قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بېشىغا چىنە قويۇپ نۇمۇر ئورۇنلىغان ئۆسمۈر

2018-05-10 17:17:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  بەزىدە تۇيۇقسىز يولۇققان مەلۈم بىر ئىشلارنى ئۇنتۇش تەس بولۇپ، ھەر ۋاقىت كۆڭۈلدىن كۆتۈرۈلمەيدۇ. بەلكىم سىز بۇنىڭدىن داۋاملىق ئىلھام ئېلىپ، بىر قىسىم ھاياتلىق ھېكمەتلىرىنى يەكۈنلەپ چىقىشىڭىز مۈمكىن.  

 بۇ 20 نەچچە يىل ئاۋالقى بىر ئىش ئىدى. مەن شاڭخەيدىكى «بۈيۈك دۇنيا يازلىق تىياتىرخانىسى» دا ئويۇن كۆرىۋاتاتتىم. نۇمۇرلار تولىمۇ سەرخىل بولۇپ، ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىدىن بوش ئورۇنمۇ قالمىغان ئىدى. ئالدىدىكى بىر قانچە رەتتە پۈتۈنلەي ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان بولۇپ، شەرق سېھىرگەرلىكى ئۇلارنى ئىنتايىن جەلب قىلغان ئىدى. شۇڭا، ئۇلار جۇڭگۇلۇق تاماشىبىنلارغا ئوخشاش، ھەر بىر نۇمۇرغا ناھايىتى قىزغىن چاۋاك چېلىشاتتى. 
  نۇمۇرلار ئارىسىدا تالانتلىق بىر ئۆسمۈر لەرزان مۇزىكا ساداسى ئىچىدە سەھنىگە چىقتى. ئۇ بېشىغا ئالتۇن رەڭ گىرۋەكلىك، قىزىل گۈللۈك ئاق چىنىدىن بىر قانچىنى ئېگىز دەستىلەپ قويىۋالغان بولۇپ، پۇت- قوللىرىنى يەڭگىل ئوينىتىپ، نازۇك ھەرىكەتلىرى بىلەن ھەممىمىزنى تاڭ قالدۇردى. ئۇ بىردە سەھنىدە ياتسا، بىردە ئۆرە قوپاتتى. چىنىلەر ئۇنىڭ بېشىدا تەۋرىنىپ تۇرسىمۇ، ئەمما چۈشۈپ كەتمەيتتى. ئاخىرىدا، ئۇ قىيىنلىق دەرىجىسى يوقىرى بولغان بىر يۈرۈش ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا باشلىدى، يەنى بىر ھەمراھىنىڭ ئۈستىگە مىنگىشىپ، ئىككىسى بىرلىكتە بىردە سەھنىدە ياتسا، بىردە ئورنىدىن تۇرۇپ دېگەندەك ھەر خىل شەكىلدىكى ھەرىكەتلەر بىلەن ئۇسسۇل ئوينايتتى. بۇنداق ھەرىكەتلەردە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىماق قىيىن ئىدى. ئۇنىڭ بېشىدىكى چىنىلەرمۇ خېلى تەۋرىنىپ تۇراتتى.  

 ئۇلار ئۇسسۇلنى ئەنە شۇنداق بېرىلىپ ئويناۋېتىپ، چوڭ دائىرىدە بىر چۆرگىلەيدىغان يېرىگە كەلگەندە، ئۇنىڭ بېشىدىكى دەستىلەكلىك چىنىلەر تۇيۇقسىز سەھنىگە چۈشۈپ كەتتى. ھېچكىممۇ ئويلاپ باقمىغان بۇ ئوڭايسىزلىق ئىچىدە، ھەممىمىز تىڭىرقاپ تۇرۇپلا قالدۇق.  

سەھنىدە ھېچقانداق قالايمىقانچىلىق كۆرۈلمىگەن بولىسمۇ، بېشىغا چىنە قويغان ئۆسمۈر ئارتىس خىجىللىق ئارىلاش كۈلۈمسىرىگەن ھالدا، تاماشىبىنلارغا ئېگىلىپ سالام قىلدى.
  بىر قىزچاق چىقىپ، سەھنىدىكى چېقىلغان چىنىلەرنى سۈپۈرىۋەتتى. ئۆسمۈر ئارتىس يەنە بىر دەستە ئالتۇن رەڭ گىرۋەكلىك، قىزىل گۈللۈك ئاق چىنىلەرنى بېشىغا ئالدى. چىنىلەر توپتوغرا ئون ئىدى.  

 مۇزىكىنىڭ قايتا ياڭرىشى بىلەن تەڭ چىنىلەر ئۆسمۈر ئارتىسنىڭ بېشىدا يەنىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. ئويۇن قايتىدىن باشلانغان ئىدى. ئۆسمۈر ئارتىس ناھايىتى سالماقلىق بىلەن تەمتىرىمەي، بايىقى ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى تەكرار ئورۇنلىدى. ئۇنىڭ شۇنداق نازۇك ھەم تەبىئىي ھەرىكەتلىرى تاماشىبىنلارنى تېزلا ئۆزىگە جەلب قىلدى. ئاخىرىدا ئۇلار يەنە ئىككىدىن بولۇپ بايىقى قىيىن ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى. جىددىيلەشكەن تاماشىبىنلارنىڭ كۆزى ئۇنىڭ بېشىدىكى تەۋرىنىپ تۇرغان بىر دەستە چىنىدە ئىدى. ئۇلار بىر پىرقىراپ بولغاندىن كېيىن ھاياجانلانغان چەتئەللىك تاماشىبىنلار چاۋاك چېلىشىپ كەتتى. ئەمما، ئۇنىڭ بېشىدىكى دەستىلەنگەن چىنىلەر قەستەن قالايمىقانچىلىق تېرىۋاتقاندەك، بەكلا تەۋرىنىپ كېتىۋاتاتتى. ئۆسمۈر ئۇسسۇلچى جىددىيلىشىپ بېشىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى شۇنچە ساقلاشقا تىرىشسىمۇ، ئەمما ئۈلگىرەلمەي قالدى، چىنىلەر يەنە سەھنىگە چۈشۈپ چېقىلىپ كەتتى.
  مەيداننى چۇقان- سۈرەنلەر قاپلىدى. سەھنىدە ئۆسمۈر ئۇسسۇلچى نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تىڭىرقاپ تۇرۇپلا قالدى. ئۇنىڭ يۈزلىرىدە بولسا تەر تامچلىرى يالتىرايتتى. يەنە ھېلىقى قىز چىقىپ چېقىلغان چىنىلەرنى سۈپۈردى. تاماشىبىنلار ئارىسىدىن بىرەيلەن بار ئاۋازدا: «بولدى، ئەمدى ئوينىمىسۇن، كېيىنكى نۇمۇرغا كېلەيلى» دەپ ۋارقىرىدى. بەزى تاماشىبىنلارمۇ ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، تەڭ ۋارقىراشتى. دەل شۇ چاغدا چاچلىرى ئاقارغان، ياشانغان بىرەيلەن سەھنىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن چىراق يورۇقىغا كەلدى. ئۇنىڭ قولىدا يەنە بىر دەستە ئالتۇن رەڭ گىرۋەكلىك، قىزىل گۈللۈك ئاق چىنىلەر تۇراتتى. ئۇ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئۆسمۈر ئارتىسنىڭ يېنىغا كېلىپ، تولىمۇ مېھرىبانلىق بىلەن قولىدىكى دەستىلەنگەن چىنىلەرنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزدى. ئاندىن ئۇنىڭ مۈرىسىنى يەڭگىل ئۇرۇپ قويۇپ، پەس ئاۋازدا بىر نېمىلەرنى دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئۆسمۈر ئارتىس ئاستا- ئاستا تەمكىنلىشىپ، قولىدىكى يېڭى چىنىلىرى بىلەن تاماشىبىنلارغا ئېگىلىپ سالام قىلدى.
  مۇزىكا ئۈچىنچى قېتىم ياڭرىدى. مەيدان تىمتاسلىققا تولدى. بەزى تاماشىبىنلار كۆزلىرىنى ئېتىۋېلىشقان ئىدى.   بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر مەيدان ئېلىشىش بولدى. دەستىلەنگەن چىنىلەر قاتتىق تەۋرەنگەن چاغدىمۇ، ئۆسۈر ئارتىس بېشىنى يەڭگىل مىدىرلىتىپ قويۇپ، چىنىلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىۋالدى. پۈتۈن مەيداندىن گۈلدىراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.  

 كېيىنكى كۈنلەردىمۇ، مەن نېمىشقىكىن شۇ بېشىغا چىنە قويۇپ نۇمۇر ئورۇنلىغان ئۆسمۈر ئارتىسنى دائىم ئەسلەپ تۇردۇم. ئۇنىڭ نۇمۇرىنى ھەر بىر ئەسلىگىنىمدە قەلبىمدە شۇنداق بىر ھاياجان دولقۇنلايتتى.  

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى