قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

باشقىلارغا ياردەم بېرىشتىن خۇشاللىققا ئېرىشىش

2018-05-10 14:07:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
  بايىنغولىن ئوبلاستلىق قۇياش نۇرى پىدائىيلار مۇلازىمەت جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى لى شياۋخۇڭ پاراۋانلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان بەش يىلدا، ئۇنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا، كورلا شەھىرىدە زور بىر تۈركۈم پىدائىيلار بارلىققا كەلدى. ئۇلار پىدائىيلار روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، شەخسىيەتسىز مېھرى- مۇھەببەتنى شەھەرنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغىچە يەتكۈزدى.
  2012- يىلى 7- ئايدا، ئەينى ۋاقىتتا پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى تېخى تولۇق چۈشىنىپ كەتمىگەن لى شياۋخۇڭ كورلا شەھىرىدە بىر نەچچە قېتىم پىدائىيلار پائالىيىتىگە قاتناشقانىدى. پائالىيەتتىن كېيىن ئۇ بۇ پىدائىيلار پائالىيەتلىرىدە كونكېرت ياردەم بېرىش پىلانى كەمچىل ھەم ئۆزگىرىشچان ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى. شۇڭا لى شياۋخۇڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئارزۇسى بار بىر قانچە دوستى بىلەن بىرلىشىپ، كورلا شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتىدا ئەنگە ئالدۇرۇپ، كورلا شەھەرلىك قۇياش نۇرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنى قۇردى ھەم ئۆزگىچە مۇلازىمەت ئەترىتى بەرپا قىلىشنى قارار قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:- پىدائىيلار چوقۇم ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. ھەرىكەت قىلمىسا پىدائىي ھىسابلانمايدۇ. مەن بۇ ئىشقا كىرىشىپ، ئادەم سانىنىڭ كۆپ بولۇشىنى قوغلاشمىدىم. مېنىڭچە، بىر ئەلئارا پىدائىيلار مۇلازىمەت تەشكىلاتىغا باھا بېرىشتە، ئۇنىڭ قانچىىك ئىش قىلغانلىقى، قانچىلىك ئادەمگە ياردەم بەرگەنلىكىنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك.
  پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەر ئايدا 2-3 قېتىم پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، ھەر قېتىملىق پائالىيەتتە يوقلىما تۈزۈمى ۋە ۋاقىت ھىسابلاش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلدى. 2015- يىلى 10- ئايدا، لى شياۋخۇڭ مۇلازىمەت ئەترىتىنى رەسمىي بايىنغولىن ئوبلاستلىق قۇياش نۇرى پىدائىيلار مۇلازىمەت جەمئىيىتى دەپ ئەنگە ئالدۇرۇپ، مۇلازىمەت دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، مۇھىت ئاسراش، چاغانلىق يولۇچى توشۇش، مەدەنىي سەپەرگە چىقىش، خالىس قان تەقدىم قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. پىدائىيلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن، ئۇ پىدائىيلار ئەترىتىگە ماس كېلىدىغان پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، پىدائىيلارنى ئۆز ئارزۇسى بويىچە مۇلازىمەت تۈرلىرىنى تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. كېيىن لى شياۋخۇڭ يەنە كورلا شەھەرلىك ئىللىق قۇياش نۇرى ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇپ، ئىجتىمائىي خىزمەت بىلەن پىدائىيلار خىزمىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، پىدائىيلار پائالىيىتىنى سىجىل داۋاملاشتۇرۇشقا ھەم تەكرارلاشقا بولىدىغان تۈر سۈپىتىدە يولغا قويۇپ، كەسپىي پاراۋانلىق ئىشلىرىدا يېڭى يول ئاچتى. ھازىر لى شياۋخۇڭ يېتەكچىلىكىدىكى پىدائىيلار ئەترىتى كورلىنىڭ چوڭ- كىچىك كوچىلىرىنى قاپلىدى. ئۇ ئۆزىمۇ مەملىكەتلىك خالىس قان تەقدىم قىلىش ئالتۇن مۇكاپاتى، مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش پىدائىيلار نازارەتچىسى، كورلا شەھەرلىك 3-نۆۋەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى قاتارلىق نۇرغۇن شەرەپكە ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى:- بەخت تولىمۇ تاساددىپىي يېتىپ كەلدى. قىسقىغىنە 5-6 يىلدا شۇنچە كۆپ شان-شەرەپكە ئېرىشتىم. بارلىق ئارزۇ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ! 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى