قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 «مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالاقە ئورنىتىشنىڭ بىرقانچە خىل ئۇسۇلى»

2018-05-10 13:17:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بەلگىلىك مۇناسىۋەت تورى ئورنىتىڭ. ئىشەنچىلىك بىرنەچچە كىشىنى تاللاپ ياخشى، مۇقىم، كۈچلۈك بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەت تورى قۇرۇش كېرەك. تاللىغان بۇ كىشىلەر سىزنىڭ دوستىڭىز، ئۇرۇق- تۇققىنىڭىز ياكى كەسپتىكى مۇناسىۋىتىڭىىز قويۇق بولغان ئادەملەردىن بولسىمۇ بولىدۇ. ئۇلار سىزنىڭ تەسىر كۈچىڭىزنى ھەم ئارتۇقچىلىقىڭىزنى جارىي قىلدۇرىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. بۇ كىشىلەر بىلەن ئاراڭلاردا دۈشمەنلىشىش بولمايدۇ. ئۇلار چىن كۆڭلىدىن سىز ئۈچۈن باش قاتتۇرىدۇ. سىزمۇ ئۇلار بىلەن خوشاللىق ئىچىدە ھەملكارلىشىسىز ھەم ئۇلارنىڭ ئىشى ئۈچۈن باش قاتتۇرىسىز. مۇشۇنداق ئادەملىرىڭىزنىڭ بولغىنى ئۈچۈن پەخىرلىنىسىز.

ئۆزىڭىزنى تونۇتۇڭ. باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا ئۆزىڭىزنى نامايەن قىلىشقا ماھىر بولۇڭ. باشقىلار سىز بىلەن ئالاقە قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم سىزنىڭ نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىڭىزنى سورايدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا سىز ئاددىيلا قىلىپ «مەن كومپىيوتېر شېركىتىدە ئىشلەيمەن» دەپلا جاۋاپ بەرسىڭىز، چوقۇم قارشى تەرەپ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ياخشى بىر پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغان بولىسىز. سىز: «مەن بىر كومپىيوتېر شېركىتىدە يۇمشاق دېتال خىزمىتىگە مەسئۇل، ئاساسەن بىر قىسىم ئاددىي يۇمشاق دېتاللارنىڭ پروگراممىسىنى تۈزىمىز، مەن ئادەتتە تىك تاكتوپ، پەيتوپ ئويناشقا ئامراق، بەزىدە يېزىقچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللىنىمەن» دەپ جاۋاپ بەرسىڭىز، قىسقىغىنا بىرنەچچە مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىڭىزنى تولۇق تونۇشتۇرۇپلا قالماي، يەنە قارشى تەرەپكە پاراڭلىشىدىغان بىرقانچە تېما چىقىرىپ بەرگەن بولىسىز. كىم بىلىدۇ، بۇلارنى بىلگەندىن كېيىن ئۇ سىز بىلەن كەسپ جەھەتتىن ھەمكارلىشىپ قالامدۇ تېخى. شۇڭا ھەر قانداق سورۇندا چوقۇم لايىقىدا ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.

كىشىلىك مۇناسىۋەت قائىدىسىگە ئەمەل قىلىڭ. ھەر ۋاقىت «باشقىلار ماڭا نىمە ئىش قىلىپ بېرەلەيدۇ» ئەمەس، بەلكى «مەن باشقىلار ئۈچۈن نىمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمەن» دېگەندىن ئىبارەت كىشىلىك مۇناسىۋەت قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشنى ئەستىن چىقارماڭ. باشقىلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرگەندە: «سىزگە قانداق ياردىمىم كېرەك» دەپ سوراشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ.

مۇۋاپىق يىغىلىش ۋە سورۇنلارغا بېرىپ تۇرۇڭ. بەزى سورۇنلاردا سىزنىڭ كونا تونۇشلىرىڭىزمۇ بولۇشى مۇمكىن، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىز كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان تونۇشلىرىڭىز بىلەن كۆرۈشەلەيسىز ھەم ئۇلاردا قالدۇرغان تەسىرىڭىزنى يەنىمۇ ياخشىلىيالايسىز. يەنە باشقىلار بىلەن تونۇشۇپ يېڭى دوست تاپالايسىز. شۇڭا سىز ئۈچۈن مۇھىم بولغان كىشىلەر ئورۇنلاشتۇرغان يىغىلىشلارغا، مەيلى ئۇ دوستلار يىغىلىشى بولسۇن، مەيلى قىزىنىڭ توي مۇراسىمى بولسۇن چوقۇم قاتنىشىڭ.

ھەممىدىن بۇرۇن تەبرىكلەشنى ئۇنۇتماڭ. دوستىڭىز ئۇنۋان ئالغان ياكى ئۇنىڭ ئائىلىسىدە بىرەر خوشاللىق ئىش بولغاندا چوقۇم ھەممىدىن بۇرۇن تەبرىكلەڭ ھەم ئۇنىڭغا شۇ ۋاقىتتىكى كەيپىياتىڭىزنى بىلدۈرۈڭ. ئەگەر ئۆزىڭىز بارالمىسىڭىز تېلىفۇن قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئۇلار ئۈچۈن خوشال بولغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ. خىزمەت سەپىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىڭ. سىز خىزمەتكە بارماقچى بولغان شەھەردە بىرەر دوستىڭىز بار بولسا، چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق يېگەچ كۆرۈشۈپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ.

كۆپ كۈچ چىقىرىڭ. مۇناسىۋەت ئورناتماقچى بولغان ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ بارلىق ئىېنىرگىيەسى ۋە ئىجادچانلىقىنى سەرپ قىلىش ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالىدۇ-دە، ئاندىن بۇ مۇناسىۋەت ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ. سىز نىمە ئۈچۈن مېنىڭ مۇناسىۋەت تورۇمدىكى ئادەم ئوندىن ئاشمايدۇ؟ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. چۈنكى كۈچلۈك مۇناسىۋەت سىزدىن ئاز دېگەندىمۇ ئايدا بىرەر قېتىم قارشى تەرەپنى ئىزدەشنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا سىزنىڭ بارلىق ئېنىرگىيەرىڭىز ئاللىبۇرۇن مۇشۇ بىر قانچە كىشى تەرىپىدىن خوراپ تۈگىگەن بولۇشى مۇمكىن. مۇقىم بولغان مۇناسىۋەتنى ساقلاش ئۈچۈن سىزدە چوقۇم نۇرغۇن ئېنىرگىيە ۋە ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك، تولۇق پايدىلىنالايدىغان قەلب بولۇشى كېرەك.

باشقىلارغا ياردەم بېرىڭ. دوستىڭىز قېيىنچىلىققا يولۇققاندا دەرھال تەسەللىي بېرىڭ ياكى ئۇنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىشىگە ياردەم بېرىڭ. ئۇلار چۈشكۈنلەشكەندە ئۇلارغا تېلىفۇن قىلىپ روھىنى كۆتۈرىدىغان گەپلەرنى قىلىپ قويۇڭ. سىزنىڭ مۇناسىۋەت تورىڭىزدىكى كىم قىيىنچىلىققا يولۇقسا ئۇنىڭ بىلەن كونا تونۇش بولۇڭ، ياكى يېڭى تونۇش بولۇڭ، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، قولىڭىزدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىڭ. بۇمۇ ئۇنى قوللايدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى.

ھەمىشە قۇبۇل قىلغۇچى بولماڭ. مۇناسىۋەت تورىدا ھەمىشە قۇبۇل قىلغۇچى بولماسلىق كېرەك. ھەمىشە قۇبۇل قىلىشنىلا بىلىپ، بەدەل تۆلىمىسىڭىز ھەرقانداق كىشى سىزدىن تەبىئىيلا يىراقلىشىپ كېتىدۇ. باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقاندا كەسپىڭىز ھەم ئائىلىڭىز بۇ مۇناسىۋەت تورىدىن ئايرىلالمايدىغان دەرىجىدە مۇستەھكەم قۇرىشىڭىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن سىزمۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىز كېرەك، پەقەت قۇبۇل قىلغۇچىلا بولۇپ، پايدىغا ئېرىشىشنىلا ئويلىسىڭىز، مۇناسىۋەت تورىنىڭ سىرتىدا قېلىشىڭىز مۇمكىن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى