ئاتا قىلدى

  موڭغۇلكۈرەلىكلەر بىر قولدا مۇھىت ئاسراشنى، بىر قولدا تەرەققىياتنى تۇتتى. موڭغۇلكۈرەدىن ئىبارەت بۇ پاكىز زېمىن كىشىلەرگە گۈزەللىك تۇيغۇسى بېغىشلاپلا قالماستىن، بەلكى مول ساياھەت ئۈنۈمى ئېلىپ كەلدى.

  2017- يىلى 5- ئايدا، چوڭ شەھەردىكى مۇقىم خىزمىتىنى تاشلاپ، يۇرتى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى قاراسۇ رايونى ئاقچى يايلىقىغا قايتىپ كەلگەن گۆھەر ئىسكىلمىس بۈگۈنكى «شيۇيۈەن» ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇنىي ئىگىسىگە ئايلاندى. گەپدان بۇ قىز مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ناھىيەمىزدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ياخشى قوغدالدى، يۇرتىمىزنىڭ يايلىقى بارغانسېرى گۈزەللەشتى، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىدىغان ياخشى سىياسەتلەرنى تۈزۈپ يولغا قويدى، شۇڭا مەندە يۇرتۇمغا قايتىپ ساياھەت شىركىتى قۇرۇش ئويى پەيدا بولدى.

  گۆھەر ئىسكىلمىس 5- ئايدا شىركەتنى قۇرۇپ، 7- ئايدا ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. ئۇنىڭ كەنتىدىكى 72 ئائىلىلىك چارۋىچىنىڭ ئىچىدە 20 ئائىلىلىك نامرات چارۋىچى «چارۋىچىلار شادلىقى ئارامگاھى» ئاچتى. 71 ياشلىق بوۋاي ئۇلجان كېرىمنىڭ ئۆيىدە ئەسلىدە بەش كالا ۋە ئون نەچچە ئات بار بولۇپ، تۇرمۇشى غورىگىل ئۆتەتتى. بۇلتۇر ئۇ ئائىلىسىدىكى 150 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيىنى «چارۋىچىلار شادلىقى ئارامگاھى»غا ئۆزگەرتىپ، كۈتۈۋېلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر قانچە ئايدا 60 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدى. بوۋاي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئائىلەمنىڭ ئەھۋالى ياخشىلاندى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن.

  موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى تېغى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولۇشتەك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ئېكولوگىيە ساياھىتىنى ناھىيەنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي لىنىيەگە ئايلاندۇردى. يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا شۆھرەت قازانغان ئاتچىلىق كەسپى موڭغۇلكۈرەنىڭ ساياھەتچىلىكىگە ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى.

  موڭغۇلكۈرەنىڭ «تۇلپار ماكانى» دېگەن نامى بولۇپ، ياخشى ئىكولوگىيەلىك مۇھىت تۇلپارلارنى شادلىق باغچىسىغا ئىگە قىلدى. موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى چارۋىچىلىق 1- ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئاتغال نۇرغالى پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چارۋىچىلىق 1- ئەترىتىدىكى ئاتلارنىڭ بېقىلىش مىقدارى سىجىل ئۆرلىدى. چارۋىچى ئۇلانبايىر باتبايىرنىڭ ئائىلىسىدىكى ئاتلارنىڭ سانى بىر قانچە يىل بۇرۇنقى ئون تۇياقتىن ھازىرقى 30 تۇياققا يەتتى، 2017- يىلى ئۇنىڭ ئات بېقىشقا تايىنىپ قىلغان كىرىمى 20 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

  سېرىق چېچەكلىك قىچىزارلىق قاتارلىق خۇش پۇراق تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەر تېرىقچىلىقى موڭغۇلكۈرەدە دەسلەپكى كۆلەمگە ئېرىشتى. بۈگۈنكى كۈندە موڭغۇلكۈرەدە ئېكولوگىيە ساياھىتى، ئىلى ئېتى، ئەلا سۈپەتلىك نەسىللىك چارۋا ۋە يېشىل ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ ساياھەت تەرەققىيات بايلىقى شەكىللەندى. شۈ رۈي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىر قانچە يىلدىن بۇيان، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى كانلارنى تاقاش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە تۆۋەنلەپ كەتمەي ئەكسىچە بارغانسېرى ئۆرلىدى. 2018- يىلىنىڭ بېشىدىكى ئىستاتىستىكىلىق مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، 2017- يىلى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 4 مىليارد 590 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %9.5 ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى بەش يىل بۇرۇنقىنىڭ 1.6 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن.

  بۇ يىل ئەتىيازدا، گۆھەر ئىسكىلمىس ساياھەتچىلىكنىڭ ئارىسال ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئالتاي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ساياھەتچىلىكنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: موڭغۇلكۈرە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش نەتىجىلىرى بىلەن ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى، مەن بۇ يىل ساياھەت شىركىتىدە چوڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى موڭغۇلكۈرەنىڭ تېخىمۇ گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن، بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل.

  «نۇر گېزىتى»دىن مەمەت تۇراپ تەرجىمىسى

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

    موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ئورمان، ئوت- چۆپ بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولغانلىقتىن، ساياھەتچىلىكتىكى جەلپ قىلىش كۈچى زور

.

    موڭغۇلكۈرەدىكى دۇنياغا داڭلىق ساياھەت رايونى − شوتا قەدىمكى يولى. (سۈرەتلەرنى مۇخبىرىمىز ئۆركەش جاپپار تارتقان)

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى