قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 «تۆگەقۇشى باققۇچى» تې بۇخۇا بىلەن چېگرا ھالقىغان ئېلېكترونلۇق سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى پېڭ خەيياڭنىڭ كۆرەش قىلىش ھىكايىسى

2018-05-12 19:57:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
يېقىندا، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ دافېڭ بازىرى گاۋچياۋ كەنتىدىكى «تۆگە قۇشى باققۇچى» تې بۇخۇا تۆگىقۇشى ئېكولوگىيە باغچىسى قۇرۇلۇشى پىلان خەرىتىسىنى قولىغا ئېلىپ ناھايىتى ھاياجانلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن تۆگىقۇش باغچىسى قۇرۇش ئارزۇيىمغا يەنىمۇ يېقىنلاشتىم.
مۇشۇ ئاينىڭ10- كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ دافېڭ بازىرى گاۋچياۋ كەنتىدىكى «كېشياڭ» تۆگىقۇش باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەن ئىدى. 20 دىن ئارتۇق كوپىراتىپ ئەزاسى تې بۇخۇانىڭ تۆگىقۇش باقمىچىلىق تېخنىكىسى توغرىسىدىكى دەرسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلىماقتا ئىدى. تې بۇخۇا مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ قوشۇلما قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى، بېقىشمۇ بىر قەدەر قۇلاي، ئەڭ ئاساسلىقى ئۇنىڭ ياشاش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك بولۇپلا قالماي، ماسلىشىشچانلىقىمۇ بەك ياخشى. يەنە بىر جەھەتتىن ئۇنىڭغا ئاسان كېسەل تەگمەيدۇ، ئىمونت كۈچىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك».
  تې بۇخۇا بۇ يىل 57 ياشقا كىردى. ھازىر ئۇ گەرچە تۆگە قۇشنىڭ ياشاش ئادىتىنى ئېنىق ئىگىلەپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما2002- يىلى، ئۇ ئېرى بىلەن بارلىق ئۆي بىساتلىرىنى سېتىۋېتىپ، ئالتە تۆگە قۇشى سېتىۋالغاندا، تۆگە قۇشنىڭ تۇخۇم تۇغۇشىغا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ ئەمما تۆگە قۇشنىڭ ئەھۋالىنى بىلمىگەنلىكتىن، بۇنىڭدىن ئىزچىل ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىدى.       
  تې بۇخۇا بۇنىڭلىق بىلەن ۋاز كەچمىدى، ئۇ ئەتراپىدىكى تۆگە قۇش بېقىش ئارزۇسى بار كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، تەدرىجىي ئۇنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلىدى. 2010- يىلى ئۇ باشلامچىلىق قىلىپ باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى ھەمدە باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتتى.  
  يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىش ئارقىلىق، تې بۇخۇا ئاخىرى تۆگە قۇش بېقىش تېخنىكىسىنى ئىگەللىدى. ئۇ قۇرغان ھەمكارلىق كوپىراتىپىمۇ يەككە باقمىچىلىقتىن كۆپەيتىپ يېتىشتۈرۈش، چۈجە چىقىرىش، كۆندۈرۈش بىر گەۋدە قىلىنغان كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئايلاندى. تې بۇخۇا ھازىرقى ھالەتتىن قانائەت قىلماي تۆگە قۇش بېقىپ كۆپەيتىش شىركىتى قۇرۇشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ خىيالىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكىلەر ھە دىگەندە قوللاپ كەتمىدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىتتا بىز شىركەت قۇرۇش خەتىرىنىڭ ناھايىتى چوڭلىقىنى ئويلاپ، بۇنىڭغا مەبلەغ سېلىشنى خالىمىغانىدۇق. ئۇ ئاخىرى ئۆزى ئامال قىلىپ مەبلەغ توپلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئالدىنىپ كەتتى. ئۇ يەنىلا بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالدى. ھازىر كوپىراتىمىزنىڭ سودىسى بارغانسېرى روناق تېپىۋاتىدۇ، بىزمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ پايدىغا ئېرىشتۇق.
  ھازىر، تې بۇخۇانىڭ تۆگە قۇش باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپدا تۆگە قۇشتىن 80 ئى بولۇپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 5 مىليون يۈەنگە، ئەزالارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پايدىسى 100 مىڭ يۈەنگە يەتتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەھسۇلاتى تۆگە قۇشى گۆشى، تۆگە قۇشى تۇخۇمى، تۆگە قۇشى تېرىسى، تۆگە قۇشى پېيى ئىبارەت تۆت چوڭ تۈردىكى مەھسۇلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغان بولۇپ، بۇ بېيجىڭ، شايخەي، شياڭگاڭ ھەمدە قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق جايلارغا سېتىلماقتا.
  بۇ يىل، تې بۇخۇا يەنە تۆگە قۇش ئېكولوگىيە باغچىسى قۇرۇشنى پىلانلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كۆرەش قىلىشنىڭ ئۆزى بىر بەخت، بۇ ئىشنى قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغاندا كۆڭلۈم ناھايىتى يېرىم بولغان بولسىمۇ، ئەمما تۆگە قۇش چۈجىلىرىنىڭ تۇخۇمدىن چىققان ھالىتىنى كۆرۈپ بەكلا خۇش بولدۇم ھەمدە ناھايىتى ھاياجانلاندىم. خېرىدارلار تۆگە قۇش تۇخۇم شاكىلى، سەنئەت بۇيۇملىرى ھەمدە مەھسۇلاتلىرىمىزنى ئاغزى- ئاغزىغا تېگىشمەي ماختاشقاندا مەن پەخىرلەنگەن ھالدا بۇنىڭ دەل مېنىڭ توختىماي كۆرەش قىلىشىم نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئېيتىم. بۇنىڭدىن كېيىن مەن كۆرەش قىلىش يولىدا تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن. 

 تەرجىمان: مەدىنە مەردان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى