قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى «ئۆزئارا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت ئەترىتى» قۇرۇپ ئائىلىلەرگە «نۆل ئارىلىق»تىن مۇلازىمەت قىلدى

2018-05-08 18:20:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ خوتەن ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسى غەجەك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى «ئۆزئارا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت ئەترىتى» قۇرۇپ، كەنتتىكى قېرى، ئاجىز، مېيىپ ۋە ئەمگەك كۈچى يېتەرسىز بولغان قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە «نۆل ئارىلىق»تىن مۇلازىمەت قىلدى.

63 ياشلىق تەنھا موماي بۇنايىپخان ئەخمەتنىڭ ھويلىسىدا، خوتەن ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسى غەجەك كەنتىدىكى «ئۆزئارا ياردەم بېرىش ئەترىتى»نىڭ ئەزالىرى ھويلىدىكى لاپاسنى رېمونت قىلىش، ئۆينىڭ ئالدى- كەينىدىكى كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى. يېرىم كۈن ئىشلىگەندىن كېيىن، بۇنايىپخان ئەخمەتنىڭ ھويلىسى يېڭىچە تۈسكە كىردى. بۇنايىپخان ئەخمەت مۇنداق دېدى: ـــ خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرلىرى ۋە كەنتتىكى ياشلار ماڭا ياردەملىشىپ، ئۆيۈمنى ۋە ھويلامنى تازىلاپ، ھويلىغا لاپاس قۇرۇپ بەردى. ئۇلارنىڭ ماڭا شۇنچە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، كەنتتىكى قېرى، ئاجىز، مېيىپ ۋە ئەمگەك كۈچى كەمچىل ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى غەجەك كەنتىدە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر، كەنت كادىرلىرى، دېھقان- چارۋىچى پارتىيە ئەزالىرى، پىدائىيلار قاتارلىق 33 كىشىدىن تەركىب تاپقان «ئۆز ئارا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت ئەترىتى» قۇردى. مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى مەمەتئېلى غوجىئەخمەت مۇنداق دېدى: ـــ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى، كەنتتىكى ياشلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئۆزئارا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت ئەترىتىگە ئەزا بولۇپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەرگە ياردەم بېرىشى كېرەك.

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ خوتەن ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسى غەجەك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى ياڭ شۈچىڭ مۇنداق دېدى: ـــ بىز ھەر ھەپتىدە 10 ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش ۋە 10 مىكرو ھەرىكەت قانات يايدۇرۇشنى دائىملاشتۇردۇق. مەسىلەن، بىر قېتىملىق سۆھبەت، بىر قېتىم تازىلىق قىلىش، بىر پارچە ئائىلە سۈرىتىگە چۈشۈش، بىر قېتىم خالىس ئەمگەك قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ باش قاتۇرىدىغان ئىشلارنى بىر- بىرلەپ ھەل قىلىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى