قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاستىرونومىيە ئىشلىرى ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرەش قىلىۋاتقان جاڭ خەيلۇڭ

2018-05-11 13:26:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ رەسەتخانىسى كومپيۇتېر تېخنىكىسى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ خەيلوڭ ئۆز غايىسىدا چىڭ تۇرۇپ، قېتىرقىنىپ ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئېلىمىزنىڭ ئاسترونومىيە چوڭ سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
  جاڭ خەيلۇڭ ئىمپۇلس يۇلتۇزى، تارتىش كۈچى دولقۇنى دېگەندەك ئاسترونومىيە ئاتالغۇلىرى تىلغا ئېلىنسىلا ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتەتتى. ئەمما سەككىز يىل بۇرۇن ئۇ بۇ ئاتالغۇلارنى چۈشەنمەيتتى. 2010 - يىلى، جاڭ خەيلۇڭ جىلىن داشۆسىنىڭ كومپيۇتېر ئىلمى ۋە تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ يۇمشاق دېتال ۋە نەزەرىيە كەسپىدە دوكتۇرلۇقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، ئۇ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شىنجاڭ رەسەتخانىسىغا ئېكىسكۇرسىيە ۋە ئىلىم ئالماشتۇرۇشقا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا ئاسترونومىيە ئارزۇسى پەيدا بولدى. جاڭ خەيلۇڭ مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، «ئۇچار تەخسە ئۈستىدە ئىزدىنىش» دېگەن ژورنالنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيتتۇم. «ئىزدىنىش» دېگەن پىروگراممىنىمۇ بەك قىزىقىپ كۆرەتتىم. بۇلارغا ئەسلىدىنلا بەك قىزىققاچقا، كەلگۈسىدە يەر شارىدىن سىرتقى مەدەنىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئارزۇ قىلاتتىم.
  جاڭ خەيلوڭ دوكتورلۇقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۆزى 30 يىلغا يېقىن ياشىغان شەرقىي شىمالدىن ئايرىلىپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ رەسەتخانىسىغا كېلىپ خىزمەت قىلدى ھەم شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شىنجاڭدا يىلتىز تارتتى. ئۇ چاغدا شىنجاڭ رەسەتخانىسىدا ئاسترونومىيەنى كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىنىڭ كۆپ قىسمى قاتتىق دىسكىلاردا ساقلىنىدىغان بولغاچقا، سانلىق مەلۇماتتىن ھەر ۋاقىت پايدىلانغىلى بولمىغانلىقتىن، تەتقىقاتقا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن جاڭ خەيلۇڭ ئاسترونومىيە چوڭ سانلىق مەلۇماتىنى توردا ساقلاش ۋە ئىزدىگەن ھامان تېپىش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى. ئۇ ھەر كۈنى تەرتىپ نومۇرىنى يېزىش، نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش، سىستېما رامكىسىنى لايىھەلەشتىن باشقا، يەنە تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە زېھنىنى ئاسترونومىيە بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە ئاجىراتتى. ئۇ ھەر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ ئاسترونومىيىگە دائىر كىتابلارنى ئوقۇپ، توردا ماتېرىيال كۆردى ھەتتا تاماق يىگەندە، يول ماڭغاندىمۇ خىزمەتداشلىرىنىڭ ئاسترونومىيە ئاتالغۇلىرى توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىسا شۇ ھامان خاتىرىلەپ ماڭدى. چۈشەنمىگەن چاغلىرىدا ھەتتا ئۇلارنى ھاجەتخانىغىچە كەينىدىن قوغلىشىپ كىرىپ سوراپ بىلىۋالدى. ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا شىنجاڭ رەسەتخانىسىنىڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى ۋە يۇقىرى ئىقتىدارلىق ھېسابلاش سىستېمىسى شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى ئىمپۇلس يۇلتۇزىنىڭ سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش سۇپىسى ۋە نۇرغۇن يۇلتۇزلار جەدۋىلى سانلىق مەلۇماتىنى توردا گىرەلەشمە دەلىللەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئاسترونومىيەنى ھەقىقەتەن بەك ياخشى كۆرىمەن، ھەر ۋاقىت ئاسترونومىيە ئىلمىدىكى نامەلۇم نەرسىلەرنى تەتقىق قىلىشنى ئويلايمەن ھەم بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. مەن بۇنىڭدىن ئەزەلدىن ھارغىنلىق ھېس قىلىپ باقمىدىم.
  بۇ سىستېما پۈتۈن دۇنيادىكى ئاسترونومىيە تەتقىقاتچىلىرىنى ئۈنۈملۈك ئاسترونومىيىلىك چوڭ سانلىق مەلۇمات ئانالىز قىلىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، جاڭ خەيلۇڭ يەنە كۆپ قېتىم «شىنجاڭ رەسەتخانىسى ئىمپۇلس يۇلتۇزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكا تەتقىقاتى »، «زور مىقداردىكى ئاسترونومىيىلىك سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش تەتقىقاتى» قاتارلىق پەن- تەتقىقات تۈرلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئاساسىي تەتقىقات تەرەققىيات پىلانى بولغان « 110 مېتىرلىق چوڭ كالبېرلىق رادىيو تېلېسكوپ ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى ئۈستىدە تەتقىقات» تۈرىنىڭ تايانچ ئەزاسى بولۇپ قالدى. جاڭ خەيلۇڭ مۇنداق دېدى: مەسئۇلىيەتنى ھەر ۋاقىت زىممەمگە ئېلىپ، بۇرچنى ئىسىمدىن چىقارمىدىم. مەن داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئاسترونومىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ياشلىق باھارىمنى بېغىشلايمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى