قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى بارغانسېرى كۈچەيتتى

2018-05-12 21:03:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى سىجىل ياردەم بېرىش، يېتەكلەش ئارقىلىق، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى بارغانسېرى كۈچەيتتى. ئىلگىرىكى پارتىيە تەشكىلاتى ئاجىز، چېچىلاڭغۇ كەنت تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈندە ئىلغار كەنتكە ئايلاندى. كەنت كادىرلىرىنىڭ تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاڭ يىڭشۈن مۇنداق دېدى: يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قۇيۇشتىكى ئاچقۇچ--تەشكىللەشتە. بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچلۈك يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى بەرپا قىلىش كېرەك. بىز بۇ يىل كۈچلۈك ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى بەرپا قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، بىرگە بىر ۋە كۆپنى بىرگە باغلاپ ياردەم بېرىش، يېتەكلەش مېخانىزىمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيە ياچېيكىسىنى ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ قارارلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيىنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇستەھكەم قورغانغا ئايلاندۇرىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى