قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چىداملىق بولۇش ئېسىل خىسلەت

2018-05-08 17:37:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چۈمۈلىلەرنىڭ بۇزۇلغان ئۇۋىسىنى ئوڭشاش ئۈچۈن، توختىماستىن ھەرىكەت قىلىپ، ئۇۋىسىدىن توپا دانىچىلىرىنى بىر چىشلەم- بىر چىشلەمدىن سىرتقا يۆتكەش ۋە ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىرلىقتىكى ئولجىنى ئوۋلاپ، ھۇجرىسىغا ئېلىپ كېلىش روھى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ.
كەسىپتە نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن، پەقەت قابىلىيەتلا كۇپايە قىلمايدۇ، مۇھىمى بېرىلىپ ئىشلەشتە ۋە ئىزچىل تەتقىق قىلىشتا. ۋايسىمايدىغان، ئازراقلا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا بەل قويۇۋەتمەيدىغان، كۈچلۈك كەسىپچانلىق، چىداملىق بولۇش روھىنى يېتىلدۈرۈشتە بىۋاسىتە ئىپادىلىنىدۇ. مۇبادا بۇنداق مەسئۇلىيەتچانلىق بولمايدىكەن، ھامىنى بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
بىر ئائىلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ، ئائىلىگە كۆيۈنۈش، ئۆز ئارا قوللاش، ھۆرمەتلەش ئاساسىغا ئىگە بولغان، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولالايدىغان، ئائىلىنىڭ ئېغىر يۈكىنى تەڭ ئۈستىگە ئالالايدىغان، ئائىلىنى ئورتاق گۈللەندۈرۈش غايىسىگە ئىگە ئەر- ئاياللاردىن بولۇش ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
مەيلى كەسىپتە بولسۇن ياكى تىجارەت، ئەمگەكتە بولسۇن، مەيلى تەتقىقات ياكى ئىجادىيەت ئىشلىرىدا بولسۇن، ياكى ئىناق- بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇشتا بولسۇن، بىزدە چىدامچانلىق روھى بولۇشى كېرەك. مۇبادا بىز چىداملىق بولۇش روھىغا ئىگە بولمايدىكەنمىز، قەلبىمىىزدە ھەر قانچە تاغدەك بۈيۈك ئارزۇ- ئارمانلار بولسىمۇ، ھامىنى نەتىجە قازىنىپ ئۈزۈپ چىقىشتىن، بەخت ناخشىسىنى ياڭرىتىپ، ھاياتىمىزدىن گۈل ئېچىلدۇرالىشىمىزدىن سۆز ئاچالمايمىز.
 بىزدە «ئىشلىسەڭ چىشلەيسەن»، «ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن» دەيدىغان گەپ بار. شۇڭا يېڭى زامانغا لايىقلاشقان مەدەنىي، جاسارەتلىك كىشىلەردىن بولۇپ، ھاياتقا كۈلۈپ قارايلى، ئۆز ئارا قوللاپ ۋە ياردەملىشىپ، ھاياتلىق پائالىيەتلىرىمىزدە قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە تىرىشايلى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى