قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ «ئاممىۋى خىزمەت پونكىتى» قۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلغانلىقى توغرىسىدا يېزىلغان «ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئىللىق ماكان» دېگەن ماۋزۇدىكى ماقالە

2018-05-12 21:00:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

خوتەن ۋىلايىتى ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇرلاپ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، بۇ يىل 3- ئايدىن باشلاپ، «ئاممىۋى خىزمەت پونكىتى» قۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى، تۇغقانلاشقان كادىرلار پونكىت خىزمەتچىسى بولدى. ئۇلار مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، جان- دىل بىلەن ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
ئىگىلىنىشىچە، خوتەن ۋىلايىتىدە «ئاممىۋى خىزمەت پونكىتى» دەسلەپكى 36 دىن ھازىرقى 157 گە يەتكەن. خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم ئاساسىي قاتلام ئىشخانىسى يېزا خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بىز كېيىنكى قەدەمدە ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاممىۋى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئاممىۋى خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مىقدارلاشتۇرۇپ، ۋىلايەتنىڭ ئاممىۋى خىزمىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ زور ئۈنۈم يارىتىمىز.
بىر جايدىلا مۇلازىمەت قىلىش ئاممىغا قولايلىق ياراتتى.
 4- ئاينىڭ 25- كۈنى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغۋەنچىلىك مەيدانى باغۋەنچىلىك مەيدان كەنتى «ئاممىۋى خىزمەت پونكىتى» دىكى دېھقان مەمەتئەمەر ئەلى مۇنداق دېدى: خىزمەتچىلەرنىڭ مۇلازىمىتى قىزغىن، ئەتراپلىق، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىمۇ يۇقىرى ئىكەن. بۈگۈن يەكشەنبە بولسىمۇ، باغۋەنچىلىك مەيدانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بىلەن كەنت ساقچىسى نۆۋەتچىلىك قىلىۋېتىپتۇ، 15 مىنۇتقا قالمايلا نوپۇس دەپتىرىنى تولۇقلاپ بېجىرىشكە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بولدۇم.
يېقىندا «خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى بېيىتىش، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇش، خەلقنى كۆزلەش» نى مۇلازىمەت مەقسىتى قىلغان باغۋەنچىلىك مەيدان كەنتى «ئاممىۋى خىزمەت پونكىتى» رەسمىي قۇرۇلدى. خىزمەتچىلەر ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش جەھەتتە مەسلىھەت بېرىپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسى جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
خوتەن ناھىيەلىك باغۋەنچىلىك مەيدانىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە باغۋەنچىلىك مەيدان كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى نۇرمەمەت تۇرسۇنتوختى مۇنداق دېدى: خىزمەت پونكىتى نۆۋەت بىلەن نۆۋەتچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى، ئۇلار قانۇن، سىياسەت، دېھقانچىلىق تېخنىكىسى بىلىملىرى، تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش ئۇچۇرىدىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىدۇ.
»ئاممىۋى خىزمەت پونكىتى» بىر جايدىلا تەستىقلاش، بىر يۈرۈش مۇلازىمەت ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە زور قولايلىق ياراتتى. مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ ياشانغانلار، ئاغرىقلارنىڭ ئۆيىگىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلدى.
كەنت ئاھالىسى ياسىن خېلىل مۇنداق دېدى: خىزمەت پونكىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىش بېجىرىش قولايلاشتى، ئۇلار بىزنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئالاقىدار نۇرغۇن ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىدى، ياشلار مۇشۇ يول ئارقىلىق خىزمەت تاپتى، مەنمۇ بۇنىڭدىن نەپ ئېلىپ، خوتەن شەھىرىدىكى بىر كارخانىدا ئامانلىق ساقلىغۇچى بولدۇم، ئايلىق مائاشىم 2 مىڭ 500 يۈەن، خىزمەت پونكىتىدىكى كادىرلارغا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە كۆپ رەھمەت.
ئۆيىگىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش ئاممىنى تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇردى.
 »شېنخۇا» شىنجاڭ ئېنېرگىيە شىركىتى، كېرىيە ناھىيەلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە ئارىش يېزىسى جىگدە كىچىك كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى «تىنچ ئائىلە» بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا «ئاممىۋى خىزمەت پونكىتى» قۇردى.
«ئاممىۋى خىزمەت پونكىتى»نىڭ خىزمەتچىلىرى 4- ئاينىڭ 26- كۈنى لۆڭگە، چاچ سوپۇنى، سوپۇن پاراشوكى، چىش پاستىسى قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تەييارلاپ، قېيىنئانىسى بىلەن بىللە تۇرىدىغان دېھقانلارنىڭ ئائىلىسىگە كېلىپ، كېلىنلەرگە ياردەملىشىپ، ئۇلارنىڭ قېيىنئانىسىنىڭ چېچىنى قولمۇ قول يۇيۇپ، چاچلىرىنى تاراپ قويدى.
ئارىش يېزىسى قوشلاش كەنت ئاھالە كومىتېتىدا 4- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن كېيىن بىر مەيدان ئۆزگىچە ئائىلە يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى. خىزمەت ئەترىتى ئالدىنقى قاراردا ئائىلىلەرگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا بەزى ئائىلىلەردە ئوغلى ئۆي- ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن، ئاتا- ئانىسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرغاچقا، قېيىنئانا بىلەن كېلىننىڭ مۇناسىۋىتى سۇسلىشىپ كەتكەن ئەھۋاللارنىڭ بارلىقىنى بايقىغانىدى. كەنتتە «ئاممىۋى خىزمەت پونكىتى» قۇرۇلغاندىن كېيىن، خىزمەتچىلەر قېيىنئانا بىلەن كېلىن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولىدىغان پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى؛ كېلىن قېيىنئانىسىنىڭ چېچىنى تاراپ قويۇش، مۈرىسىنى ئۇۋۇلاپ قويۇش ئارقىلىق قېيىنئانا بىلەن كېلىننىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يېقىنلاشتى. بۇ پائالىيەت قېيىنئانا بىلەن كېلىن ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا چۈشىنىش، كۆيۈنۈش، ياردەم بېرىشقا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىللىق، ئىناق، پائال ئالغا ئىنتىلىدىغان ئائىلە كەيپىياتىنى شەكىللەندۈردى.
سەمىمىي مۇلازىمەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ئازادىلىك بېغىشلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن قاراقاش ناھىيەسىنىڭ يېڭىيەر يېزىسى بازاربويى كەنتىگە بىرىنچى شۇجى بولۇپ بارغان ليۇ يەنپىڭ «ئاممىۋى خىزمەت پونكىتى»دىكى خىزمەتچىلەرگە: بايا بىر چوڭ ئانىمىز قوتىنىنىڭ تېمى يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ كەپتۇ، بۈگۈن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ قوتىنىنىڭ تېمىنى ئوڭشاپ بېرەيلى، تام ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ بىرەر خەتەر كۆرۈلمىسۇن، دېدى.
ئۇلار ھەر كۈنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئائىلىلەرگە بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، «135» خىزمەت مېخانىزمى (كىچىك ئىشلارنى شۇ كۈنى ھەل قىلىش، ئادەتتىكى ئىشلارنى ئۈچ كۈن ئىچىدە ھەل قىلىش، قىيىن ئىشلارنى بەش كۈن ئىچىدە ھەل قىلىش، ھەل قىلىشقا ئامالسىز ئىشلارنى كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رويخەتكە تۇرغۇزۇشقا ئۆتكۈزۈش) بويىچە ئامما ئېھتىياجلىق بولغانلىكى ئىشلارغا جەزمەن جاۋاب قايتۇردى.
   كەنت ئاھالىسى ئەيسا تۆمۈر مۇنداق دېدى: خىزمەت پونكىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، خىزمەتچىلەر قورۇ- جايلىرىمنى ئۆزگەرتىشىمگە ياردەم قىلدى، تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىم ياخشىلاندى، ئۇلارغا كۆپ رەھمەت.
ليۇ يەنپىڭ مۇنداق دېدى: كەنت دەرىجىلىك «ئاممىۋى خىزمەت پونكىتى» كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، كەنت كادىرلىرىغا تېخىمۇ كەڭ سۇپا ھازىرلاپ بەردى. بىز تىرىشىپ ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىمىز، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئاساسىي مەقسەتنى نامايان قىلىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى