قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«قۇسۇرچى ئاياللاردىكى بەزى ئىپادىلەر»

2018-05-10 13:21:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاياللار ئادەتتە رومانتىك كېلىدۇ، ئەمما بۇنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىك كېرەك. نىكاھ، مۇھەببەت ھەر ھالدا پەرقلىنىدۇ، مۇھەببەتلەشكەندە قىز ئوغۇل بىر- بىردىن ئايرىلالمايدۇ، توي قىلغاندىن كېيىن تۇرمۇشتىكى ئۇششاق- چۈششەك ئىشلار تۈپەيلى تۇرمۇشتىكى رومانتىكلىق يوقالمايدۇ، لېكىن خاراكتېرى ئۆزگىرىدۇ، ئىلگىركى شېرىن- شېكەر سۆزى تۈگىمەيدىغان ئەر كۈندە تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يۈرگەچكە، ئاياللار زارلىنىشقا باشلايدۇ، تۇرمۇشقا زىيادە يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان بەزى ئاياللار ھەمىشە رىئاللىقتىن نارازى بولۇپ، ئۈمىدسىز ياشايدۇ-دە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قۇسۇرچى، كوت- كوت ئايالغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاياللار ئۆزىدە بۇنداق ئالامەت كۆرۈلگەندە، تۇرمۇشقا توغرا پوزىتسىيەدە يۈزلىنىشى، بولمىغۇر تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باشقىلارغا ئاۋارىچىلىق پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

ئاياللار ئەرنىڭ كۆيۈنۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ، بىراق قۇسۇرچى ئاياللار ئەر ئازراقلا بىخەستىلىك قىلسا مېنى سۆيمەيدۇ دەپ قارايدۇ، كۆڭلىدىكىنى بىۋاسىتە ئېيتماي، كۆڭلۈمدىكىنى تاپ دەپ ئاسان خۇيلىنىدۇ، مەلىكە مىجەز، دائىم خاپىغان يۈرىدۇ، ئەگەر ئەر ئازراقلا كۆڭۈل بۆلەلمىسە ياكى بىزارلىقنى ئىپادىلەپ قويسا ئەرنى ئازابلاپ ئارام بەرمەيدۇ، بۇنداق ئاياللار بىلەن توي قىلغان ئەرلەر ھارغىن ياشايدۇ. ئاياللادىكى بۇنداق ئالامەت كۆرۈلگەندە يولدىشى بىلەن ئوچۇق يورۇق پاراڭلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرىشى، ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئوچۇق ئىپادىلەش ئارقىلىق ئوتتۇرىدىكى كوڭۇلسىز مۇناسىۋەتنى توغرىلاش كېرەك.

ئاياللارنىڭ مۇۋاپىق كۈندەشلىك قىلغىنى ئەرگە ئېتىبار بەرگىنىدۇر، مۇھەببەت شەخسىيەتچى بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بەزى قۇسۇرچى ئاياللار ھەددىدىن زىيادە كۈندەشلىك قىلىپ، يولدىشىنىڭ ئايال خىزمەتداشلىرى بىلەن سۆزلىشىشىنىمۇ توسۇپ، دائىم يولدىشى سىرتتا باشقىلارنى تېپىۋالدى دەپ گۇمان ئىچىدە ياشايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئەر- ئاياللىق مۇناسىۋەتتە ئىشەنچ كەم بولسا بولمايدۇ، تۇرمۇشتا كۈندە مۇھەببىتىنى بىلدۈرۈشمۇ ئادەمنى بىزار قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا ئاياللاردىكى بۇ خىل كۈندەشلىك مۇۋاپىق بولىشى كېرەك.

قۇسۇرچى ئاياللاردا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى كەمچىل بولىدۇ، تۇرمۇشتىكى ھەرقانداق ئىشتىن دائىم ئاغرىنىپلا يۈرۈيدۇ، ھەر ۋاقىت ئەتراپىدىكى كىشىلەردىن، يولدىشىدىن قۇسۇر ئىزدەپ يۈرىدۇ، ئاياللار تۇغۇلۇشتىنلا سەزگۈر بولىدۇ، ئەمما ئارتۇقچە گۇمان ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ كەملىكنىڭ ئىپادىسى، ئەگەر ئۆزىڭىزگە ئىشەنمىسىڭىز، باشقىلارنىڭ سىزگە ئىشىنىشىدىن ئۈمىت كۈتمىسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە كەمچىلىكى يوق ئادەم بولمايدۇ، ئەرلەر ئاياللارغا ئەزەلدىن ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ئاياللارغا ئوخشاش ئىنچىكە، سەرەمجان ئەمەس، ئىككى ئادەم گەرچە توي قىلسىمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق مۇستەقىل تۇرمۇش بوشلۇقى بولۇپ، ئەگەر ئايال كۈندە تۇرمۇشنىڭ ئۇششاق- چۈششەك ئىشلىرى ئۈچۈن توختىماستىن كوتۇلداۋەرسە، ئەر ھامىنى بۇنداق چېكىدىن ئاشقان قۇسۇر ئىزدەشتىن بىزار بولىشى مۇمكىن. ھەددىدىن ئارتۇق قۇسۇر ئىزدەيدىغان ئاياللار ئۆزىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، ھەرقانداق ئىشقا نورمال پوزىتسىيەدە مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى