قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سىز نېمە ئۈچۈن باشقا ئادەم ئەمەس

2018-05-10 17:18:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 مەن جەنۇپلۇق قىز، بېيجىڭغا يېڭى كەلگەندە، تەلەپپۇزىم ۋە بويۇمنىڭ پاكارلىقى سەۋەپلىك، باشقىلار دائىم مېنى بوزەك قىلاتتى، دەسلەپكى بىر قانچە ئايدا، كۈندە دىگۈدەك مەكتەپتىن يىغلاپ قايتاتتىم. چوڭ ئانام مېنى كۆرۈپ ئىچى ئېچىشاتتى ۋە ئانامغا: «بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇڭ، مەكتەپ مۇدىرىنى بولامدۇ ياكى ساۋاقداشلىرىنىڭ ئاتا- ئانىلىرىنى بولامدۇ ئىزدەپ بېقىڭ» دەيتتى. ئانام ماڭا شۇنداق بىر قاراپ قويۇپ، مەندىن مەڭگۈ جاۋابى چىقمايدىغان سۇئال سورايتتى، «نېمىشقا ئۇ بالىلار باشقىلارنى بوزەك قىلماي سېنىلا بوزەك قىلىدۇ؟»
  بۇ سۇئال مېنىڭ پۈتكۈل ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىمغا دىگۈدەك ھەمراھ بولغان ئىدى، مەيلى قانچىلىك ئۇۋالچىلىق تارتاي، مەيلى قانچىلىك تەڭسىز مۇئامىلىگە ئۇچراي، مەڭگۈ ئالدى بىلەن ئۆزۈمدىن: «نېمىشقا مەنلا بوزەك بولىمەن، باشقىلار نېمىشقا بوزەك بولمايدۇ، مەندە مەسىلە بارمۇ قانداق؟» دەپ سورايتتىم.   بويۇمنىڭ پاكارلىقىنى ئەلۋەتتە ئۆزگەرتەلمەيمەن، ئەمما تەلەپپۇزۇمنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتتىم. ھازىر، باشقىلارغا ئۆزۈمنىڭ جەنۇپلۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتسام «مۇمكىن ئەمەس، تەلەپپۇزىڭىز پەقەتلا ئوخشىمايدىكەن» دېگەن جاۋاپقا ئېرىشىمەن.
  ئانام بىلەن چوڭ ئانام ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئىختىلاپ شۇكى، ئانام بالىلارغا ھەر قانداق تايىنىۋېلىش ئىمكانىيىتى قالدۇرماسلىق كېرەك دەپ قارايدۇ ھەمدە دائىم: «ساڭا راست گەپنى قىلسام، سەن ئەڭ مۇنەۋۋەر، ئەڭ ياخشىسى ئەمەس، دۇنيادا سەندىنمۇ كۈچلۈكلەر بار، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرمەكچى بولغىنىڭ خاتا ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىشىڭ كېرەك. ئاناڭ بولۇش سۈپىتىم بىلەن ساڭا ھەممىنى تەييار قىلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىم يوق» دەيتتى.
  خىزمەتكە چىققان دەسلەپكى چاغلاردا، تۇنجى قېتىم كاماندىروپكىغا چىقتىم، پويىزدىن چۈشكەندىن كىيىنلا يېتەرلىك پۇل ئېلىۋالمىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم، ئانامغا مائاش كارتامدىن مىڭ يۈەن پۇل ئېلىپ ماڭا سېلىپ بېرەرمىكى دېگەن ئۈمىدتە تېلىفون قىلدىم. ئانام ئاچچىقلانغان ھالدا: «كاماندىروپكىغا چىققان ئادەم نېمىشقا كۆپرەك پۇل ئالمايسەن؟ ئاناڭ ئۆي خوتۇنى ئەمەس، سېنىڭ بۇنداق ئىشلىرىڭنى قىلىدىغانغا نەدە مېنىڭ ۋاقتىم» دېدى.
  تېلىفوندا يىغلاپ كەتتىم، كىيىن ئۇ يەنىلا ماڭا پۇل ئەۋەتىپ بەردى. ئەمما، بۇنداق ئىشنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن يۈز بەرمەسلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. دېگەندەك، شۇنىڭدىن كىيىن بۇنداق ئۇششاق ئىشلار ئۈچۈن ئانامنى ئاۋارە قىلىپ باقمىدىم. چۈنكى، ئۇ ئانا بولۇپلا قالماستىن، يەنە پروفىسسور دەرىجىلىك ئېنژىنىر ئىدى، ئۇنىڭ قىلىدىغان نۇرغۇن مۇھىم ئىشلىرى بار ئىدى.
  ئىلگىرى ئانامدىن رازى بولماي ئەپسۇسلانغانمۇ ئىدىم، ئەمما ھازىر بۇنداق قارىمايدىغان بولدۇم. تەقدىر ماڭا مۇشۇنداق بىر ئانىنى ئاتا قىپتۇ. ئەمما، ئۇ مېنىڭ ئۆزگىچە مىجەزىمنى يېتىلدۈردى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىمەن. چۈنكى، «ئۇ بولغاچقا، مەن بولغان» ئۇنىڭ مىجەزى خاسلىققا ئىگە بولغاچقا، مەنمۇ خاس مىجەزگە ئىگە بولغان. ئۇ مەن ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىشنى خالىمايدۇ ئەمەس، بەلكى مەن ئۈچۈن ئورۇنسىز قۇربانلىق بېرىشنى خالىمايدۇ خالاس.
  بۇلتۇر، دوختۇرخانىنىڭ جىددىي بۆلىمىگە كىرىپ قالدىم. ئانام ئەينى ۋاقىتتا باۋگاڭ پولات تۆمۈر تۈرىگە مەسئۇل ئىدى، ئۇ دوختۇرخانىغا كەلگەندە دوختۇر ئۇنىڭغا كېسىلىمنىڭ ئېغىرلىقىنى، دەرھال خېمىيىلىك داۋالاش قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، ئانام شۇ كۈنىلا پىنسىيىگە چىقىش رەسمىيىتىنى بىجىردى. ئۇ ھەتتا ئۇرۇق تۇققانلارغا: «جاننى جانغا تىگىشلىكى بولىدىغان بولسا جېنىمنى قىزىمغا بەرگەن بولاتتىم» دەپتۇ.   دائىم ئويلاپ قالىمەن، ئانام ماڭا جېنىنى بېرىشكە رازىكەن، لېكىن نېمىشقا ئۇنىڭغا ئازراق بولسىمۇ يۆلىنىۋېلىشىمنى خالىمايدىغاندۇ؟
  كېسەل بولۇپ ياتقان ۋاقتىمدىمۇ، ئۇ ئەزەلدىن ماڭا بەزى ئانىلاردەك ياخشى نىيەتتە يالغان سۆزلەرنى قىلمىدى، ئۇ خۇددىي مېنى ئەزەلدىن رىئاللىقنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ دەپ قارىسا كېرەك، ئۇدۇللا: «يامان سۈپەتلىك ئوزۇقلۇق ھۈجەيرىسى ئۆسمىسى كېسىلى بولۇپسەن، خېمىيەلىك داۋالاش قىلمىسا يېرىم يىلمۇ ياشىيالمىغۇدەكسەن؛ خېمىيەلىك داۋالاش قىلسا ھايات قېلىش نىسبىتىڭ 50 پىرسەنت بولىدىكەن. خېمىيىلىك داۋالاش تۈگىگەندىمۇ، ئىلگىركىدەك بولالمايدىكەنسەن، چوقۇم دائىم دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈپ، كېسەلنىڭ تەكرار قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىڭ كېرەك ئىكەن. شيېخې دوختۇرخانىسىنىڭ خاتىرىسىدە 18 يىلدىن كىيىن كېسىلى قوزغالغانلار بار ئىكەن» دېگەن ئىدى.
  ئەينى ۋاقىتتا ساراڭ بولايلا دەپ قالغان ئىدىم، ئۇنىڭغا: «ھايات مېنىڭ، داۋالانمايمەن، ئۆمرۈمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا دۇنيانى ساياھەت قىلىمەن» دېدىم.
  ئۇ سوغۇققانلىق بىلەن ماڭا: «بىرىنچىدىن ھازىر ئۆمۈر مەنزىلىڭنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ئەمەس، ئىككىنچىدىن سېنىڭ ھاياتىڭ پۈتۈنلەي ساڭا تەۋە ئەمەس، سېنىڭ بۇ ھاياتىڭنى ساڭا مەن بەرگەن. شۇڭا، مەن ئۈچۈن ھايات ياشىشىڭ كېرەك» دېدى.
  ئويلاپ قالدىم، ئانام مۇشۇنداق ئانا بولمىغان بولسا، مەن بۈگۈنكى مەن بولالايتتىممۇ؟ بۇ ماقالىنى يېزىش ماڭا نېسىپ بولارمىدى؟ ئۇ مېنىڭ ھاياتلىقنىڭ باشقا مەناسىنى چۈشىنىشىمگە تۈرتكە بولدى. ئۇ مېنى «مەن» قىلدى، ھاياتىمنىڭ پەقەت ماڭىلا تەۋە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
  ھايات شۇنىڭ ئۈچۈن قىممەتلىككى، ئۇ ھەممە ئادەمگە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدىغانلىقىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلىقىدا. خۇددى ئانام ئېيتقاندەك، «ناۋادا خېمىيەلىك داۋالاشنى رەت قىلىشىڭدىكى بىردىن- بىر سەۋەپ ئازاپتىن قورققانلىقىڭ بولسا، دۇنيانى ساياھەت قىلساڭ ھەقىقىي خۇشاللىق تاپالمايسەن».
  مېنىڭچە ئۇنىڭ دېگىنى توغرا. ئۇنىڭ ماڭا ھاياتلىقنىڭ ئەسلىدىنلا ئاچچىق مەزمۇنلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگىنىگە رەھمەت. كۆپ يىللارنىڭ ئالدىدا، ئۇ جاپادىن، قىيىنچىلىقتىن قورققان بولسا مەن ھايات قالمىغان بولاتتىم. ئاتالمىش راھەت دېگەن سۆز جاپا دېگەن مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان، جاپا بولمىسا راھەت نەدە تۇرۇپتۇ؟  

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى