قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قىزىل ھاراق بىلەن ئۈزۈم ھارىقىنىڭ پەرقى، ھاراق سۈپىتىنى قانداق باھالاش كېرەك

2018-05-12 21:15:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قىزىل ھاراق ھازىر بىزنىڭ زىياپەت يىغىلىشلىرىمىزدا، تاماق يىگەن ۋە دوستلار ئارا ئەركىن- ئازادە پاراڭلىرىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ئىچىملىك بولۇپ قالدى. لېكىن، بازاردىكى نۇرغۇن ماركىلىق ئۈزۈم ھاراقلىرنىڭ بەزىلىرى قىزىل ھاراق، يەنە بەزىلىرى ئۈزۈم ھارىقى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ زادى قانداق پەرقى بار؟
بەزىلەر خەت مەنىسىگە ئاساسەن، قىزىل ھاراقنى قىزىل ئۈزۈم ھارىقى دەپ چۈشىنىدۇ، پاكىت ھەقىقەتەن شۇنداق، قىزىل ھاراق ھەقىقەتەن ئۈزۈم ھارىقىنىڭ بىر خىلى. ئۇ قىزىل ئۈزۈم پوستىنى ئېلىۋېتىپ ئېچىتىلىدۇ، ئۈزۈمنىڭ پوستى ۋە مېۋە تەركىبىدىكى تاننىن ئىچىدىكى قىزىل پىگمېنت ئۈزۈم شەربىتى ئىچىگە كىرگەندىن كىيىن، قىزىل ھاراقنىڭ رەڭگى ھاسىل بولىدۇ. پۈتۈن دۇنيادا ئۈزۈم سورتلىرى ئىچىدە قىزىل ئۈزۈم ۋە ئاق ئۈزۈمنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالاھىدە ياخشى سورتلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئاق ئۈزۈم ھارىقى تەركىبىدىكى تاننىن ۋە قىزىل پىگمېنت مىقدارى قىزىل ئۈزۈمگە قارىغاندا ئاز بولىدۇ. شۇڭا، قىزىل ھاراق ئاساسەن ئۈزۈم ھارىقىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى بولۇپ قالدى.
ئۈزۈم ھارىقى ئادەتتە كۆپۈكسىز ئۈزۈم ھارىقى ۋە كۆپۈكلۈك ئۈزۈم ھارىقى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. قىزىل ھاراق ۋە شامپان بولسا بۇ ئىككىسىنىڭ ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ. يەنە ئازراق بىراندى شۆلى ھارىقى ۋە ئوت- چۆپ، دەرەخ قوۋزىقى قېتىلغان ئاچچىق ئەمەن ھارىقىمۇ ئۈزۈم ھارىقى تۈرىدىكى مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. نېمە ئۈچۈن قىزىل ئۈزۈم ھارىقى كۆپۈكلۈك ۋە كۆپۈكسىز دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟ چۈنكى كۆپۈكسىز ئۈزۈم ھارىقىدا ئېچىتىلغاندىن كىيىنكى كاربون تۆت ئوكسىد چىقىرۋېتىلىدۇ. بۇ خىل ئۈزۈم ھارىقىنىڭ ئىسپىرت تەركىبى سەككىز گىرادۇستىن 13 گىرادۇسقىچە بولىدۇ. ئادەتتە بىز دائىم ئىچىدىغان ئۈزۈم ھاراقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ. كۆپۈكلۈك ئۈزۈم ھارىقى بوتۇلكىغا قاچىلانغاندىن كىيىن قايتا ئېچىتىلىپ، كاربون تۆت ئوكسىد ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىسپىرت تەركىبى 9 گىرادۇستىن 13 گىرادۇسقىچە بولىدۇ. شامپان بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ۋەكىلى بولالايدۇ.
ئەلا سۈپەتلىك ئۈزۈم ھارىقى تەركىبىدە ئېلېمېنتلار ناھايىتى مول بولىدۇ، سۇ ۋە ئىسپىرتتىن باشقا ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە ھەر خىل كىسلاتا ۋە فېنول تۈرىدىكى خىمىيەلىك بىرىكمىلار، ئامىنو كىسلاتاسى ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار بار. فىرانسىيەنىڭ ئۈزۈم ھارىقىنى دەرىجىگە ئايرىشتا ئىنتايىن قاتتىق تۈزۈم بولۇپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە 4 دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە فىرانىسيەنىڭ مول ھاراق مەدەنىيىتىمۇ ئۈزۈم ھارىقىدا گەۋدىلەندۇرۈلگەن بولۇپ، ئىچىتىش ۋاقتى، تېمپېراتۇرىسى، قانداق قويۇش، قانداق ھاراققا قانداق ئىستاكان ئىشلىتىش، قانداق قىلىپ مەستلىكنى يېيىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە ئەھمىيەت بېرىلگەن. ئۈزۈم ھارىقىنىڭ مول ئوزۇقلۇق قىممىتى بار، ئۇنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچسە بەدەنگە پايدىلىق، دوستلار ئارا تاماق يەپ، مۇڭداشقاچ ئىچكەندە ياخشى كەيپىيات ياراتقىلى بولىدۇ.
دۇنيادا ئۈزۈم ھارىقىنىڭ تۈرى بەك كۆپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مول مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات تارىخى بار، بۇلارنى بىز كېيىنچە يەنە ئاستا- ئاستا چۈشەندۈرىمىز.
ئەمدى ياخشى ئۈزۈم ھارىقىنى پەرقلەندۇرش ئۇسۇلى، رەڭ ئارقىلىق ئۈزۈم ھارىقىنىڭ سۈپىتى ۋە يىلىغا ھۆكۈم قىلىش توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەيلى.
ياخشى ئۈزۈم ھارىقىنى تاللاشتا، ئالدى بىلەن ھاراقنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشنى كۆزىتىش كېرەك. بولۇپمۇ، ھاراقنىڭ رەڭگى بەك مۇھىم. ھاراقنىڭ رەڭگى ئەمەلىيەتتە بىزگە نۇرغۇن ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ بىرىدۇ، ئەڭ مۇھىم نۇقتا شۇكى، بىز ھاراقنىڭ رەڭگى ئارقىلىق ئۈزۈم ھارىقىنىڭ سۈپىتى ۋە ھاراقنىڭ يىل سانىغا ھۆكۈم قىلالايمىز. ھاراق رەڭگىنى كۆزەتكەندە، ھاراقنى ئازراق قۇيۇپ، رومكىنى 45 گىرادۇس يانتۇ قىلىپ، رومكىنىڭ دەل ئۈستى تەرىپىدىن رومكا ئىچىدىكى ئۈزۈم ھارىقىنى كۆزەتكەندە، ھاراقنىڭ ئىشلەنگەن ۋاقتىنى، ھاراق ئىشلەپچىقىرىلغان رايونى، تۈرىنى، ھەتتا ئىسپىرت دەرىجىسىنى بىلىۋالالايمىز. ھاراق رەڭگىنىڭ مۇھىتنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، ئادەتتە بىز ساپ ئاق رەڭلىك ئىستاكاننى تاللايمىز، ئەلۋەتتە، نۇرغۇن نوپۇزلۇق زاتلار يەنىلا بوشلۇققا قويۇپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى