قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر نامرات ئائىلىلەرنىڭ بېيىشىغا «قانات» بولدى

2018-05-08 17:06:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سۈبھىنۇر شىرئەلى خەۋەر قىلىدۇ: «بۈگۈن مەن بەك خۇشال، خوتۇنۇم بىلەن بىللە شىركەتتە ئىشلەپ پۇل تاپالايدىغان بولدۇق، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىغا، خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلارنىڭ ياردىمىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار مېنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈردى، ماڭا ئىش ئورنى ئۇقۇشۇپ بەردى. يەنە توختام تۈزۈش، ئائىلەمدىكى ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن تارتىپ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەشكىچە بولغان ئىشلىرىمنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى، ئەگەر ئۇلار بولمىغان بولسا، بۇنداق ياخشى خىزمەتكە ئېرىشەلمىگەن بولاتتىم...» دېدى باي ناھىيەسىنىڭ ئونباش يېزىسى چومۇكا كەنتىدىكى ئەمەت ياسىن ھاياجان بىلەن.
  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە بۇ ناھىيەنىڭ ئونباش يېزىسى چومۇكا كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بۇ كەنتكە كەلگەندىن كېيىن، كەنتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن سىرت، ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن كەنتتىكى يېرى ئاز، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەندى. كەنتنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ مۇۋاپىق پىلانلاپ، نامرات ئائىلىلەردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يېقىن ئەتراپتىكى كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كارخانىلاردا تېخنىكا ئۆگەنسە، بەزىلىرى ئارقا سەپ خىزمىتىنى ئىشلىدى، ھەممىسى ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئىش ئورنىدا قىممىتىنى نامايان قىلدى.
  خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى يۈ جىڭ مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، بۇ يىل بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئاساسىي ۋەزىپىنى نامراتلارنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنى يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر ئىگىلەپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشقا يېتەكلىدۇق.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى  

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى