قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

لاتارىيە مۇكاپاتى چىققان شۇ كۈنى

2018-05-11 16:49:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى، بىر ئائىلىدىكى ئالتە جان دادامنىڭ مائاشىغا تايىنىپ، قىيىنچىلىق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق. ئانام دائىم: «ئادەم ھاياتىدا چىن، سەمىمىي ياشىسىلا، ھەقىقىي بايلىق دېگەن شۇ» دەپ كۆڭلىمىزنى ياسايتتى. ئۇ چاغلاردا، دادام ئاپتوموبىل رىمونتچىلىق زاۋۇتىنىڭ تېخنىك ئىشچىسى ئىدى. كەسىپتە پىشقان، خىزمەتتە تىرىشچان دادامنى خوجايىنى خېلى ئەتىۋارلايتتى. دادامنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بولسا بىر ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئىدى.
  بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كېتىۋېتىپ، شەھىرىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تۈرلۈك ماللار ماگزىنىنىڭ ئالدىدا كىشىلەرنىڭ توپلىشىۋالغانلىقىنى كۆردۈم.  ئەسلىدە، بىرەيلەن لاتارىيە مۇكاپاتىدا «بىنىز» ماركىلىق ئاپتوموبىلغا ئېرىشكەن ئىكەن.
  توساتتىن ماگزىننىڭ ياڭراتقۇسىدىن دادامنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ قالدىم. دېمەك، بۇ ئاپتوموبىل بىزنىڭ ماشىنىمىز ئىكەن. بۇنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم. بىردەمدىن كېيىن، دادام ئاپتوموبىلنى ھەيدىگەن پېتى كىشىلەر توپى ئارىسىدىن ئاستا چىقىپ كەلدى.
  ئۇنىڭ روھىي ھالىتى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، مۇكاپات خۇشاللىقىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. مەن يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ پەيزىنى دادام بىلەن تەڭ سۈرۈش ئۈچۈن نەچچە قېتىم ئاپتوموبىلغا چىققان بولساممۇ، ئەمما دادام مېنى چۈشۈرىۋەتتى. مەن دادامنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ مۇكاپات ئۈچۈن خۇشال بولماي، ئەكسىچە چۈشكۈنلىشىپ كەتكەنلىكىنى چۈشىنەلمەي، ئۆيگە كېلىپ ئانامغا ئېيتتىم.
  ئانام ماڭا تەسەللىي بېرىپ: «ئىچىڭنى پۇشۇرما، داداڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئەخلاققا مۇخالىپ بولغان ئىشقا يولۇقۇپ قالدى» دېدى.
  - ئەجابا لاتارىيەدىن مۇكاپات چىقىش ئەخلاقسىزلىق ھېسابلىنامدۇ؟- دېدىم مەن ئاڭقىرالماي.
  - كېلە بالام،- دېدى ئانام مۇلايىملىق بىلەن مېنى شىرە يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ.
  شىرە ئۈستىدە ئىككى پارچە لاتارىيە بېلىتى تۇراتتى. ئۇلارنىڭ نۇمۇرلىرى بىر- بىرىگە ئوخشىمايتتى. ئانام ماڭا ئىككى بېلەتنىڭ پەرقلىرىنى تېپىپ چىقىشنى بۇيرىدى. مەن مۇكاپات چىققان بېلەتنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىگە سۇس قىلىپ «K» ھەرىپىنىڭ يېزىلغانلىقىنى بايقىدىم. ئانام ماڭا چۈشەندۈرۈپ:
  - «K» ھەرىپى يېزىلغىنى داداڭنىڭ خىزمەتدېشى كۇ تاغاڭنىڭ،- دېدى.
  ئەسلىدە، دادام لاتارىيە بېلىتى تارتقاندا، كۇ تاغامغا ۋاكالىتەن تارتىپ بەرگەن ھەم ئۇنىڭ بېلىتىنىڭ ئۈستىگە «K» ھەرىپىنى يېزىپ قويغان ئىكەن. كېيىن ھەر ئىككىلىسى بۇنى ئۇنتۇپ كېتىپتۇ. گەرچە بۇ «K» ھەرىپى ئۆچۈرگۈچ بىلەن ئۆچۈرۋېتىلگەن بولسىمۇ، سۇس ئىزى قالغان ئىدى.
ئىككىنچى كۈنى، كۇ تاغام ئادەم ئەۋەتىپ، ئاپتوموبىلنى ئەكەتتى. ئۇ كۈنى كەچلىك تاماق ۋاقتىدا، دادامنىڭ كەيپىياتى باشقىچىلا ياخشى ئىدى. ئۇ بىزگە ناھايىتى قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەردى.
  مانا بۈگۈن مەنمۇ چوڭ بولدۇم. ئۆتمۈشنى ئويلىسام، مەن ئانامنىڭ تەسىرىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈكلىكىنى ھېس قىلىمەن. دادام لاتارىيە بېلىتى تارتىپ، ئانامغا تېلىفۇن بەرگەن ئاشۇ ۋاقىت، ئائىلىمىزنىڭ ئەڭ باي ۋاختى ئىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى