قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭ فىزىكا-خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنى كۆپ تىللىق ئۇچۇر تېخنىكىسى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جۇ شى ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئەجرى بىلەن كۈرەش مېلودىيەسى ياڭراتتى

2018-05-07 19:52:34     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  ئىستانسىمىز خەۋىرى:
  شىنجاڭنىڭ ئۇچۇر-تېخنىكا ساھەسىدىكى ياش باشلامچى ئىختىساسلىق خادىم، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا-خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنى كۆپ تىللىق ئۇچۇر تېخنىكىسى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جۇ شى ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئەجرى بىلەن كۈرەش مېلودىيەسى ياڭراتتى.
  يېقىندىن بۇيان، جۇ شى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىرى چوڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئانالىز قىلىشقا ئالاقىدار بىر تۈرنى قانات يايدۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولدى. بۇ تۈر تاماملانغاندىن كېيىن، ھەر قايسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بولغان خادىم ئىشلىتىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئەتكىلى بولىدۇ. جۇ شى مۇنداق دېدى: ــــ باش شۇجىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئىلمىي ماقالىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ھەر بىر كود نومۇرى، ھەر بىر تۈردە پۇقرالار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، پۇقرالارغا ھەقىقىي مەنپەئەت يەتكۈزىمىز.
  2002- يىلى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسپىرانتلار شۆيۈەنىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىدە، ئاسپىرانتلىقنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان جۇ شى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى مەسئۇل بولغان دۆلەتلىك تەتقىقات تېمىسىغا قاتنىشىپ، شىنجاڭنى يۇمشاق دېتال تىرىكى ۋە بايلىقنى ئىشلىتىش-باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. جۇ شى ھېچقانداق تەجرىبىسى ۋە ئۆرنەك ئالغۇدەك ماتېرىياللار بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، تەتقىقات ئەترىتىنى تەشكىللەپ تەتقىقاتنى قانات يايدۇردى. بىر يېرىم يىل تىرىشىش ئارقىلىق تەتقىقات تاماملانغان بولسىمۇ، سىستېما مۇقىم بولمىغانلىقتىن ئىشقا كىرىشتۈرگىلى بولمىدى. جۇ شى مۇنداق دېدى: ـــ شۇ چاغدا روھىم چۈشكۈنلىشىپ، ئۆزۈمنى بۇ ئىشقا ماس كەلمەيدىغاندەك، بۇ كەسپنى خاتا تاللاپ قالغاندەك ھېس قىلدىم.
  يىقىلغان يەردىن قوپۇش كېرەك. ئىشخانىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جۇ شى يەنە بىر مىليون قۇرغا يېقىن كودنى بىرمۇبىر قايتا تەكشۈرۈپ رەتلەپ، ئاخىرى مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى تېپىپ چىقىپ، بىر-بىرلەپ تۈزەتتى. بىر ئايدىن كېيىن، سىستېما ئوڭۇشلۇق ھالدا توردا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى ھەم شۇ يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ پەن تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يىلدا، جۇ شى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇرغۇن مۇھىم پەن تەتقىقات تۈرلىرىگە قاتنىشىپ، كۆپ قېتىم دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتىغا ھەم «شىنجاڭدىكى مۇنەۋۋەر ياش پەن-تېخنىكا ئىختىساس ئىگىسى» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى. جۇ شى مۇنداق دېدى: ــــ بۇ ئىشنى قىلغانىكەنمەن، چوقۇم ياخشى قىلىشىم كېرەك. بىر پەن-تەتقىقات خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۈزۈكسىز كۈرەش قىلىپ، پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچى ئارقىلىق باش نىشانغا تۆھپە قوشىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى