قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياشلار بايرىمى

2018-05-04 17:19:58     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1919- يىلى بۈگۈنكى كۈندە، «4- ماي» ھەرىكىتى پارتلىغان. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 13 مەكتەپتىكى 3 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تىيەنئەنمىن ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش قىلغان. بېيجىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى جايلاردىكى ياشلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ھىسداشلىقىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئوقۇغۇچىلار ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ ئوتى پۈتۈن مەملىكەتكە تۇتۇشۇپ، مەملىكەت خاراكتېرلىك جاھانگىرلىككە قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىگە ئايلانغان. 1939- يىلى بۈگۈنكى كۈندە «4- ماي » ھەرىكىتىگە 20 يىل بولغاندا، شەنشى- گەنسۇ- نىڭشا چىگرا رايونىدىكى غەربىي شىمال ياشلار ۋەتەننى قۇتقۇزۇش بىرلەشمىسى «4- ماي» ھەرىكىتىدىن بۇيانقى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ شەرەپلىك ئىنقىلاۋى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرش ئۈچۈن، 5- ئاينىڭ 4- كۈنىنى جۇڭگو ياشلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى 1949- يىلى 12- ئايدا رەسمىي ھالدا 5- ئاينىڭ 4- كۈنىنى جۇڭگو ياشلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى