قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مۇھەببەت نىمىدىن قورقىدۇ؟

2018-05-07 20:41:16     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بى شۇمىن

 
  مۇھەببەت ناھايىتى نازۇك، نادان ۋە ئەخمەق كىلىدۇ. ئۇنىڭ قورقىدىغان نەرسىلىرى ناھايىتى كۆپ.   مۇھەببەت-- يالغانچىلىقتىن قورقىدۇ. بىز ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغان ۋاقتىمىزدا، يالغاندىن ياخشى كۆرگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىشىمىز-- ناھايىتى ئازابلىق ۋە نەس باسقان بىر ئىش. ناۋادا بىرەرسى بايقاپ قالسا، ئۇ ھالدا بىز ساختىپەزگە ئايلىنىپ قالىمىز. ئەگەر سىز باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان بولسىڭىز پۇلنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ. ئەمما، سىز باشقىلارنىڭ مۇھەببىتىنى ئالدىسىڭىز، ئۇ ھالدا سىز بىر گۇناھكار ئىنسانغا ئايلىنىپ قالىسىز. ئەگەر باشقىلار سىزنىڭ يالغانچىلىقىڭىزنى بايقىيالمىسا، ئۇ ھالدا تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولىدۇ. ئەگەر سىز بىر ۋىجدانىنى يوقاتقان ئادەم بولسىڭىز مەيلى، ئۇنداق بولمايدىكەن، ۋەدە قىلغان ساختا مۇھەببىتىڭىز ھەمدە قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى يوقالغان سۆيگۈ-- سىزگە مـەڭـگۈ ئارامچىلىق بەرمەيدۇ.
  مۇھەببەت-- سۈكۈتتىن قورقىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر مۇھەببەت قانچە چوڭقۇرلاشقانچە سۆز شۇنچە ئاز بولىدۇ، دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مۇھەببەت ئۇ تەسۋىرلەش ناھايىتى تەس بولغان بىر خىل ھېسسىيات. ئۇ ئېنىق ئىپادىلەش ۋە ئۆز- ئارا يەتكۈزۈشكە ئېھتىياجلىق. مۇھەببەت ھەركەتنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما، مۇھەببەت ئۇ پەقەت ھەركەت بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭغا يەنە ئىللىق سۆز ۋە مېھىر- شەپقەت قوشۇلغاندا، تېخىمۇ مۇكەممەل بولىدۇ. ئىلگىرى دوستلۇرۇم بىلەن بىرلىكتە بىر سىناق ئېلىپ بارغان ئىدۇق. قەلبى ئۆزگىچە تويغۇلارغا باي بىر نەچچەيلەننى چىراي ئىپادىسى ۋە قول ئىشارىتى قىلدۇرۇپ، ئۇنى پەقەت چۈشەنمەيدىغان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى بىلىپ بېقىشنى ئېيتتۇق. سىناققا قاتناشقانلار خۇشاللىق بىلەن بۇنى قوبۇل قىلدى ۋە قارشى تەرەپ دېمەكچى بولغان ھەر قانداق مۇددىئانى بىلەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. سىناق نەتىجىسىدە، چىراي ئىپادىسى ۋە قول ئىشارىتىنىڭ مەنىسىنى ھەقىقىي تېپىپ چىقالايدىغانلار يوق دېيەرلىك بولدى. بىر تەرەپ چىرايىدا بارلىق مېھرى- مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەن ۋاقىتتا، يەنە بىر تەرەپ ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ ئاجايىپ- غارايىپ نەرسىلەرنى پەرەز قىلدى. يەنى، ئۇنىڭ ھېسسىياتىنى قورۇنۇش، خىيالغا پېتىش، مىسكىنلىك دەپ ئىپادىلىدى...
  شۇ ۋاقىتتا، بىر ئايال ناھايىتى ئىشەنچ بىلەن بېشىنى ئىگىپ تۇرۇپ بىر ئىپادىنى قىلدى. مەن بىلەن يەنە بىر ئايال ئۇنىڭغا قاراپ ھاڭۋېقىپ تۇراتتۇق. ئىككىمىز بىر- بىرىمىزگە قارىۋەتكەندىن كېيىن، تەڭلا: «سىز ئۆزىڭىزنى كېشەنلىمەكچى!» دېدۇق. ئۇ كۆزىنى چەكچەيتكىنىچە بىزگە: «شۇمۇ گەپمۇ! سىلەر نېمانچە دۆت؟ شۇ تاپتا قەلبىمگە مېھىر- مۇھەببەت تولغان!» دېدى. بىز ئۆزىمىزنىڭ ھاماقەتلىكىمىزدىن قاتتىق ئۇيالدۇق. ئەمما، بىز ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىغىچە، ئۇ بىردىنلا ئېسىنى تاپقاندەك: «ھە ئەسلىدە مۇنداق ئىكەندە! دائىم ئوغلۇمغا قارىغان ۋاقتىمدا، ئۇ خاتىرجەمسىزلىنىپ، ئاپا، يەنە بىرەر ئىشنى خاتا قىلدىممۇ، نىمىدىن غەم قىلىۋاتىسەن؟ دەپ سورايدىغىنى بىكار ئەمەسكەندە» دېدى.
  مۇھەببەت ئەنە شۇنداق ئىپادىلەشكە مۇھتاج. ئۇ خۇددى توكى تېز تۈگەيدىغان ئېلىكتىر سايمىنىغا ئوخشاش، ھەر كۈنى لىققىدە توك تولۇقلاپ تۇرۇشقا مۇھتاج. قايتا- قايتا ۋە يېڭىچە سۆز- ئىبارىلەر بىلەن مۇھببىتىڭىزنى ئىپادىلەشنى ئۇنۇتماڭ. مۇھەببەت ئۇ-- بىر خىل قەيسەرلىك ۋە ئەقىل- پاراسەتكە تولغان سەنئەت.
  مۇھەببەت-- ئىككىلىنىشتىن قورقىدۇ. مۇھەببەت ئۇ خىجىلچان ۋە چېچەن. سەللا بىخەستىلىك قىلىنسا ئۇ قارماقتىكى يەمنى يەۋېىلىپ قېچىپ كېتىشى مۇمكىن. مۇھەببەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى كۆپ ھاللاردا يىنىككىنە سوقۇلۇش ۋە ئۈركۈگەن تۇرنىدەك تارتىش كۈچىدىن باشلىنىدۇ. مۇھەببەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئەقىل كۆزى بىلەن ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىنى تونۇش-- ئۇ بىر خىل ئىقتىدار، ئەڭ مۇھىمى بىر خىل كەسكىنلىك. مۇھەببەت ئۇ بىر خىل كەسىپ، ئۇ بىر خىل بارلىقىنى ئاتاش جەريانى. بىر ئادەمنى ياخشى كۆرگەندە، ئۇنى كەسكىنلىك بىلەن قوغلۇشۇڭ. بارلىقىڭىزنى ئاتاپ پىداكارلىق كۆرسىتىڭ. ئېتىقادىڭىزدىن ئۆلگىچە ۋاز كەچمەڭ!
  مۇھەببەت-- كەسكىن بولماسلىقتىن قورقىدۇ. يا ئۇنى ياخشى كۆرۈش، يا بۇنى ياخشى كۆرۈش كېرەك. «تولۇق بولۇش ياكى يوق بولۇش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش لازىم. مۇھەببەت پۈتۈن زىمىننى قاپلىشى، بىرەر بۇلۇڭ- پۇشقاقمۇ بوش قالماسلىقى كېرەك. ياخشى كۆرمىگەندىن كەسكىنلىك بىلەن ۋاز كېچىپ، يامان ئىشتىن ۋاقتىدا قول ئۈزۈشمۇ بىر خىل ئاقىلانىلىك. ئىككىلىنىش-- ئۆزى ۋە باشقىلارغا قىلىنغان مەسئۇلىيەتسىزلىك.    مۇھەببەت-- قۇم ئۈستىگە مۇنار سېلىشتىن قورقىدۇ. ئۇنداق مۇھەببەت مەيلى قانچىلىك نەپىس ۋە سۈزۈك بولىشىدىن قەتئىينەزەر گاھ كۆتۈرۈلۈپ، گاھ پەسىيىپ، ئاخىرىدا قېپ قالغىنى پەقەت مەرۋايىتى يوق قۇلۇلە قېپى ۋە يىلتىزى يوق سۇ ئوتىغا ئوخشاش ئىشەنچىسىز بولىدۇ.   مۇھەببەت-- مەنبەسى يوق سۇغا ئوخشايدۇ. ئۇ-- قۇملۇقتىكى دەريا، ئۇ-- پەقەت نۇر چاقناپ تۇرغان غايىبانە مەنزىرە، قۇملۇقتا يەنە قانچىلىك مەۋجۈت بولۇپ تۇرالايدۇ، دەيسىز؟ قۇملۇقتا بوران چىققاندا، ئەڭ بۇرۇن قۇرۇيدىغىنى يەنىلا كۆز يېشىدىن ھاسىل بولغان تۇزلۇق كۆلدىن ئىبارەت.    مۇھەببەت-- ساختىلىقتىن قورقىدۇ. سەمىمى ئادەملەرنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى بەلكىم ئۇنچىلىك چىرايلىق، تۇرقى كۆزنى چاقنىتىدىغان بولماسلىقى مۇمكىن. نەپىس گۈزەللىك يوق، دەبدەبىلىك سۆزلىرىمۇ يوق. ئەمما، ئۇنىڭدا ئەسلىدىنلا بار بولغان سۈپەت كاپالىتى بار. ھەقىقىي مۇھەببەت يېرىم يولدا توكى ئۈزۈلۈپ قېلىش ياكى مەشغۇلاتتىن توختاپ قېلىش ئەھۋاللىرىدىن خالىي بولالمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ رېمونت كاپالەت تالونى بار. ئۇ بولسىمۇ-- ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىغا يېزىلغان ئىككى يۈرەكنىڭ بىر- بىرىگە بەرگەن ۋەدىسى.
  مۇھەببەت-- ئۇ بىر مۇكەممەل گەۋدە. ئۇ بۆلىنىشتىن قورقىدۇ. ئۇ خۇددى پولات ئەينەككە ئوخشايدۇ. ئاسان سۇنمايدۇ، سۇنسا قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.    مۇھەببەت-- ئۇ كاكتۇس گۈلىگە ئوخشايدۇ. كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقىچە يوقاپ كېتىشتىن قورقىدۇ. ئۇ ئەتىگەندىن كەچكىچە قىزغىن ھېسسىيات ئىچىدە بولمىسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، مۇھەببەت ئۇ ئەجىر قىلساڭ غورىدىن ھالۋا پىشار، دېگەندەك ئۇزاق ۋاقىتتا سىنىلىدۇ.    مۇھەببەت-- ئۇ تەڭ تەقسىم قىلىشنى خالىمايدۇ. مۇھەببەتنىڭ سىم ئارغامچىسىدا، پەلەك شاھىنى دوراپ، خەتەرلىك ھەركەتلەرنى قىلىشقا بولمايدۇ. ئارغامچا ئۈستىدە لەپەڭشىپ، ۋاقىتلىق چۈشۈپ كەتمىگەندىمۇ، ئەمما، تۇيۇقسىز چىققان بوران سىزنى ئىگىزدىن بىراقلا چۈشۈرۈپ، كۈكۈم تالقان قىلىۋېتىشى مۇمكىن. ئەڭ ئاقىلانە، ئەڭ ئىشەنچىلىك ئۇسۇل يەنىلا تېزلىكتە ئىگىز بوشلۇقتىن تېزلىكتە يەرگە قايتىپ چۈشۈپ، پاتقاق يولدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرۇشتىن ئىبارەت. 
  مۇھەببەت- قەستەنلىكتىن قورقىدۇ. مۇھەببەتنىڭ چاچلىرى پاخپايسا، ئاددىي كۆڭلەك كېيسە، قاتتىق- قۇرۇق تاماق يېسە، كوچىلاردا سەرگەردان بولسا بولىدۇ. ئەمما، پەقەت ھەقىقىي مۇھەببەت بولسىلا، مۇھەببەت كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.      مۇھەببەتنىڭ كۆزى قارغۇ، ئۇ ھەممە نەرسىگە رومانتىك كۆز بىلەن قارايدۇ. مۇھەببەتنىڭ قۇلىقى گاس، ھەممە ئاۋازلار ئۇنىڭ قۇلىقىغا بۇلبۇللار ناۋا قىلغاندەك ئاڭلىنىدۇ. مۇھەببەت ئادەمنى بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشقا ئىگە قىلىپ، ھەممە نەرسىگە ئاسانلا ئىشىنىدىغان قىلىپ قويىدۇ. مۇھەببەت ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىپ، ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. مۇھەببەت خارابلىشىشتىن ئەڭ قورقىدۇ. ئۇ كۈندە كۈچلۈك ھېسسىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئوكۇل قىلىشقا مۇھتاج. ئۇ يەنە چوڭقۇر ھاڭغا، كۈچلۈك دولقۇنغا ئوخشايدۇ.
  مۇھەببەت توغرىلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئۇنداقتا، مۇھەببەت زادى قەيەردە؟
  مۇھەببەت دۇنيادىكى ئەڭ مۇستەھكەم ئەستە ساقلاش مىتالىغا ئوخشاش يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا ئېرىپ كەتمەيدۇ، تۆۋەن تېمپىراتۇرىدا يېرىلمايدۇ. مۇھەببەتتىن ئالەم ئايرۇپىلانى ياساپ، ئۇنى ئالەم بوشلۇقىدا ھەيدەپ، ئەركىن پەرۋاز قىلايلى.
  مۇھەببەت-- ئۇ ئاسمان ۋە دېڭىزدىنمۇ كەڭرى بولغان بىپايان بوشلۇق. ئۇ بوشلۇقتا چاقناپ تۇرغان تۈمەنلىگەن مۇھەببەت يۇلتۇزلىرى بار. ئاقار يۇلتۇزدىن بىرسى ئېقىپ چۈشتى. ئۇ مۇھەببەت ئۇچقۇنىغا ئوخشاش زىمىننى نۇرغا تولدۇردى.    مۇھەببەت-- زىمىندىكى بارچە شەيئىلەرگە ھامىلدار بىپايان يايلاق. بۇ يەردە، قابىلىيەت، جاسارەت، ئەقىل- پاراسەت، ئىقتىدار، دوستلۇق، مېھرىبانلىق قاتارلىقلار ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. ئۇ كىشىلەر ئارىسىدىكى گۈزەل ئەخلاق ۋە بارچە گۈزەللىكنى سىزگە ئاتا قىلىدۇ.
  ھاياتلىق بىلەن ماماتلىق ئوتتۇرىسىدا، يالغۇز كىشىلىك ھايات سەپىرىنى بېسىپ ئۆتىمىز. ھەقىقىي مۇھەببەت-- كىشىلىك ھاياتنى ئىللىقلىققا تولدۇرىدىغان چىراق.  

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى