قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بورتالا شەھىرىدىكى خەلق ساقچىسى تۆرۋات گو جۇڭيۈ ئانىنىڭ ئوغلى بولۇپ قالدى 

2018-05-04 18:01:51     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

4 -ئاينىڭ 19- كۈنى بورتالا شەھىرى چىندېل بازىرى ئامىبناباگ كەنتىدىكى گو جۇڭيۈ ئانا ئەتىگەندىلا بورتالا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە كېلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى، پارتىيە بىلەن ئامىمنىڭ قەلبى بىر تۇتاش» دېگەن خەتلەر يېزىلغان بايراقنى بورتالا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ليۇ چىڭخاۋنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ  ھاياجانلانغان ھالدا: «سىلەر ماڭا بىر ياخشى ئوغۇل بەردىڭلار، سىلەرگە قانداق رەھمەت ئېيتىشنى بىلمىدىم، بىر نەرسە بەرسەم ئالمايدىكەنسىلەر. شۇڭا، بايراق تەقدىم قىلىپ، سىلەرگە رەھمىتىمنى بىلدۈرەي دېدىم» دېدى.
  گو جۇڭيۈ تىلغا ئالغان بۇ ياخشى ئوغۇل تۆۋات بورتالا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ خەلق ساقچىسى. ئۇ 2016- يىلى 10- ئايدا گو جۇڭيۈ بىلەن تۇققانلاشقان.
  تۆرۋات بۇ ئائىلە بىلەن تۇققانلاشقاندىن كېيىن، گو جۇڭيۈ ئانىنىڭ يولدىشىنىڭ تۈگەپ كەتكىنىگە ئۇزۇن يىللار بولغانلىقى، ئۇنىڭ قولى نورمال ھەرىكەت قىلالمايدىغان چوڭ ئوغلى بىلەن بىرگە ئون نەچچە مو يەرنى تېرىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئوغلىنىڭ توي قىلىپ بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ سىرتتا خىزمەت قىلىدىغانلىقى، خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا پەقەت ئارام ئالغان چاغلىرىدىلا ئۆيىگە قايتالايدىغانلىقىنى بىلدى. تۆرۋات بۇ ئائىلە بىلەن تۇققان بولغان كۈندىن باشلاپ، مەيلى قار شىۋىرغانلىق ۋە ياكى پىژغىرىن ئىسسىق كۈنلەردە بولسۇن گو جۇڭيۈ ئانىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشنى توختىتىپ قويمىدى.
  2018- يىلى چاغان ھارپىسىدا، تۆرۋات گو جۇڭيۈ ئانا بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، مەقسەتسىز ھالدا ئۇنىڭغا بورتالا شەھىرىدىكى بىر سودا سارىيىنىڭ گېپىنى قىلىپ بەردى. گو جۇڭيۈ ئانا ئەزەلدىن ئۇ يەرگە بېرىپ باقمىغان ئىدى. سودا سارايدا يەنە كىنو كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان گو جۇڭيۈ ئانا بۇنىڭغا بەكلا قىزىقىپ قالدى. گو جۇڭيۈ ئانا كىنو كۆرۈشكە ئامراق بولسىمۇ ئەزەلدىن كىنوخانىغا بېرىپ باقمىغان ئىدى. 2- ئاينىڭ 12- كۈنى تۆرۋات گو جۇڭيۈ ئانىنى بۇ سودا سارىيىغا ئېلىپ كېلىپ بىللە كىنو كۆردى، ئويۇن ئوينىدى. ئۇ كۈنى گو جۇڭيۈ ئانا كىچىك بالىدەكلا خۇشال بولۇپ كەتتى. تۆرۋات: «ئالدىراش بولمىساملا گو جۇڭيۈ ئانىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىمەن، ئۇنىڭغا ياردەملىشىش ئادىتىمگە ئايلاندى» دېدى. ئەتىيازدا تۆرۋات گو جۇڭيۈ ئانىنىڭ ئىقتىسادى كىرىمىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا چۆجە ئەكىلىپ بەردى، بۇ ئائىلىنىڭ قىشنى ئىسىسىق ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن بىر ئاپتوموبىل كۆمۈر چۈشۈرۈپ بەردى.
  4- ئاينىڭ 17- كۈنى تۆرۋات ئىلگىرىكىدەكلا ئىشتىن چۈشۈپ گو جۇڭيۈ ئانىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ ھويلىسىدىكى يەرنى تۈزلەپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارغا ئائىلە يىغىنى ئاچتى.
  ئۇ: «گو ئانا، سىزمۇ ياشىنىپ قالدىڭىز، ئاكام ئىككىڭلار يەرگە تايىنىپ ئۆتسەڭلار ھېچقانچە كىرىم قىلالمايسىلەر، يەرنى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىگە ھۆددىگە بېرىۋىتەيلى، ئاكام شەھەرگە كىرىپ ئىش تېپىپ ئىشلىسۇن، شۇنداق قىلساق كىرىممۇ كۆپىيىدۇ» دېدى.
  گو جۇڭيۈ ئانا: «تۆرۋات، سىزنىڭ دىگىنىڭىزغۇ ئورۇنلۇق، ئاكىڭىزدىن ئەنسىرەپ قالىدىكەنمەن» دېدى.
  گو جۇڭيۈ ئانىنىڭ چوڭ ئوغلى تۆرۋاتنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ: «ئانا مەن قىلالايمەن، ئىككى كۈن ئاۋۋال بىر دوستۇم ماڭا شەھەردىكى بىر كارخانىنىڭ ئىشچى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئېدى. سىناپ باقايمىكىن دەپ تۇرغان ئىدىم» دېدى.
  گوجۇڭيۈ ئانا :«ئۇنداق بولسا سىناپ باقايلى» دىدى ئىككىلىنىپ تۇرۇپ.
  تۆرۋات: «يەنە بىر ئىش- بۇلتۇرقى كۆممىقوناق بەكلا قۇرۇپ كېتىپتۇ. بۇ بىر قانچە كۈندىن بۇيان بۇنىڭغا خىرىدار ئىزدىدىم، ئەمما نەرخى بەكلا تۆۋەن بولىۋاتىدۇ. شۇڭا، ھازىرچە ساتماي تۇرايلىمىكىن، بىر قانچە كۈن قاراپ باقايلى» دېدى.
  گو جۇڭيۈ ئانا: «سىز بولغاندىكىن مەن خاتىرجەم » دېدى.
  گو جۇڭيۈ ئانىنىڭ نەزىرىدە، تۆرۋات ئۇنىڭ 4- ئوغلى بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ ئۇچرىغانلا ئادەمگە: «پارتىيە، ھۆكۈمەت ماڭا ياخشى بىر ئوغۇل بەردى» دەيتتى. تۆرۋات ئۆيگە كەلگەن كۈنلىرى، ئۇنىڭغا ئۇ ياخشى كۆرىدىغان تاماقلارنى ئىتىپ بېرەتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى