قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كورلا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چارلاش چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىسى شيا ۋېينىڭ سەمىمىلىك بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشت ھىكايىسى

2018-05-12 20:56:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

23 ياشلىق شيا ۋېي خېنەنلىك يىگىت. 2013- يىلى 18 ياشلىق شيا ۋېي ھەربى فورما كىيىپ شىنجاڭغا كېلىپ، ھەربىي سەپتىكى تۇرمۇشىنى باشلىغان؛ 2015- يىلى ئۇ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن. بۇلتۇر 8- ئايدا، ساقچىلىق كەسپىگە بولغان قىزغىن ئىشتىياق ئۇنى كورلا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چارلاش چوڭ ئەترىتى شەھەرلىك 5- ئوتتۇرا مەكتەپ ساقچى پونكىتىنىڭ چارلاش ساقچىسىغا ئايلاندۇردى.
شيا ۋېي خىزمەتتە ئەستايىدىل، ئاكتىپ، قىزغىن بولغانلىقتىن ناھايىتى تېزلا چارلاش ساقچى پونكىتىنىڭ كەچلىك چارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلىغا ئايلاندى. كەچلىك چارلاش ساقچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ قانداق ئەھۋاللارغا ئۇچىرىدى؟
«ۋەي، ياخشىمۇسىز، ھەدەمنىڭ يۈرەك كېىسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ قالدى، ياردەم قىلساڭلار». 4- ئاينىڭ 22- كۈنى سائەت 23 تىن 31 مىنۇت ئۆتكەندە، چارلاش پونكىتى ئاممىدىن كەلگەن ياردەم تەلەپ قىلىش تېلىفونىنى تاپشۇرىۋالدى. شيا ۋېي بىلەن خىزمەتدىشى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندە، يول بويىدا ئىككى ئايال تۇرغان بولۇپ، بىرسى بەكلا جىددىلىشىپ، ئالاقزادە بولغان ھالدا يېنىدىكى چىرايى تاتارغان، يۈرىكىنى بېسىپ تۇتىۋالغان ئايالنى يۆلەپ تۇرغان ئىدى. شيا ۋېي دەرھال ئايالنى ساقچى ئاپتوموبىلىغا يۆلەپ چىقىرىپ، تېز سۈرئەتتە دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى. 3 مىنۇتتىن كېيىن بۇ ئايال جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ كىرىلدى، ۋاقتىدا يېتىپ كەلگەنلىكتىن ۋاقتىدا قۇتقۇزۇلۇپ، ھاياتىغا خەتەر يەتمىدى.
4- ئاينىڭ 22- كۈنى سەھەر ئىككى ئەتراپىدا جاڭ ئەپەندى ياردەم تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ ھەيدەپ كېتىۋاتقان پىكاۋىدىن تۇيۇقسىز كاشىلا چىققان، بەك كەچ بولۇپ كەتكەنلىكتىن رېمونت قىلىدىغان يەرنى تاپالماي، يول بويىدا ئاپتوموبىل توسۇپ ياردەم تەلەپ قىلغان. شيا ۋېي جاڭ ئەپەندىنىڭ پىكاۋىنى تەكشۈرۈپ، خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە پىكاپنى ئىتتىرىپ ئوت ئالدۇردى. «سىز ئۆيىڭىزگە قايتقاندىن كېيىن ماڭا تېلىفۇن بېرىپ ئامانلىق خەۋىرىڭىزنى يەتكۈزۈڭ، مەن شۇندىلا خاتىرجەم بولىمەن». جاڭ ئەپەندى ئوت ئالغان پىكاۋىنى ھەيدەپ كەتمەكچى بولغاندا شيا ۋېي شۇنداق تاپىلىدى. 30 مىنۇتتىن كېيىن جاڭ ئەپەندى تېلىفۇن بېرىپ ئۆيىگە ساق- سالامەت يېتىپ بارغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن تەلىيىم كېلىپ سىلەرنىڭ ياردىمىڭلارغا ئېرىشتىم، سىلەرگە كۆپ رەھمەت».
شيا ۋېينىڭ ئېيتىشىچە، كېچىدە چارلاش جەريانىدا بۇنداق تۇيۇقسىز ئىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن، ھەر بىر ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىگە ياردەم قىلىش ئۇلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك خىزمىتى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەر مەن جاپادىن قورققان بولسام بۇ كەسپنى تاللىمىغان بولاتتىم». ئۇ مۇشۇنداق ئوي پىكرى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئۆزى قىزغىن سۆيىدىغان كەسپنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشكە بەل باغلىغان ئىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى