قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چىراغ نۇرى

2018-05-07 21:03:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كەچقۇرۇنلۇقى تىيەنئەنمىن مەيدانىنى ئايلىنىشنى ياخشى كۆرىمەن. تىيەنئەنمىن مەيدانىدىكى سانسىز چىراغلار مەيدان ئەتراپىدىكى ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنى يورۇتۇپ، كىشى قەلبىگىمۇ يورۇقلۇق ۋە ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ.   چوكانتال بايرىمى كۈنى كەچتە، مەن تىيەنئەنمىن مەيدانىدا ئايلىنىپ يۈرۈۋاتقىنىمدا، كەينىمدىن «نېمىدېگەن ياخشى» دەپ ماختىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. بۇ ئاۋازنى ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى ئاڭلىغاندەك بولدۇمدە، چوڭقۇر ئەسلىمىلەر قوينىغا غەرق بولدۇم.  1947- يىلى باش باھار ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا مەن مۇخبىر ئىدىم. شىياڭۋەنسۇ تۈزلەڭلىكىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان ئارمىيەمىز گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ 57- شىسىنى شاتۇجى كەنتىدە قورشىۋالدى.
  كەسكىن قورشاپ زەربە بېرىش ئۇرۇشى باشلاندى. تۈن قاراڭغۇسىدا مەن بىر قويۇق ئورمانلىققا كىردىم، جىددى كولانغان ئاكوپ ئىچىدە ئازاتلىق ئارمىيەنىڭ زەربە بېرىش لىيەنىدىكى جەڭچىلەر بىلەن ئۇچراشتىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە لىيەندىكى مۇئاۋىن لىيەنجاڭ خې يىڭجاڭنىڭ يېنىغا كەلدىم،
   مۇئاۋىن لىيەنجاڭ خې يىڭجاڭ داڭلىق ئۇرۇش قەھرىمانى ئىدى. گەرچە ئۇ 22 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، كۆپلىگەن ئۇرۇشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قەھرىمان ئىدى. بۈگۈن ئۇ لىيەندىكى جەڭچىلەرگە باش بولۇپ، قورشاۋدىكى دۈشمەنگە زەربە بېرىش ئالدىدا تۇراتتى. بىزنىڭ قوشۇنىمىز دۈشمەننى بىراقلا يوقۇتۇش تەييارلىقىنى پۇختا قىلىپ بولغان بولۇپ، پۈتۈن تەييارلىق خىزمەتلىرى تاماملانغان ئىدى.
  ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئاكوپتا زوڭزىيىپ ئولتۇرغان بولۇپ، بىر قولىدا سەرەڭگە، يەنە بىر قولىدا غاڭزىنى تۇتۇپ ئولتۇراتتى. لېكىن، ئۇ تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇرمىغان بولۇپ، غۇۋا يورۇقتا تىزىغا قويىۋالغان كونا كىتابقا قاراپ ئولتۇراتتى.
  كىتاپقا لامپۇچكا نۇرى ئاستىدا كىتاب كۆرىۋاتقان بىر بالىنىڭ رەسىمى سىزىلغان بولۇپ، مۇئاۋىن لىيەنجاڭ خې يىڭجاڭ شۇ سۈرەتكە قاراپ چوڭقۇر ئويغا پاتقان ئىدى.
  ئۇ ئۆز- ئۆزىگە: «نېمىدېگەن ياخشى، نېمىدېگەن ياخشى» دەپ پىچىرلىدى. ئۇ تۇيۇقسىز يېنىمغا كېلىپ قۇلۇقۇمغا پىچىرلاپ تۇرۇپ: «مۇخبىر، سىز لامپۇچكىنى كۆرگەنمۇ؟» دېدى.
  مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدىم. بېشىمنى لىڭىشتىپ «ياق، مەن كۆرۈپ باقمىغان» دېدىم. راستىنى ئېيتسام مەن راست كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. مەن كىچىكىمدىنلا يېزىدا چوڭ بولغان بولغاچقا، توك، لامپۇچكا دېگەنلەرنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم.
  كۇنۇپكىنى باسسىلا لامپۇچكىنىڭ يورۇيدىغانلىقى، لامپۇچكىنىڭ ئىنتايىن يورۇق ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇ سەرەڭگىنى يېقىپ، تاماكىسىنى تۇتاشتۇردى. ئۇ يەنىلا شۇ سۈرەتكە تىكىلىپ تۇرۇپ، چوڭقۇر ئويلانغان ھالدا: - «ئەگەر غەلبە قىلساق، بىزمۇ ئېلىكتىر توكى ئىشلىتەلەيمىز، لامپۇچكىدىن پايدىلىنالايمىز. بۇنداق بولغاندا بالىلىرىمىز ھەم يورۇق لامپۇچكا نۇرىدا ئۆگىنىش قىلالايدۇ. بۇ نېمىدېگەن ياخشى- ھە!» دېدى.  ئۇ بېشىنى ئاكوپنىڭ تېمىغا يۆلەپ تۇرۇپ، يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قارىدى. ئۇ كەلگۈسى توغرىسىدا ئاللىقانداق خىياللارغا كەتكەن ئىدى.
  يېرىم سائەتتىن كېيىن، مەن تۈەن قوماندانلىق شىتابىغا قايتىپ كەلدىم، دۈشمەننى قورشاپ يوقىتىش جېڭى باشلاندى. ئۈچ پاي يېشىل بەلگە ئوقى ئېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەر- زىممىنى قاپلىغان گۈلدۈرمامىدەك توپ ئاۋازى پۈتۈن زىمىننى قاپلىدى.
  دۈشمەننىڭ قاراۋۇلخانىسى ۋەيران قىلىۋېتىلدى. زەربە بېرىش لىيەنى «ھۇررا» دەپ ئالغا قاراپ ئېتىلدى. ئويلىمىغان يەردىن بىزنىڭ ياردەمگە كېلىۋاتقان قىسىملار دۈشمەننىڭ زەمبىرەك ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.   بىزنىڭ قىسىم قاراڭغۇدا قەيەردىن بۆسۈپ چىقىشىنى بىلەلمىدى. زەربە بېرىش لىيەنى بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى. تۈەن قوماندانلىق ئورنىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاكوپتىن چىقىپ، دۈشمەننىڭ غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرغان قاراۋۇلخانىسىغا قاراۋاتاتتى.
  تۇيۇقسىز قاراڭغۇلۇقتىن بىر يورۇقلۇق پەيدا بولدى. بۇ يورۇقلۇق گەرچە ناھايىتى ئاجىز بولسىمۇ، بۆسۈپ چىقىش ئېغىزىنى تاپالمايۋاتقان بىزنىڭ قىسىمغا نىسبتەن يېتەرلىك ئىدى؛ جەڭچىلەر مۇشۇ يورۇقلۇقتىن پايدىلىنىپ دۈشمەن ئاكوبىغا ھۇجۇم قىلدى، ئوق، مومبا ئاۋازلىرى، ھۇررا ساداسى كېچە ئاسمىنىدا ياڭرىدى.
  كېيىن بىلسەك، خې فۇيىڭجاڭ ھېلىقى كىتابنى، مەشئەل قىلىپ كۆتۈرۈپ، غۇۋا يورۇقى بىلەن بىزنىڭ قىسىمغا يول باشلاپ بەرگەن ئىكەن. لېكىن، بۇ مەشئەل ئۇنىڭ ئورنىنى ئاشكارىلاپ قويغان بولۇپ، خې فۇيىڭجاڭ ئېغىر يارىلىنىپ قۇربان بوپتۇ.
  بۇ جەڭدە بىزنىڭ ئارمىيىمىز دۈشمەننىڭ بىر شى كۈچىنى يوقاتتى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قوشۇندىكىلەر مۇئاۋىن لىيەنجاڭ خې يىڭجاڭنى  ھېلىقى كىچىك ئورمانلىققا دەپنە قىپتۇ.
  بۇ ياش جەڭچى بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە لامپۇچكا يورۇقىدا كىتاب كۆرۈشى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. ئۇ ھاياتىدا توك ۋە لامپۇچكا دېگەننى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى.
  بۇ ۋەقەگە ئۇزۇن يىللار بولغان بولسىمۇ، تىيەنئەنمىن مەيدانىدىكى رەڭگارەڭ چىراغلار ئارىسىدا كېتىۋېتىپ، بۇ سۆيۈملۈك قەھرىمانىنى ئەسلەپ قالدىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى