قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«داڭلىق شەخسنىڭ كىچىككىنە كۆڭلى»

2018-05-09 17:05:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چىراق يوقۇرقىدا ئولتۇرۇپ، ساۋ ساۋ توغرىسدىكى بىر پارچە ماقالىنى ئوقۇپ قالدىم. ئەنسىز يىللاردىكى بۇ زومىگەرنىڭ باندىتلارغا خاس خارەكتىرىمۇ، ۋاپادارلىقىمۇ بار ئىدى. ئۇنىڭ «شاراپ تۇتۇپ ئېيتارمەن ناخشا» ناملىق شېئىرىدا يەنە ئۇلۇغ شەخىسلەرگە خاس خارەكتىرىنىمۇ نامايان قىلغان. ساۋ ساۋ ئالەمدىن ئۆتۈشتىن ئىلگىرى «ۋەسىيەتنامە» قالدۇرغان. بۇنىڭدا پۈتۈنلەي ئۇششاق ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغان. بىر ئۆمۈر جەڭ قىلغان كىشى دۇنيادىن كۆز يۇمۇش ئالدىدا قالدۇرماقچى بولغان سۆزلىرى مۇنداق بولغان: «ئايال ۋە توقاللىرىم كۆپ جاپا چەكتى، مەن تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلار توڭچۆتەيدە تۇرسۇن، ئۇلارغا ئۇۋال بولۇپ قالمىسۇن». كېيىنكى گەپلەرگە ئادەمنىڭ تېخىمۇ ئەقلى يەتمەيدۇ: «ئېشىپ قالغان كۈچىلەرنى بۆلۈۋېتىڭلار، نەزىر- چىراغ قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتمەڭلار، زايە بولىدۇ. ئۆيدىكى ئاياللار بىكارچىلىقتا زېرىكىپ قالىدۇ، ئۇلار يىپەك لېنتا، چىغ چورۇق توقۇپ ساتسۇن. ساۋ ساۋ يەنە مۇنداق دېگەن: «مەن ئۆمرۈمدە ھېچكىمگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلغىنىم يوق، پەقەت ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن زى شىيۇ ماڭا ئانام كېرەك دەپ قالسا، نىمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلمەيمەن». ساۋ ساۋ ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن جىدەللىشىپ قېلىپ، ساۋ ساۋ ئاچچىقىدا زى شىيۇنىڭ ئانىسىنى يېزىغا قوغلىۋەتكەن، كېيىن تەكلىپ قىلىپمۇ قايتۇرۇپ كېلەلمىگەن ئىكەن. ساۋ ساۋ كۆز يۇمۇش ئالدىدا ھەممىدىن بەك ئەنسىرىگىنى كىچىك ئوغلى ساۋ گەن بولۇپ، ساۋ گەن ئۈچ يېشىدا ئانىسى تۈگەپ كەتكەن، بۇ چاغدا ساۋگەن ئەمدىلا 5 ياشقا كىرگەن ئىكەن. ساۋ ساۋنىڭ ۋەسىيەتنامىسىنى نۇرغۇنلىغان داڭلىق كىشىلەر كۆزگە ئىلمىغان. سۇ دۇڭپو ئەنە شۇلارنىڭ بىر ئىدى. سۇ شى مۇنداق دېگەن: «ساۋ ساۋغا ئوخشاش ئۆلۈم ئالدىدا، يىغلاپ- قاقشاپ، خوتۇن- توقاللىرىغا قىيالماي يۈرسە قانداق بولىدۇ». لېكىن، ئادەم ئۆلۈش ئالدىدا، سۆزلىرى سەمىمى بولىدۇ. كىمنىڭمۇ شۇنداق سەمىمى ھىسسياتقا تولغان مىنۇتلىرى بولمىغان دەيسىز؟ نەچچە مىڭ يىللاردىن كېيىن دەل مۇشۇ خىل چىن ھىسسيات ساۋ ساۋنىڭ «رەھىمسىز» دىگەن قالپىقىنى ئېلىۋېتىپ، ئۇنى ھەقىقى ئادەم سىياقىغا كىرگۈزگەن. داڭلىق كىشىلەرنىڭ چوڭ ئارزۇ- ئارمانلىرى بولىدۇ، شۇنداقلا ئادەتتىىكى ئادەملەرگە خاس ھىسىياتىمۇ بولىدۇ. ئەگىر- توقاي ھايات يولىدا، ئۆزگىچە كۆڭۈل سىرلىرىغا ئىگە ئارزۇلار ھاياتلىق يولىمىزدىكى ئىللىق تەبەسسۈمغا ئوخشايدۇ. تارىخ بەتلىرىنى ئاختۇرساق، ئەڭ رومانتىك كىشىمۇ، ھاياتلىقتىكى ئۇششاق- چۈششەك ئىشلارنىڭ تەسىرىگە ئوچرىغان. ئەينى چاغدا دۇ فۇ ئۆيدىن ئايرىلىپ، ياقا يۇرتلاردا يۈرگەن، توپىلاڭچى قوشۇن تەرىپىدىن چاڭئەندە تۇتۇپ قېلىنغاندا، ئۇ «ئۇرۇش ئوتلىرى يامرىدى ئۈچ ئاي، ئۆينىڭ خەۋىرى بولدى ئالتۇندىن قىممەت» دېگەن مىسرالارنى يازغان. بىر پارچە خەت، ئۇنىڭدا قېرىنداشلارنىڭ سېغىنىشى بار، كىشىلىك دۇنيادىكى مېھىر- مۇھەببەت بار. چاڭئەندىكى تولۇن ئايلىق كېچىلەردە دۇ فۇنىڭ ئۆز ئائىلىسىگە بولغان سېغىنىش ھىسسياتى «كېچىدە فۇجۇدا كۆرمەكتىمەن ئاينى يالغۇز، ئۆيدە قالغان قىزلىرىم كىچىك، سېغىنماقتىمەن چاڭئەندە شۇ تاپ» دىگەن شېئىرىي مىسرالىرى بىلەن ئىپادىلەنگەن. بۇ چاغدا دۇ فۇ ئايغا قاراپ يىراقتىكى قىزلىرىنى سېغىنغان. قىزلىرىنىڭ كىچىكلىكى، ئانىسغا ھەمدەم بولالمايدىغانلىقىدىن ئەنسىرىگەن. ئەنسىز يىللاردىكى بۇ خىل ھىسسيات شۇنچىلىك سەمىمى، شۇنچىلىك مېھىرلىك. ئەگەر قەلبىدە شۇنچىلىك مۇھەببەت بولمىسا، بۇنداق گۈزەل ئىزھارلارنى يېزىپ قالدۇرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. سۇ دۇڭپومۇ ئەنە شۇنىڭغا ئوخشاش. ئۇنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلمىگەن، لېكىن كۆڭلى- كۆكسىنى شۇنچە كەڭ تۇتقان. سىياسى ھاياتى داۋالغۇش ئىچىدە تۇرغان چاغلاردىمۇ ئۇ يەنە بىر خىل سەبىلەردەك ساددىلىقىنى ساقلىغان. ئۇ خۇاڭجۇ مەھكىمىسىگە پالانغان ۋاقتىدا دوستلىرى بىلەن دائىم سەيلىگە چىققان، كۆل بويىدا كۆلگە تاش ئېتىپ ئوينىغان. بۇ قىلىقلار 45 ياشقا كىرىپ قالغان ئوتتۇرا ياش كىشى ئۈچۈن تولىمۇ قىزىقارلىق ئەمەسمۇ؟ تېخىمۇ قىزىقارلىقى، ئۇنىڭ بامبۇك يەشىك بىلەن بۇلۇتلارنى قاچىلىماقچى بولغانلىقى. بىر كۈنى، سۇ شى يولدا كېتىۋېتىپ، بۇلۇتلارنىڭ چېپىپ يۈرگەن ئاق ئاتلاردەك تاغ ئارىسىدا ئۇزۈپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بامبۇك يەشىكىنى ئېچىپ، بۇلۇتلارنى يەشىككە قاچىلاپ، ئۆيگە بارغاندا ئاندىن ئۇنى قويۇپ بېرىپ، بۇلۇتلارنىڭ ئۆزگۈرىشىنى تاماشا قىلماقچى بولۇپتۇ. ئۇ شېئىرىدا مۇنداق دەپ يازغان: «قاچىلىدىم بۇلۇتلارنى يەشىكلەرگە، ئۆيگە قايتىپ ئاندىن ئۇنى قويۇپ بېرەي دەپ، قويۇپ بېرىپ شۇ بۇلۇتنى ئۆي ئالدىدا، كۆرسەم ئۇنىڭ ئۆزگەرگەن ھالىتىنى». ئۇنىڭ شېئىرىدىكى كۆرسەم ئۇنىڭ ھالىتىنىڭ ئۆزگەرگىنىنى» دېگىنى راستمۇ، ياكى چاقچاقمۇ؟ بۇ قورامىغا يەتكەن كىشىلەردە ئاز كۆرۈلىدىغان بىر خىل ساددىلىق. دەل مۇشۇ خىل خارەكتىر ئۇنىڭ ئەگىر- توقايلىق ھاياتىغا ھەمراھ بولغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى