قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئېلىمىز «نۇر سپېكترى-5» ناملىق سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى

2018-05-12 21:33:09     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

 5-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 02:28 ئۆتكەندە، ئېلىمىز تەييۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە «ئۇزۇن سەپەر ـــ 4» ناملىق B توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق «نۇر سپېكترى-5» ناملىق سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى. «نۇر سپېكترى-5» ناملىق سۈنئىي ھەمراھ دۇنيادىكى ئاتموسفېرا ۋە قۇرۇقلۇقنى ئۇنىۋېرسال كۆزىتىشنى ئىشقا ئاشۇرغان تۇنجى پۈتۈن سپېكترلىك يۇقىرى نۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھ، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىق تۈرىدىكى مۇھىم پەن تەتقىقات سۈنئىي ھەمراھى. ئۇ ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن سۈنئىي ھەمراھلار رايون ئاتموسفېراسىدىكى بۇلغىغۇچى گازلارنى ئۈنۈملۈك تەكشۈرەلمەسلىكتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى جىددىي ئېھتىياجنى قاندۇرىدىغان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ نۇر سپېكترى ئارقىلىق قۇرۇقلۇقنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولۇپ قالدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى