قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۆزگىچە تېرىقچىلىق-- كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش يولىنى كېڭەيتتى

2018-05-11 13:18:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  ئىستانسىمىز خەۋىرى:
  ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، گۇما ناھىيىسىنىڭ سانجۇ بازىرى قۇمئېغىل كەنتىدىكى ئاھالىلەر ئوسما يىلتىزى، بادرەنجى بۇيا چىنى، سامساق قاتارلىق ئۆزگىچە ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بىيىش يولىغا قاراپ ماڭدى.
  خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىگە دەرس ئۆتۈپ بېرىشكە كەلگەن جىمسار ناھىيەسى جىڭدۇڭ سامساق تېرىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى لو جېڭدوڭ 5- ئاينىڭ 9- كۈنى، قۇمئېغىل كەنتىنىڭ 200 مو يېرىدىكى سامساق تېرىلغۇ بازىسىدا، سامساقلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەپسىلى كۈزەتكەندىن كېيىن « سامساقلارنىڭ ھازىرقى ئۆسۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ھەر مو يەردىن ئاز دېگەندىمۇ 800 كىلوگىرام ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ» دېدى. ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ گۇما ناھىيىسى سانجۇ بازىرىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، قۇمئېغىل كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى مۇھەممەت ئوسمان «800 كىلوگىرام سامساقنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى 10 يۈەندىن ھىسابلىساق قانچىلىك كىرىم قىلغىلى بولىدۇ؟» دەپ سورىغاندا، لو جېڭدۇڭ « 10 يۈەندىن ھىسابلىغاندا ھەر مو يەردىن 8 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغىلى، 20 يۈەندىن ھىسابلىغاندا 16 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ» دېدى. مۇھەممەت ئوسمان، بۇ تۈرنى تاللىغىنىمىز ئىنتايىن توغرا بوپتۇ، دېدى.
  بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ قۇمئېغىل كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىلەن شىنجاڭ ئەۋرىشىم دورىگەرلىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى كېلىشىم تۈزۈپ، كەنتتە سىناق تەرىقىسىدە سامساق ئۆستۈردى ھەمدە ھەر كىلوگرامىنى 20 يۈەنلىك باھا بويىچە سېتىۋالماقچى بولدى. شىركەت سۈپەت باش نازارەتچىسى ۋاڭ تاۋ مۇنداق دېدى: بىز تۇراقلىق باھا بويىچە سېتىۋالىمىز. بىزنىڭ باھا بازار باھاسىدەك ئۆزگىرىپ تۇرمايدۇ. شۇڭا پۇقرالار خاتىرجەم سامساق تەرسە بۇلىدۇ. ئۇلار مەھسۇلاتلىرىنى ساتالماسلىقىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بۇلىدۇ، بىز تۇلۇق سېتىۋالىمىز.
  قۇمئېغىل كەنتى تاغلىق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن بىر قەدەر ئېگىز. خىزمەت ئەترىتى شۇ جاينىڭ تۇپراق، سۇ بايلىقى ئەھۋالىغا ئاساسەن سوغۇققا، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق ئوسما يىلتىزىنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىدى. ئوسما يىلتىزىنى يوپۇرمىقىدىن تارتىپ يىلتىز غولىغىچە دورا قىلىپ ئىشلەتكىلى بۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئوسما يىلتىزىغا بولغان ئېھتىياج ناھايىتى زور بولۇپ، بۇنىڭ بازار ئىستىقبالى پارلاق. كەنت ئاھالىسى تۇرۇپ ئەلىنىڭ ئۈچ مو يېرى بار ئىدى. بۇلتۇر ئۈچ مو يېرىنىڭ ھەممىسىگە كۆكتات ۋە دورا ئۆسۈملۈكى تېرىپ، ھەر مو يەردىن 3 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. بۇ يىل ئۇ يەنە بىرىنچى بولۇپ سامساق تېرىشقا تىرىملاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتى قانچىلىك سامساق تېرىسا شۇنچىلىكنى سېتىشقا كاپالەتلىك قىلىدىكەن. بۇنى ئاڭلاپ خاتىرجەم بولدۇم. بۈگۈن خىزمەت ئەترىتى مۇتەخەسسىسلەرنى ئېلىپ كەلدى. يەنە سامساق سېتىۋالىدىغان كارخانىلارمۇ بىزنىڭ ئېتىزغا كېلىپ سامساقلارنى كۆرۈپ رازى بولۇپ قايتىشتى. بىز پەقەت ئوت - چۆپلارنى پاكىزە تازىلاپ، ياخشى باشقۇرساقلا، پۇل تېپىشتىن ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدۇ.
  ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ گۇما ناھىيىسى سانجۇ بازىرىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، قۇمئېغىل كەنتنىڭ 1 - شۇجىسى مۇھەممەت ئوسمان مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئېنىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسى دۆلەت پىلانى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلە، دېدى. قۇشۇلما قىممىتى يۇقىرى بەزى ئۆسۈملۈكلەرنى قانداق تېرىش كېرەك ؟ بۇ بىز ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە، دەسلەپتە بىز پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈردۇق. ئۇلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى تەڭشىمەكچى بولدۇق. كېيىن مۇشۇ ئاساستا ئۇلارنى تېخىمۇ يۇقىرى قوشۇلما قىممەت يارىتالايدىغان جۇڭگو تىبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى تېرىشقا يىتەكلىدۇق. بۇ يىل بىز ئوسما يىلتىزى، بادرەنجى بۇيا چىنى، كاسنە، يەنە سامساق تېرىشقا يىتەكلىدۇق. بۇ ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا جەزمەن غەلىبە قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى