قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئاپتونوم رايون مالىيەسىنىڭ شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەبلىغى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، 1 مىليارد 589 مىليون يۈەن شەھەر- يېزا ئاھالىلىرى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ياردەم مەبلىغى ئاجراتقانلىقى

2018-05-12 21:10:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 مۇخبىرنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 8- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل مەركەز مالىيەسى شەھەر- يېزىلارغا جەمئىي 1 مىليارد 589 مىليون يۈەن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ياردەم پۇلى ئاجراتقان بولۇپ، بۇ مەبلەغ مەركەز ئورۇنلاشتۇرغان ياردەم بېرىش مەبلىغىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ تولۇقلىما مەبلىغى 640 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن 108 مىليون يۈەن ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى %35 كە يەتكەن. مەبلەغ كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ زور بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ئاپتونوم رايون ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى زور نىسبەتتە كۆپەيگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون مالىيەسى مالىيەنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى دەل جايىدا كۈچەپ پائال جارى قىلدۇرۇپ، مالىيە سېلىنمىسى ئارقىلىق شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش مەبلىغى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ مەخسۇس تۈرگە ياردەم بېرىشىنى پائال جىپسىلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۆلكە دەرىجىلىك مەخسۇس تۈر مەبلىغى سېلىنمىسىنى ئاشۇردى.
 بۇ قېتىم چۈشۈرگەن مەبلەغ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئۈچ ئاي ئالدىغا سۈرۈلگەن بولۇپ، ناھىيە- شەھەر مالىيەسىنىڭ چىقىم بېسىمىنى يېنىكلەتتى، ئاپتونوم رايوندىكى 60 ياشتىن يۇقىرى 1 مىليون 117 مىڭ 800 دىن كۆپرەك ئاھالىگە ھەر يىلى 1 مىڭ 380 يۈەن كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ۋاقتىدا تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، 16 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان 4 مىليون 709 مىڭ 200 ئاھالىگە تولۇقلىما پۇلىنىڭ ۋاقتىدا، جايىدا تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.  ئاپتونوم رايونىمىز 2009-، 2011- يىلى ئايرىم- ئايرىم ھالدا يېزىلارنىڭ يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر- بازار ئاھالىلىرى ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى خىزمىتىنى قوزغاتتى ھەمدە 2011- يىلى تۈزۈمنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. 2015- يىلى، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە بىرلەشتۈرۈلۈپ يولغا قويۇلدى. تۈزۈم يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئىككى خىل تۈزۈم- سىياسەتنىڭ بىردەك بولماسلىقى، ئۆلچەمنىڭ يۇقىرى- تۆۋەنلىك پەرقى ۋە باشقۇرۇش بايلىقىنىڭ تارقاق بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىپ، ئاھالىنىڭ يۆتكىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ پەرقى كىچىكلىتىلدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى