قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگودىكى بىر نەچچە چوڭ ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا بېرىپ، ھاراق مەدەنىيتى كەينىگە يوشۇرۇنغان ھىكايىلەر

2018-05-12 21:13:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 خەن سۇلالىسىدىن بۇرۇنلا جۇڭگونىڭ غەربىدە ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش باشلانغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن شائىر ۋاڭ خەن بىر شېئىرىدا شۇ جاينىڭ تۇرمۇشنى تەسۋىرىلەپ «قەدەھكە تولدۇرۇلدى ئۈزۈم شارابى، باربىت كۈيى قوزغىدى ئىشقىمنى» دەپ يازغان.
1892- يىلى، ۋەتەنپەرۋەر مۇھاجىر جاڭ بېشى مەبلەغ سېلىپ، «جاڭيۈ» ھاراق ئېچىتىش شىركىتىنى قۇرۇپ، جۇڭگودىكى ئۈزۈم ھارىقى ئېچىتىشنىڭ سانائەتلىشىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچقان.
  كىشىلەرنىڭ ئۈزۈم ھارىقىنىڭ ساغلاملىققا بولغان پايدىسىنى تونۇش ئېڭىنىڭ ئۆسۈشى ۋە غەرب يېمەك- ئىچمەكلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى سەۋەبىدىن، جۇڭگو ھازىر دۇنيادىكى 5- چوڭ ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت ۋە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئۇرۇندا تۇرىدىغان قىزىل ئۈزۈم ھارىقى ئىستېمال دۆلىتىگە ئايلاندى. يېقىنقى 35 يىلىدىن بۇيان جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان ئۈزۈم تېرىلغۇ كۆلىمى كۈنسېرى كېڭەيدى دېيىشكە بولىدۇ. ھازىر، دۆلىتىمىزدە ھۆكۈمەت تەرەپتىن تىزىملانغان ھاراقچىلىق مەيدانىدىن 150 ئى بار.
  2013- يىلى خۇگ جونسون ۋە خىنىس. روبىنزون بىرلىشىپ يازغان ئەڭ يېڭى نوسقىدىكى «دۇنيا ئۈزۈم ھارىقى خەرىتىسى» گە، شەندۇڭ، خېبېي ۋە نىڭشيا رايونىدىن ئىبارەت جۇڭگودىكى ئاساسلىق ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىدىغان 3 رايونىنىڭ خەرىتىسى قوشۇلدى؛ ئىلگىرىكى كونا نۇسخىدىكى خەرىتىدە 2 بەتتىلا جۇڭگو ئۈزۈم ھارىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن بار ئىدى. بۇنىڭدىن جۇڭگو ئۈزۈم ھاراقچىلىقى ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. 
  ئىستېمالچىلار بۇرۇن ئۈزۈم ھارىقى سېتىۋالغاندا ئىمپورت قىلىنغان ھاراقلارنى «ئىشلەپچىقارغان رايون» غا قاراپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ھاراقلارنى «ماركىسى» غا قاراپ سېتىۋالاتتى. ھازىر مەيلى ئىمپورت قىلىنغان ياكى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ھاراق بولمىسۇن ھەممىسىدە ئىشلەپچىقارغان ئورۇنى ئاساس قىلىدىغان بولدى. بۇ خىل ئىشلەپچىقارغان رايوننى ئاساس قىلىپ، سېتىۋېلىش ئىنتايىن ئاقىلانە تاللاش. چۈنكى، ئۈزۈم ھارىقىنىڭ مەنبەسى يېزا ئىگىلىكىدە، نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى تەبىئىي شارائىتىن ئايرىلىپ باقمىدى.
  ھازىر، جۇڭگونىڭ سەككىز چوڭ ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش رايونى ئاساسلىقى دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي رايوندا شىنجاڭ، نىڭشياغا ۋە ئوتتۇرا رايونىدا شەنشىگە، شەرقىي رايونىدا تيەنجىن، خېبېى، بېيجىڭ ۋە شەندۇڭغا، جەنۇبىدا يۈننەنگە مەركەزلەشكەن. ئەمدى نۆۋەتتە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن تۆت ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش رايونىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
  نىڭشيادا: ئادەمسىز چۆللۈك گۈزەل ئۈزۈمزارلىققا ئايلاندى.
  بۇرۇنقى نىڭشيا«لىلەن» ھاراقچىلىق مەيدانىنىڭ ھاراق ئېچىتىش ماھىرى- جۇڭ شىياڭ نىڭشانى تەسۋىرلەپ مۇنداق يازغان:
  بۇ جاي سەددىچىن سېپىلى چۆرىدىگەن، خېلەنشەن تېغى قوغدىغان، خۇاڭخې دەرياسى ياخشى كۆرگەن جاي. چوڭ تاغلارغا «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» خەتلىرى ئويۇلغان، سىرلىق قىيا تاش رەسىملىرى بىلەن تولغان بۇ جاي جۇڭگودىكى ئەڭ زور يوشۇرۇن ھاياتى كۈچكە ئىگە ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇپ، دۇنيا ئۈزۈم ھارىقى خەرىتىسىدە ئورنى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە.
  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا، جۇڭگو ئۈزۈم ھارىقى ئۇستىسى خې پۇچاۋ ئەپەندى نىڭشيادا ئۈزۈم تېرىقچىلىق شارائىتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم «خېلەن تېغىنىڭ شەرقىي ئېتىكى ئۈزۈم ھارىقىنىڭ كەلگۈسىدىكى ماكانى بولىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى خې ئەپەندىم ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالالىغان. بۈگۈنكى نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى يېڭى بىر ئەۋلاد ئەلا سۈپەتلىك جۇڭگو ئۈزۈم ھارىقى بارلىققا كەلگەن جاي بولۇپ قالدى. بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، كۈن نۇرى يېتەرلىك، يىللىق ھۆل- يېغىن مىقدارى ئاز، ئاشلىق ۋە كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىشقا ماس كەلمەيدۇ، پەقەت ئۈزۈم ئۆستۈرۈشكە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. بۇ دەل ئەلا سۈپەتلىك ئۈزۈمنىڭ ئۆسۈشىگە كېرەكلىك زۆرۈر شەرت ھېسابلىنىدۇ.
  يەنتەي: يوشۇرۇن كۈچى زور دۆلىتىمىزنىڭ كونا داڭلىق ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش رايونى.
  2014- يىلى، جۇڭگو ھاراقچىلىق كەسپى جەمئىيىتى ئۈزۈم ھارىقى شۆبىسىنىڭ سىتاتىستىكىسىدا، جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان ئۈزۈم ھارىقى سانائىتىنىڭ مەنبەسى، 120 يىللىق تەرەققىيات تارىخىغا ئىگە يەنتەي شەھىرى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش رايونى دەپ بېكىتىلگەن. يەنتەي دۇنيادىكى يەتتە چوڭ ئۈزۈمچىلىك بەلبېغىنىڭ بىرى بولغان بوخەي قولتۇقىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇغراپىيەلىك كەڭلىك جەھەتتە گىرېتسىيە، تۈركىيە بىلەن ئوخشاش ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۈزۈمزارلىق يەر تۈزۈلۈشىدە ئېدىرلىق ۋە پەس تاغلارنى ئاساس قىلغان. تۇپرىقى ئۈنۈمسىز، دېڭىز- ئوكيان ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرايدۇ، كىلىمات ئۆزگىرىشى مۇقىم، يامغۇر مىقدارى مۇۋاپىق. يەنتەي ئۈزۈم ھارىقى مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىقى مەملىكەت ئىچىدىكى ئوتتۇرا تۆۋەن بازارلارنى ئىگىلىگەن. بۇ دەل جۇڭگودا ئۈزۈم ھارىقىنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئاممىۋى ئىستېمال باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ. يەنتەي ئۈزۈم ھارىقىنىڭ «جاڭيۈ كاستې»، «ۋاڭچاۋ»، «خوئاشيا چاڭچىڭ»، «چاڭچىڭ جىنسې جۇاڭيۈن» قاتارلىق ماركىلىق ھاراقلىرى بار.
  خۇەيلەي ئۈزۈمچىلىك رايونى:
  خۇەيلەي ئۈزۈمچىلىك رايونى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈنچى بەلباغ يەنشەن تاغ تىزمىسى ۋە كونا سەدىچىن سېپىلىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ئەگەر قەدىمكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ يادىكارلىقلىرى بولمىغان بولسا، كىشىلەر بۇ يەرنىڭ قەدىمى جەڭ مەيدانى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ يىتەلمەيتى. بۇ ئۈزۈمچىلىك رايونى ئوتتۇرا كەڭلىك رايونىنىڭ يېرىم قۇرغاق، يېرىم سوغۇق كۈن نۇرى ئۇزۇن چۈشىدىغان رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇغراپىيەلىك ئورۇن، يەر شەكلى ۋە ئاتموسفېرا ئايلانما ئېقىمى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بۇ يەردە تۆت پەسىل ئېنىق ئايرىلغان، كۈن نۇرى يېتەرلىك، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ. «رۈييۈن» ھاراقچىلىق مەيدانى ۋە «دېشاڭ» ھاراقچىلىق مەيدانى خۇيلەي ئۈزۈمچىلىك رايونىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
  شىنجاڭدىكى تەڭرى تېغىدىن ئېقىپ چۈشكەن سۇ بىلەن بەرپا قىلىنغان ئۈزۈم بوستانلىقى:
  نىڭشيا ئۈرۈم ھارىقى تونۇلۇشتن بۇرۇنلا، شىنجاڭدا ئىشلەنگەن ئۈزۈم ھارىقىنىڭ نامىنى خىلى كۆپ كىشىلەر بىلەتتى. تەڭرى تېغى ۋە ئەتراپتىكى قۇملۇقلاردا نۇر چاقناپ تۇرىدۇ. ياز پەسلىدە تېمپېراتۇرىسى 35 سېلسىيە گىرادۇسقا، قىش پەسلىدە قاتتىق سوغۇق بولغاندا تىمپېراتۇرسى تۆۋەنلەپ نۆلدىن تۆۋەن 20 گىرادۇستىن 25 گىرادۇسقىچە چۈشىدۇ. ئۈزۈم باراڭلىرىنى كۆمۈپ قىشتىن چىقىرىدۇ، يىللىق ھۆل- يېغىن مىقدارى ئاران 70 مىللىمېتىر ئەتراپىدا. شىنجاڭنىڭ ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش رايونى ھەر خىل ناچار تەبىئەت شارائىتىلىرى بىرلىشىپ كەتكەن قاتار- قاتار ئۈزۈم بوستانلىقلىرىدىن تەركىپ تاپقان. بۇ يەرنىڭ ئورنى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتى ۋە فىرانسىيەنىڭ بوردو رايونى بىلەن ئوخشاش شىمالىي كەڭلىك 44 گىرادۇسلۇق جايىدا، كۈن نۇرى كۈچلۈك، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، كىلىماتى  قۇرغاق بولغاچقا ھاشارات ئاپىتىگە ئۇچرىمايدۇ. ئۈزۈمچىلىك رايونلىرىنى سۇغۇرۇشتا تۇدۇڭخابا، قورغاس دەرياسى قاتارلىق تەڭرى تېغىنىڭ ساپ سۈيى ئاساس قىلىنىدۇ. شىنجاڭ ئۈزۈمچىلىك ئىشلەپچىقىرىش رايونى ئاساسلىقى جەنۇبىي شىنجاڭدا قاراشەھەر ئويمانلىقى، شىمالىي شىنجاڭدا تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكى، شەرقىي شىنجاڭدا تۇرپان، قۇمۇل ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا مەركەزلەشكەن. شىنجاڭدا داڭلىق ئۈزۈم ھارىقى شىركەتلىرىدىن «جۇڭشىن گوئەن»، «شياڭدۇ» ھاراقچىلىقى، «تىيەنسەي» ۋە «جاڭيۈ باباۋ نەنجۇ» قاتارلىقلار بار. لېكىن، نىڭشيا بىلەن سېلىشتۈرغاندا، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ خاسلىق ۋە تۇنۇلۇش دەرىجىسى يۇقۇرى ئۈزۈم ھارىقى داڭلىق ماركىسى بەرپا قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى