قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈيىنى ئورتاق ياڭرىتىش
 

2018-05-10 14:03:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
   ئاقسۇ شەھىرىنىڭ لەڭگەر كوچىسى چاۋياڭ مەھەللىسىدە، 80 ياشلىق بوۋاي ۋاڭ يىڭ «ئىنىسى» ئەركىن قادىر بىلەن مۇزىكا سەۋەبلىك تونۇشۇپ بىر ئائىلە كىشىلىرەك بولۇپ قالدى. تۇرمۇشتا ئۇلار بىر- بىرىگە يار- يۆلەك بولۇپ، بىر- بىرىنىڭ خالىدىن خەۋەر ئالدى.
   چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:30 دا، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ لەنگەر كوچىسى چاۋياڭ مەھەللىسىدىكى پائالىيەت ئۆيىدە، كەچكى شەپەق ئەدەبىيات- سەنئەت ئەترىتى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى» ناخشىسىنى رېپېتىتسىيە قىلىۋاتاتتى. بۇ ناخشىنىڭ تېكىستىنى كەچكى شەپەق ئەدەبىيات- سەنئەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يىڭ يازغان بولۇپ، ئۇ 80 ياشلىق پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى، تەڭكەش قىلغۇچى بولسا ۋاڭ يىڭنىڭ «ئىنىسى» ئەركىن قادىر ئىدى.      
  1939- يىلى تۇغۇلغان ۋاڭ يىڭ 1959- يىلى تۇغۇلغان ئەركىن قادىر بىلەن ئىككىسىنىڭ مۇزىكىغا بولغان قىزىقىشى سەۋەبلىك ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ قالدى. بۇلتۇر 4- ئايدا ئەركىن قادىر ۋاڭ يىڭنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە قويغان ئويۇنىنى كۆرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بېرىپ ئۆزىنىڭ ياش ۋاقتىدا ئەرخۇ چېلىشنى ئۆگەنلىكىنى ھەمدە بۇ ئەترەتكە كىرىپ ئەرخۇ چېلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. بۇنى ئاڭلىغان ۋاڭ يىڭنىڭ كۆڭلى يايراپ كەتتى. كەچكى شەپاق مۇزىكا ئەترىتىدە ياشانغانلار ھەمدە ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئوينىغۇچىلار بىر قەدەر كۆپ بولسىمۇ ئەمما تەڭكەش ئاساسىي كۈچى كەمچىل ئىدى. ئەركىن قادىر بۇ ئەترەتكە كىرگەندىن كېيىن ۋاڭ يىڭ بىلەن مىللەتلەر  ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇزىكىسىنى بىرلىكتە ئورۇنداشقا باشلىدى. ئەركىن قادىر مۇنداق دېدى:- مەن بېشىدا ۋاڭ يىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئەرخۇ چالايدىغانلىقىنى ئېيتتىم، ئۇ مېنىڭ ئەرخۇ ئارقىلىق ئورۇندىغان «كوممۇنىستىك پارتىيە» دېگەن ناخشامنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ ناخشىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئورۇندالغانلىقىنى ھەمدە مېنىڭ بۇ سەپكە قاتنىشىمنى ئېيتتى. بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم.    
   ئەركىن قادىر جىڭجۈ تىياتىرىغا ھېرىسمەن بولسىمۇ ئەمما تەلەپپۇزى ئانچە ئۆلچەملىك ئەمەس ئىدى. مۇزىكا مۇئەللىمى بولۇپ باققان ۋاڭ يىڭ ئۇنىڭ تەلەپپۇزى ۋە ئاھاڭىنى تۈزىتىشىگە سەۋرچانلىق بىلەن ياردەملەشتى. ۋاڭ يىڭ مۇنداق دېدى:- جىڭجۈ تىياتىرىنى ئورۇندىغاندا، مەن بەك ھەيران قالدىم. گەرچە ئۇ نوتىلارنى ئانچە پىششىق بىلمىسىمۇ ئەمما ئۇ بۇ جەھەتتە يەنىلا ناھايىتى زېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى ناھايىتى ئۆلچەملىك، مەن ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تالانتىغا قايىل بولدۇم.       
   ئەركىن قادىر ئورۇندىغان جىڭجۈ تىياتىرى كۆپچىلىكنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
    «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن كېيىن، ۋاڭ يىڭ بىلەن ئەركىن قادىر تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى. كېسەل سەۋەبىدىن ھەمدە ياشىنىپ قالغاچقا، ۋاڭ يىڭنىڭ پۇتى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ئەركىن قادىر دائىم ئۇنى ئالغىلى باراتتى ھەمدە ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى. ۋاڭ يىڭ بىلەن ئەركىن قادىر تونۇشقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 12 ناخشىنى ئورتاق ئىجاد قىلدى. ئەركىن قادىر مۇنداق دېدى:- ۋاڭ يىڭ كىشىلەرگە بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. يىراقتىكى تۇققاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا دېگەن گەپ بار. مېنىڭ قەلبىمدە ئۇ كىشىلەرگە ياردەم بېرىشنى خالايدىغان ناھايىتى ئاق كۆڭۈل ئادەم. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۆگىنىش جەريانىدا يەنە نۇرغۇن ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈردۈم. بىز ھازىر خۇددى بىر تۇغقان قېرىنداشلاردەكلا يېقىن ئۆتىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى