قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېشىل ئورگانىك ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كەسپىگە ئۆزىنى بېغىشلىغان چېن ۋاڭ

2018-05-04 14:26:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
  قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى «تاڭدۇن» مېۋىلىك بىغىنىڭ مەسئۇلى چېن ۋاڭ يېشىل ئورگانىك ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كەسپىگە ئۆزىنى بېغىشلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى بەرپا قىلىپلا قالماي يەنە ئەتراپتىكى دېھقانلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.
 «تاڭدۇن» مېۋىلىك بېغى  5- ئاي كىرىشى بىلەن ھاياتىي كۈچكە تولدى. ئۈزۈم تاللىرىدىكى يۇمران يېشىل نوتىلار بىخ سۈرۈشكە باشلىدى. چېن ۋاڭ باشقا باغۋەنلەر بىلەن بىرلىكتە ئۈزۈم تاللىرىنى باراڭغا ئېلىپ، ئارتۇق شاخلىرىنى پۇتاپ، پەرۋىش قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى.
  ئون يىللىق بىلىم ئاشۇرۇش ۋە مەبلەغ جۇغلاش ھەمدە كۆپ تەرەپتىن كۆزىتىش ئارقىلىق، 2014- يىلى چېن ۋاڭ قۇتۇبى ناھىيەسىگە كېلىپ يېشىل ئورگانىك ئۈزۈم تېرىقچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشقا باشلىدى. چېن ۋاڭ مۇنداق دېدى: «مەن ئۈزۈمزارلىقىمنى ئۆلچەملىك تېرىقچىلىق ئەندىزىسى بويىچە باشقۇردۇم. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق مەن بازارنى يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە تەننەرخنى تېجەپ قالالىدىم».
  ئۈچ يىلدىن بۇيان، «تاڭدۇن» مېۋىلىك بېغى «شىركەت + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقانلار + بازار» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قۇتۇبى ناھىيەسى ۋۇگۇڭتەي بازىرىدىكى داچۈەن، شياۋچۈەن ۋە شىجۇخۇ كەنتىدىكى 120دىن كۆپ باغۋەننىڭ يېشىل ئورگانىك ئۈزۈم تېرىقچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا تۈرتكە بولدى. بىر قىسىم باغۋەنلەر «تاڭدۇن» مېۋىلىك بېغىدا تېرىش ۋە باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۆگەندىن كېيىن، ئۆزلىرى ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىدى. قۇتۇبى ناھىيەسى ۋۇگۇڭتەي بازىرى بەخت كەنتىدىكى دېھقان شى يەن مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ھازىر يىلىغا قىلىدىغان كىرىمىم 70 مىڭدىن يۈەندىن ئاشتى. مەن يەنە سىرتتا 400 مو يەرنى ھۆددىگە ئالدىم».
  كۆرەش قىلىش ئارقىلىق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق بەختكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ھازىر «تاڭدۇن» مېۋىلىك بېغىدا ھەر يىلى يېشىل ئورگانىك ئۈزۈمدىن 2 مىڭ 400 توننا ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ يىللىق پايدىسى 20 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. چېن ۋاڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ: پەقەت كۆرەش قىلغان ھاياتلا بەختلىك ھايات ھېسابلىنىدۇ، دېدى. مەن كۆرەش قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئەتراپىمدىكى كىشىلەرگىمۇ بەخت ئېلىپ كېلىشنى، ئۇلارنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش كۆرەش قىلىش ئارقىلىق، يېڭى تىپتىكى ئىگىلىك تىكلەش يولىدا داۋاملىق ئالغا قاراپ مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى