قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قانداق قىلغاندا دانىخورەكنى يوقاتقىلى بولىدۇ؟

2018-05-11 13:29:00     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

 يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك    دانىخورەك چىقىش يېمەكلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قىز-ئاياللار ھەر خىل تاتلىق، مايدا داغلىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بەكرەك ئامراق، بۇ يۇقىرى قەنتلىك كاربون سۇ بىرىكمىلەر (بولكا، مايدا داغلانغان يېمەكلىكلەر، پىرەنىك، قەنت-گېزەك، تورت، مايدا پىشۇرۇلغان بەرەڭگە ياپراقچىسى) بەدەندە بىر تۈرلۈك ھورموننىڭ سەۋىيەسىنى ئۆزگەرتىپ دانىخورەك چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە غىزالىنىشقا كۆپرەك دىققەت قىلىپ، يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر يېمەي، كۆكتات، مېۋە-چېۋىنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە بەلگىلىك دەرىجىدە دانىخورەكنى ئازلاتقىلى بولىدۇ.
 ئىلمىي ئۇسۇلدا يۈز يۇيۇش    دانىخورەكنى يوقۇتۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن يۈزنى پاكىز يۇيۇش، يۈز يۇيۇشتىن ئىلگىرى چوقۇم قولنى يۇيۇش كېرەك. يۈز تازىلاش مەھسۇلاتىنى بىۋاسىتە يۈزگە سۈرمەستىن بەلكى ئالدى بىلەن ئالقانغا چىقىرىۋېلىپ، كۆپۈكچە چىقىرىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن يۈزگە سۈرۈپ يۇيۇش كېرەك. بۇنداق بولغاندا تېرىنىڭ غىدىقلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە يۈزنى تېخىمۇ پاكىز يۇيۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ (سوغۇق سۇ يۈزنى غىدىقلايدىغان بولغاچقا، ئىلمان سۇ بىلەن يۈز يۇيۇش كېرەك).
  بېسىمنى يېنىكلىتىش    بېسىم ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى ۋە شۇ سەۋەبلىك دانىخورەك چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئۆزىمىزنى ئەركىن قويۇۋېتىپ، بېسىمىمىزنى يەڭگىللىتىپ تۇرۇشىمىز كېرەك. ئادەتتە، چوڭقۇر نەپەس ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللانساقمۇ بولىدۇ (4 سېكۇنت نەپەس ئېلىپ، ئاندىن 7 سېكۇنت تىنماي تۇرۇپ 8-سېكۇنتتا نەپەسنى چىقىرىمىز). شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەدەننى غىدىقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك، چۈنكى بۇ يېمەكلىكلەرنى يېگەندە بەزىدە بەدەندىكى بارلىق فۇنكسىيەلەر ئېھتىيات ھالەتكە ئۆتۈپ، دانىخورەك ئۆرلەپ كېتىدۇ.
 
   تەركىبىدە سىنىك مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش    بەدىنىگە دانىخورەك ئۆرلەپ كەتكەنلەر، ئادەتتە تەركىبىدە سىنىك مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك. چۈنكى سىنىك ئېلېمېنتى مايلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تىزگىنلەيدۇ. دېڭىز بېلىقى (كۆلدە بېقىلغان بېلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، قارا گۆش، تۇخۇم قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە سىنىك ئېلېمېنتى ئىنتايىن مول.
 
ۋىتامىن تولۇقلاش    ۋىتامىن تېرىنى ئاسراپ، ھۆسننى گۈزەللەشتۈرۈپ، دانىخورەكنى يوقتىدۇ. ئادەتتە سۈت، تۇخۇم، كۆكتات، ھايۋانات جىگىرى، بېلىق قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسە دانىخورەك چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى