قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«دانالار ھېكمەتلىرى»

2018-05-10 12:49:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

دوستلارنىڭ ئەيىبىنى ئېيتىش ياخشى ئىش ئەمەس، تىلدىكى خاتالىقنى چىرايلىق كىيىملەر ياپالماس.

ھېچقانداق ئىنسان خاتالىق ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدۇ، ھېچكىممۇ خاتاسىز ياشىيالمايدۇ.

كىتاب بىلەن ھاراقنىڭ باھاسى ئوخشاش، لېكىن قىمممىتى ئوخشىمايدۇ. ئون يۈەن خەجلەپ بىر كىتاب سېتىۋالساڭ، مىليون يۈەنلىك نەپكە ئېرىشىسەن.

ئىلىم بىر مېۋىلىك دەرەخ بولسا، ئەدەپ ئۇنىڭ مېۋىسىدۇر.

ئەدەپسىزلىك شۇنداق كېسەلكى، ئۇ ئابروي، بۈيۈكلۈك ۋە ئىدراكنى ۋەيران قىلىدۇ.

تەر تۆكۈلمىگەن يەر، ياخشى ھوسۇل بەرمەس.

غايە- يول كۆرسەتكۈچ ماياكتۇر، ئۇ بولمايدىكەن مۇستەھكەم نىشان بولمايدۇ، نىشان بولمايدىكەن تۇرمۇشمۇ بولمايدۇ.

ئىلىم ئىگىلەشتە بەل قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ، مۇۋەپپەقىيەت، جاسارەت ۋە چىدام ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ.

بىلىم ـ ئەقىل- پاراسەتنى ئاشۇرۇشقا ۋە كاللىدىكى يارامسىز نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، ياراملىق نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى