قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇرمۇش ئانچە مۇرەككەپ ئەمەس

2018-05-11 16:50:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىر ئوقۇغۇچى بىلەن پاراڭلىشىپ تۇراتتىم. بىر قۇچقاچ يېنىمىزدا ئۇيان- بۇيان تاقلاپ يۈرەتتى. ئۇ خۇددى تولىمۇ يېنىك ۋە ئىللىق بىر تۇتام پاختىغا ئوخشاش ئىدى. ئۇ پۇررىدە ئۇچۇپ بىرنى پىقىرىدى- دە، يەنە پۇتىمىزنىڭ يېنىغا قوندى. ئۇ بىر تەەپتىن سەكرەپ بىر تەرەپتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ بىزگە قاراپ قوياتتى. كىچىككىنە كۆزىدە ئازراقمۇ قورقۇنچ يوق ئىدى. بەلكىم ئۇنىڭ نەزىرىدە ھاياتلىق ئوتتۇرىسدا قەلب رىشتىسى ئۇلانغاندا بۇ دۇنيانىڭ ھىچقانداق قورقۇنچلىقى بولمىسا كېرەك.
  ئەتراپىمىزدا دائىم تاپا- تەنە قىلىدىغان دوستلىرىمىز بار، خىزمىتى جاپالىق بولسا نارازى بولىدۇ، ئۇنۋان ئالالماي قالسا نارازى بولىدۇ، جەمىيەتتىكى ھەر خىل تەڭسىزلىكلەرگىمۇ نارازى بولىدۇ. ئۇلارنى ئەيىپلىمەڭ، كۆپ ھاللاردا ئۇلار پەقەت ئاغزىدىلا دەپ قويىدۇ. بۇ خۇددى قاتتىق ئورۇندۇقتا ئۈگدەۋاتقان ئادەمگە ئوخشايدۇ، بىر قانچە مىنۇت ئىلگىرى ئورۇندۇقنىڭ قاتتىقلىقىدىن قاقشىغان بولسا، بىر دەمدىلا ئۇيقۇغا كېتىدۇ.
  «مۇئەللىم مەن سىزنى بىر ئۆمۈر ئونتۇمايمەن»
  «نىمىشقا؟»
  «مەن قايتا ئوقۇغان يىلى بىر قېتىم پەلەمپەيدە سىزنى ئۇچراتسام، سىز مېنىڭ ئىسمىمنى چاقىردىڭىز»
  بۇنىڭغا نىمە بوپتۇ؟
  لېكىن بىلەمسىز، سىز بىزگە دەرسكە كىرگىلى تېخى بىر نەچچە كۈن بولغان.
  ئېمتىھان
  چاقماق كۆڭلەك كىيىۋالغان قىز ئالدىدىكى ئوغۇل بالىنى قەلەم بىلەن ئاستا نۇقۇدى.
  ئوغۇل بالىمۇ چاقماق كۆڭلەك كىيىۋالغان بولۇپ، بېشىنى كەينىگە بۇراپ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلدى. ئۇلار بىر- بىرىدىن كۆچۈرمىدى، تۇرمۇش ئەسلى ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەس، كېيىن ھەر ئىككىلىسى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىمتىھان بەردى. كېيىن ئوقۇغۇچىنىڭ ئانىسى مەكتەپكە كەلدى.
  «مۇئەللىم، كەچۈرۈڭ سىزنى مالال قىلىپتۇق»- دىدى ئانا خۇددى ئۆزى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك.
  ئوقۇغۇچى بىر ياندا تۇرۇپ:
  ــ ئانا سىز گەپ قىلماڭ، ھاجىتى يوق، ــ دىدى.
  ــ ئەمەلىيەتتە بۇ بالا بەك گەپ ئاڭلايتتى، ــ ئانا ئوقۇتقۇچىغا ئوغلىنىڭ قانداق گەپ ئاڭلايدىغانلىقى، تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا نەتىجىسىنىڭ قانداق ياخشىلىقىنى ھاياجانلىنىپ سۆزلەپ كەتتى.
  بىر ياندا تۇرغان ئوقۇغۇچى تاقەت قىلالماي:
  ــ ئانا، بولدى قىلسىڭىزچۇ؟ قاچانقى گەپلەر ئۇ؟ كىمنىڭ ئاڭلىغۇسى كېلىدۇ؟ ــ دىدى.
  ــ ياق، ئاناڭ ياخشى گەپ قىلدى، مېنىڭ ئاڭلىغۇم بار، ــ دىدى ئوقۇتقۇچى.
  مەكتەپتە ئىشلىتىلمەيدىغان بىر تىرانسىفورماتور بولۇپ، چەت بىر بۇلۇڭغا تاشلاپ قويۇلغان ئىدى. بىر قارا چىكەتكە ئۇنىڭ ئاستىغا كىرۋىلىپ سايراۋاتاتتى. مەن ئۇنى ئىزدەپ يۈرۈپ بىر مايسىنى بايقاپ قالدىم. خەردەل ئوتى يىڭنىدەك بولۇپ، تىرانسىفورماتورنىڭ بىر ئەگىمەچ تۆمۈرى ئىچىدىكى تىرناقتەك چوڭلۇقتىكى پۇرچاق قېلىنلىقىدىكى كىچىككىنە توپا ئۈستىگە ئۈنۈپ چىققان ئىدى. شامال توپا ۋە ئۇرۇقنى ئېلىپ كەلگەن، يامغۇر يېغىشى بىلەن تەڭ ئۇ توپىنى يېرىپ ئۆسۈپ چىققان ئىدى. شۇنداق بىر ھاياتلىق  پەقەت ياشاشنى مەقسەت قىلغاندا ئۇ بۇ دۇنيادىن ھىچنىمىنى تەلەپ قىلمايدۇ. بىز بىر ئۆمۈر ياشىنىغىمىز بىلەن يەنىلا ئىنسان ھاياتىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ بولالمىدۇق. 
  مانا بۇ يېتەرلىك، ھاياتلىقنى بەك چۈشۈنۈپ كەتسەك، ھاياتلىق مۇساپىمىزدە چېلىنىدىغىنى پەقەتلا ئازاپلىق ۋە ئۈمىتسىزلىك مىلۇدىيەلىرى بولىدۇ. گۈزەل ھايات كېچە مەنزىرىسىگە ئوخشايدۇ. سىز ئۇنى گۈزەل دەپ ھىس قىلىسىز، لېكىن ئۇنىڭ قەيەرىنىڭ گۈزەللىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيسىز. مانا بۇ يېتەرلىك. 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى