قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىيىغاندا يۇرتداشلىرى ۋە خۇلۇم- خوشنىلىرىغا ياردەم بېرىشنى ئۇنۇتماسلىق

2018-05-12 19:46:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىزنىڭ «بىيىغاندا يۇرتداشلىرى ۋە خۇلۇم- خوشنىلىرىغا ياردەم بېرىشنى ئۇنۇتماسلىق» دېگەن ماۋزۇدىكى ماقالىسى
شايار ناھىيەسى قايلور بازىرى نورۇز قۇم كەنتىدە لوڭ شېڭگۈي بىلەن ئەمەر ئابلا ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، مۈرىنى- مۈرىگە تىرەپ يەر تېرىپ، بىرلىكتە بېيىپ، شۇ جايدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى» بولۇپ قالدى.
لوڭ شىڭگۈينىڭ كېۋەزلىكىدە، قوشنىسى ئەمەر ئابلا كېۋەزلىكتىكى سولياۋ يوپۇقلارنى چىڭداۋاتقان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: لوڭ شىڭگۈي ئاكام بىلەن 2013-يىلىدىن باشلاپ قوشنا بولۇپ ئولتۇرىۋاتىمەن. بىز ئىشلىرىمىزنى تۈگىتەلمىسەك ئۇ كېلىپ بىزگە ياردەملىشىدۇ. بىزمۇ دائىم ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىمىز.
2013 - يىلى، لوڭ شېڭگۈي ۋە ئۇنىڭ ئايالى شايار ناھىيەسى قايلور بازىرى نورۇز قۇم كەنتىگە كېلىپ، 270 مو كېۋەزلىكنى ھۆددىگە ئالدى. ئۇ بۇ يەرنى يېڭى ھۆددىگە ئالغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ قوشنىسى ئەمەر ئابلا ئۇنىڭغا نۇرغۇن ياردەم بەردى. لوڭ شېڭگۈي مۇنداق دېدى: بۇ يەرگە يېڭى كەلگەن ۋاختىمدا ھەممە ماڭا ناتۇنۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇشمۇ قولايسىز ئىدى، ئۇيغۇر قوشنام دائىم ماڭا ياردەم بەردى. كېيىنچە مەنمۇ بۇ يەرنىڭ مۇھىتىغا كۆنۈپ قالدىم.
ئەمەر ئابلا ئائىلىسىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز، كىرىمى تۆۋەن ئىدى. لوڭ شېڭگۈي ئۇنىڭ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 2016- يىلى، 65 مو يەردىكى كېۋەزلىكنى ئەمەر ئابلانىڭ باشقۇرۇشىغا بەردى ھەمدە ئۇنىڭغا ئىلمىي ئۇسۇلدا كېۋەز تېرىشنى ئۆگەتتى. ئەمەر ئابلا مۇنداق دېدى: 2016- يىلىدىن باشلاپ، مەن لوڭ شېڭگۈي ئاكامغا ياردەملىشىپ 65 مو يەردىكى كېۋەزلىكنى باشقۇردۇم، ھەر مو يەردىن 180 يۈەندىن ھەر يىلى 10 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم. بۇنىڭدىن كېيىن بىز بىرلىكتە تىرىشىپ ئىشلەپ، بىر- بىرىمىزگە ياردەم بېرىپ، بىر ئۆمۈر ياخشى قوشنىلاردىن بولۇپ ئۆتىمىز.
  بۈگۈنكى كۈندە، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىرگە كېۋەز تېرىماقتا. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، مۇناسىۋىتى بارغانسېرى قويۇقلىشىپ، ھىسىياتى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشماقتا. لوڭ شېڭگۈي مۇنداق دېدى: تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشى بولىۋاتىدۇ. مەن قوشنامغا تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ۋە تەجرىبىلىرىمنى ئۆگىتىپ، ئورتاق بېيىماقچى بۇلىۋاتىمەن.

تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى