قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گۈلدەك خۇشپۇراق تارقىتىش

2018-05-10 17:16:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 يامغۇرلۇق بىركۈنى ئۇنى كۆردۈم. ئۇ تام تۈۋىدە شۇنچە قىزىل، پاك، پاكىز ھەم تېنچ. كىچىككىنە، تولغان بەرگى ئىنچىكە غولىدا مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، شامالدا بەرگىدىكى شەبنەم ھەر تەرەپكە چېچىلاتتى ۋە ئىككى تەرەپكە ئىغاڭشىيتتى. ئۇ بەكلا چىرايلىق، كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ئەمەس، كۆزگە ئالاھىدە چېلىققۇدەكمۇ ئەمەس، ئۇنىڭ چىرايلىقلىقى شۇنچە ئاددىي، ئۆزىنى كۆز- كۆز قىلىشنى ئويلىمايدۇ، بەلكى زېمىننىڭ چىتلىقىدەك، يېزىلاردىكى ئىس- تۈتەكتەك، ئۈن- تىنسىز، تەبىئى، ئادەتتىن تاشقىرى ھاياتىي كۈچى بىلەن ئاددىي دۇنيادا پورەكلەپ ئېچىلىدۇ.
  بۇ گۈل مەھەللىمىزگە دائىم ئەسكى- تۈسكى يىغقىلى كېلىدىغان بىر ئايالنى ئېسىمگە سالىدۇ. ئۇ ۋىجىك، ئورۇق بولۇپ، 50 نەچچە ياشلاردا كۆرىنەتتى، ئەمما ئاۋازى بەكلا ياڭراق بولۇپ، دائىم ئۈچ چاقلىق ۋېلسىپىت مىنىپ مەھەللىمىزنى ئايلىنىپ يۇقىرى ئاۋازدا توۋلايتتى. ئۇ كۈنى، ئاپتوموبىل ئىسكىلاتىغا دۆۋىلەپ قويغان مېۋە- چىۋە يەشىكى، سۈت يەشىكى قاتارلىقلارنى سىرتقا تاشلاۋاتاتتىم، ئۇ بۇلارنىڭ ھەر جىڭىنى ئالتە مودىن سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتتى، سىز ئېلىپ قېلىڭ دېدىم. ئەسلى مەقسىدىم بىكارغا بېرىۋېتىش ئىدى، ئەمما ئۇ ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن قەغەز يەشىكلەرنى قاتلاپ، يىپتا مەھكەم باغلاپ جىڭلىدى. ئۇ تاپىنىنى ئىگىز كۆتۈرىۋالغان ئىدى، ئۇ قولىدا تارازا چوكىسىنى كۈچەپ يۇقىرى كۆتۈردى، بوينىمۇ بەدىنىگە ئەگىشىپ سوزۇلۇپ كېتىۋاتاتتى، ئۇ بوينىنى سوزۇپ تارازا چوكىسىدىكى چېكىتلەرنى ئوقىدى، جىڭلاپ بولغاندىن كىيىن، ئۇف دېگەندەك بولدى، ئەسلىدىنلا كىچىك كۆزى تېخىمۇ كىچىكلەپ كەتكەن ئىدى، ناھايىتى تېزلا، ئۇ ياڭراق ئاۋازدا: «يەتتە يۈەن سەككىز مو» دېدى. ئۇ يەنە: «سىزگە سەككىز يۈەن بېرەي» دېدى، ھەيران قالدىم، پەمىمچە ئۇ ماڭا پۇل بەرمەكچى ئىدى، «يەتتە يۈەن بەرسىڭىزلا بولدى» دېدىم، ئۇ ناھايىتى  تېز ئىنكاس قايتۇردى: «يەتتە يۈەن سەككىز مو بولغان تۇرسا» دېدى، ئۇ سەككىز مونى قىسىۋېلىشتىن خىجىل بولىۋاتقاندەك قىلاتتى، «سىز بەك ياخشى ئىكەنسىز» دېگەچ ئۈچ چاقلىق ۋېلسىپىتنىڭ ئورۇندۇق سېلىنجىسى ئاستىدىن پۇلنى ئالدى. پۇلنى قولۇمغا ئالغان شۇ پەيتتە، باشقىچە بىر ئىللىق سېزىم پۈتۈن بەدىنىمنى قاپلىدى، بۇ، تەسىرلىنىش، ھۆرمەت بىلەن تويۇنغان ئىللىق سېزىم ئىدى، بەلكىم تۇرمۇشتىكى سەمىمىيلىك سەۋەپلىك بولسا كېرەك. ئالقىنىمدا يېپ يىڭى بەش يۈەنلىك قەغەز پۇل ۋە ئىككى دانە پاقىراق بىر يۈەنلىك تەڭگە پۇل، ئالقىنىم تەرلىدى، سەل گالۋاڭلاشتىم، پۇلنى قەيەرگە قويۇشنىمۇ بىلەلمىدىم.
  كاللام توختاپ قالغان شۇ پەيتتە ئۇ يەنە ئانام توغرىسىدا سورىدى. ئانام يەتمىشتىن ئاشقان ئىدى، ئارىلاپ ئۆي يېنىدىكى ئالقانچىلىك يەردە كۆكتات تېرىيتتى، قايسى چاغكىن ئېسىمدە يوق، ئىككەيلەن پاراڭلىشىپ قاپتۇ، ئۇلار ناھايىتى تونۇشلاردەك مۇڭدىشاتتى، بەزىدە كىتابخانەمدىن ئىككى ئايالنىڭ گۇڭۇر- مۇڭۇر مۇڭداشقان ئاۋازى ئاڭلىناتتى، ئۇلار ئۆيدىكى ئۇششاق ئىشلار توغرىسىدا مۇڭدىشاتتى، ئۇلارنىڭ بىرى ئاقباش موماي، بىرى خېنەنلىك ئايال بولسىمۇ، توسالغۇسىز پىكىرلىشەتتى. «كەيپلىكتىكى سۆز شىرىن بولۇر» دېگەن شېئىرى مىسرالار تۇيۇقسىز كاللامدىن كەچتى، ئۇلار ناھايىتى ئىللىق مۇڭدىشاتتى، ئوي- پىكىرى بىر يەردىن چىقاتتى. ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى دىيىشكەنلىكىنى ئېنىق بىلەلمەيتتىم، ئەمما ئۇ ھەر قېتىم ئانام بىلەن مۇڭداشقاندا ئانام بەكلا ئېچىلىپ كېتەتتى. يات شەھەردە، ناتونۇش كىشىلەر ئارىسىدا ئۇ ئۈچ چاقلىق ۋېلسىپىتتا «ئەسكى- تۈسكى يىغىمەن» دەپ توۋلىغاندىن باشقا، كۆپ قىسىم ۋاقتى زېرىكىش ئىچىدە ئۆتەتتى، پەقەت ئۆزى يالغۇز مەھەللىلەرنى ئارىلىغاندا باشقىلارنىڭ چىراغ يورۇقىدا ئائىلىسىدىكىلەرنى سېغىنىدۇ، بەختلىك جەم بولغان ۋاقىتلىرىنى ئەسلەيدۇ. شۇڭا، ئۇ كۆكتاتلىقتا ئانامنىڭ سىماسىنى كۆرىشى ھامانلا ئانامدىن ئەنسىرەيتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئانام ناھايىتى ياخشى تۇرغان بولۇپ، ئانامنى بەكلا مېھرىبان، ياخشى دەپ تەرىپلەيتتى. ئۇنىڭ قارىشىدا، ئانام ئۇنىڭغا شاپائەتچى ھىسابلىناتتى، ئۇ بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا بەخت پەيزىنى سۈرگەندەك چىرايىدىن شادلىق پارلاپ كەتكەن ئىدى. ئۆزۈممۇ بىلمەي كۆز ئالدىمدىكى بۇ ئاق كۆڭۈل ئايالدىن بەكلا تەسىرلەندىم، نەزەرىمنى تام تۈۋىدىكى ئىسمىنى بىلمەيدىغان گۈلگە ئاغدۇردۇم، ئۇنىڭ پاكىز، قىزىل، چىرايلىق ئېچىلغان بەرگىلىرى شامالدا يەڭگىل تەۋرىنەتتى، ئۇ شۇنداق گۈزەل ئىدى.
  ئاستا- ئاستا گۇگۇم چۈشۈشكە باشلىدى، ئۇ ئايال بىر كۈنلۈك ھوسۇلىنى ئۈچ چاقلىق ۋېلسىپىتكە ئاسمان پەلەك بېسىۋالغان ئىدى. ئۇ ئادىتى بويىچە مەھەللىگە بىر قۇر نەزەر سالدى، ئېڭىشىپ تۇرۇپ، چۆپلۈكتىكى ۋە تاش يېرىقلىرىدىكى ئۈزۈك شوينا، قەغەز پارچىسى ۋە يالتىراق بوتۇلكىلارنى يىغدى، ئۇ تەرمىگەن تاماكا قالدۇقلىرى قالمايتتى، كۈن تاغ ئارقىسىغا پاتتى، قەغەز يىشىكلەر ئارىسىغا چۆككەن بۇ ئايال ئاستا- ئاستا يىراقلاپ كېتىپ باراتتى.
  ئويلاپ قالدىم، ھەممەيلەننىڭ ئارزۇسى بولىدۇ، كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۆز ئارزۇسى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ. بەزىدە باشقىلارنىڭ دېققىتىنى قوزغىيالمىغان تەقدىردىمۇ، گۈلدەك خۇشپۇراق تارقىتىدۇ، نىشانىدىن ئاداشمايدۇ، چۈشكۈنلەشمەيدۇ، ئۇلار مۇشۇنىڭ بىلەن گۈزەل.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى