قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى مارالبېشى ناھىيەسى دۆلەتباغ يېزىسىدىن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقانلار ۋەكىللىرىدىن 22 كىشىنى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

2018-05-12 19:43:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى مۇشۇ ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە، مارالبېشى ناھىيەسى دۆلەتباغ يېزىسىدىن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقانلار ۋەكىللىرىدىن 22 كىشىنى ئۈرۈمچى كېلىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. 
ئۈچ كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىرلار ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ تۇغقانلىرىنى باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق   مۇزېي، پەن- تېخنىكا سارىيىغا بېرىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى چۈشىنىپ، زامانىۋى پەن- تېخنىكىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھېس قىلدى. يەنە سانجى شەھىرىگە بېرىپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئىلغار يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئىگىلىدى، نەنخۇ خەلق مەيدانى ۋە قىزىلتاغ باغچىسىغا بېرىپ، شەھەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆردى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگۇ بازىرىغا بېرىپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. مارالبېشى ناھىيەسى دۆلەتباغ يېزىسى كېۋەزلىك كەنتىدىن كەلگەن ئارزۇگۈل راخمان مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە پائالىيىتى نەزەر دائىرەمنى ئاچتى، ئۈرۈمچىنىڭ ھەقىقەتەن تەرەققىي قىلغانلىقىنى ھېس قىلدىم. قايتىپ بارغاندىن كېيىن مەن بۇ قېتىمقى تەسىراتىمنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن، پەن- تېخنىكىغا تايىنىپ تېرىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بالدۇراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بىيىش يۇلىدا ماڭىمەن. يەنە سىڭلىمنى ياخشى ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە چوڭ شەھەردىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇشقا ئىلھاملاندۇرىمەن.
«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» سۆھبەت يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىرلار ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتى توغرىسىدا توختىلىپ، تۇغقان بولغاندىن بۇيانقى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئىنتىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ خىزمەتچىسى ليۇ يەنشېن مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن ئارتۇق تۇغقانلىشىش پائالىيىتى داۋامىدا، بىز تۇغقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ بىللە تاماق يەپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە ئۆگەندۇق. مەن تۇغقىنىمنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى بىلدىم، يەنە ئۇنىڭ بەزى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردىم. بۇ جەرياندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتىمىز يەنىمۇ چىڭىدى. مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى داۋاملىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ ۋە قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.  تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى