قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسى ئۈچئۆستەڭ يېزىسى ئۈچئۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىناۋىتىنى سىجىل يۇقىرى كۆتۈردى

2018-05-12 21:02:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسى ئۈچئۆستەڭ يېزىسى ئۈچئۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىرلەشمە پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇش، بىرگە بىر ياردەم بېرىش، يېتەكلەش، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىناۋىتىنى سىجىل يۇقىرى كۆتۈردى.
 بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتى كەنتتىكى «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى بىلەن ھەر كۈنى بىر سائەت دۆلەت ئورتاق تىلى ئۆگىنىش، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم پارتىيە دەرسلىكى ئۆتۈش، ھەر ئايدا بىر قېتىم پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى باھالاش خىزمەت مىخانىزىمىنى يولغا قويدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ھەر بىر خادىمى كەنتتىكى «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئايرىم ھالدا قوشماقلىشىپ قانۇن- نىزام، سىياسەت ئۆگىنىشىگە ياردەم بەردى. كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئېزىز ھوشۇر مۇنداق دېدى: كەنتتىكى كادىرلار ھەر ۋاقىت ئاممىغا ئۈلگە بولىمىز. ئامما بىزدىن رازى بولمىسا بىزنىڭ خىزمىتىمىزدە مەسىلە بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنىڭدا كەنت كادىرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار.  كەنت پارتىيە ياچېيكىسى كەنتتىكى 34 نامرات ئائىلىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كوللېكتىپ باغدىن 40 مو يەردىكى چىلانلىقنى ئۇلارنىڭ ئورمانلىقتا توخۇ باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئاجىرىتىپ بەردى. بىر قانچە كۈندىن بۇيان، پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتى باغدا تور تارتىپ، توخۇ كاتىكى ياساپ، مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتىدى. يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، 10 مىڭ چۈجە باغدا بېقىلىدۇ. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەخمەت مەمەت مۇنداق دېدى: بىز 40 پارتىيە ئەزاسىنى 42 مو يەرنى تور بىلەن قورشاپ، دەرەخ شاخلىرىنى تازىلاپ، توخۇ بېقىشقا تەييارلىق قىلىشقا تەشكىللىدۇق. بۇ ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئىناۋىتىنى ئۆستۈردۇق.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى