قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گۇ جېڭخۇڭ −«30- ماي» ھەرىكىتىدە يالقۇنجىغان ھايات

2018-05-13 21:45:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى»

جەنۇبقا قارىتىپ سېلىنغان لاي تاملىق كەپە ئۆيدە يارغۇنچاق، ئوقۇر، پىچاق جازىسى، ئىدىش قاتارلىقلار ئاساسلىق ئۆي سايمانلىرى ئىدى. بۇ جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى بىنخەي ناھىيەسىنىڭ جېڭخۇڭ بازىرى جېڭخۇڭ كەنتىدىكى ئىنقىلابىي قۇربان گۇ جېڭخۇڭنىڭ تۇرالغۇسى بولۇپ، كونا ئۆي، كونا بۇيۇملار گۇ جېڭخۇڭنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى جىمجىت سۆزلەپ تۇراتتى.
  1925- يىلى 5- ئاينىڭ 30- كۈنى، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنى زىلزىلىگە سالغان «30- ماي» جاھانگىرلىككە قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى شاڭخەيدە يانارتاغدەك پارتلاپ، پۈتۈن جۇڭگوغا كېڭەيدى. كومپارتىيە ئەزاسى گۇ جېڭخۇڭنىڭ قەھرىمانلارچە قۇربان بولۇشى بۇ ھەرىكەتنىڭ پىلتىسىگە ئايلاندى.
  گۇ جېڭخۇڭ 1905- يىلى جياڭسۇنىڭ فۇنىڭ(ھازىر بىنخەيگە تەۋە)دە نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق چاغلىرىدا ياۋا كۆكتات كولاپ، چۆپ ئورۇغان، غورىگىل ۋاقىتلاردا تىلەمچىلىك قىلغان. 1921- يىلى يۇرتىدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەچكە، گۇ جېڭخۇڭ ئانىسى بىلەن بىللە شاڭخەيگە بېرىپ، جۇۋازخانىدا ئىشلەۋاتقان ئاتىسىنى تاپقان، بىر ئائىلە كىشىلىرى شاڭخەينىڭ غەربىدىكى نامراتلار مەھەللىسىدە تۇرغان.
  گۇ جېڭخۇڭ ئىلگىرى شاڭخەيدە ياپونىيەلىك سودىگەر ئاچقان پاختا توقۇمىچىلىق 9- زاۋۇتى ۋە 7- زاۋۇتىدا ئىشچى بولغان. چەت ئەللىك كاپىتالىستلارنىڭ جۇڭگولۇق ئىشچىلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتە شىلىشى، جىسمانىي جەھەتتە دەپسەندە قىلىشى، سىياسىي جەھەتتە ئېكسپلاتاتسىيە قىلىشى، روھىي جەھەتتە قىينىشى گۇ جېڭخۇڭنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان. ئۇ 1924- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شاڭخەيدە ئاچقان ئىشچىلار كەچلىك كۇرسى ۋە غەربىي شاڭخەي ئىشچىلار كۇلۇبىغا قاتناشقان ھەم ناھايىتى تېزلا بۇ كۇلۇبنىڭ ئاكتىپ ئەزاسىغا ئايلانغان.
  1925- يىلى 2- ئايدا، ياپونىيەلىك سودىگەرلەر شاڭخەيدە قۇرغان 22 يىپ ئېگىرىش زاۋۇتىدىكى ئىشچىلار ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئىش تاشلىغان، گۇ جېڭخۇڭ ئىشچىلار تەرتىپ ساقلاش ئەترىتى ۋە ئىش تاشلاشقا قوزغاش ئەترىتىگە قاتنىشىپ، بۇ ھەرىكەتكە پائال ئاتلانغان. دەل بۇ كۈرەشتە، ئۇ شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.
  ياپونىيە كاپىتالىستلىرى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان ئىشچىلار ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 1925- يىلى 5- ئاينىڭ 15- كۈنى پاختا توقۇمىچىلىق 7- زاۋۇتىدا ئىش توختاتقانلىقىنى جاكارلاپ، ئىشچىلارنىڭ زاۋۇتقا كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغان. گۇ جېڭخۇڭ ئىشچىلارنى باشلاپ زاۋۇتقا بېسىپ كىرىپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مائاش تارقىتىشنى تەلەپ قىلىپ: «ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئىشچىلارنى ئېكسپلاتاتسىيە قىلىشىغا قارشى تۇرايلى!» دەپ توۋلىغان.
  ياپونىيەلىك خوجايىن زەھەرخەندىلىك بىلەن گۇ جېڭخۇڭغا ئوق چىقارغان، ئوق ئۇنىڭ پاقالچىكىگە تەگكەن. ئۇ ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ، قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ: «ئىشچى قېرىنداشلار، ھەممىمىز ئىتتىپاقلىشىپ ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلايلى!» دەپ توۋلىغان. دۈشمەن يەنە ئوق چىقارغان، ئوق ئۇنىڭ قورسىقىغا تەگكەن، ئۇ دەرەخكە يۆلىنىپ قەيسەرلىك بىلەن تىك تۇرغان. جاللاتلار يەنە ئۇنىڭغا ئىككى پاي ئوق چىقىرىپ، كاللىسىنى قىلىچ بىلەن چاپقان. ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت جەڭچىسى، ياش كومپارتىيە ئەزاسى گۇ جېڭخۇڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرىشىدە پىرولېتارىياتنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغان.
  گۇ جېڭخۇڭنىڭ ئىش- ئىزلىرى جېڭخۇڭ كەنتىدە ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى. گۇ جېڭخۇڭنىڭ ئەۋلادى گۇ مىڭشيۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ گۇ جېڭخۇڭنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان ئىكەن. ھېكايىدە تەسۋىرلىنىدىغان گۇ جېڭخۇڭنىڭ دادىسى ھەمىشە پەرزەنتلىرىگە: «دۇرۇس، باتۇر ئادەم بولۇڭلار، نام- مەنپەئەتكە بېرىلمەڭلار»، دەپ تەكىتلىگەن ئىكەن. گۇ مىڭشيۇڭ: «گۇ جەمەتىدىكىلەر بۇ سۆزگە جەمەتىمىزنىڭ ئەنئەنىسى سۈپىتىدە ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتىمىز»، دېدى.
  گۇ جېڭخۇڭ ئالەمدىن ئۆتكەنگە 90 نەچچە يىل بولدى، يۇرتىدىكى خەلق ئۇنى ئەستىن چىقارمىدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70- يىللىرى، ئەينى چاغدىكى جېڭخۇڭ خەلق گۇڭشېسى ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ئانىسىغا ئەسلىدىكى كونا كەپىنىڭ شەرق تەرىپىگە ئىككى ئېغىزلىق خىش- كاھىشلىق ئۆي سېلىپ بەرگەن. ئۇنىڭ ئانىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، گۇ جەمەتىدىكىلەر بۇ ئۆيدىن خەۋەر ئېلىشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يامغۇر قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، گۇ جېڭخۇڭنىڭ تۇرالغۇسى كونىراپ، سۇۋاقلىرى سويۇلۇپ كەتكەن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئۆينى ئالتە قېتىم رېمونت قىلدۇرغان، بۇنىڭغا 400 نەچچە مىڭ يۈەن ئاجراتقان. جېڭخۇڭ كەنتى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى فەن خۇ مۇنداق دېدى: كەنتىمىز ھەر ھەپتىدە مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ ئۆينى تازىلىتىدۇ، ئاسرايدۇ.
  گۇ جېڭخۇڭ خەلققە بەخت يارىتىش ئۈچۈن قۇربان بولۇشتىن قورقمىغان، بۇ روھ شۇ جايدىكى پۇقرالارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. شۇ جايدىكى كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋە مەكتەپ قەرەللىك ھالدا ئاساسىي تېمىلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ روھىدىن ئۆگىنىپ، قىزىل گېنغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلغان. گۇ جېڭخۇڭنىڭ تۇرالغۇسى «جياڭسۇ ئۆلكىسى ياش- ئۆسمۈرلەر ئەخلاق تەربىيە بازىسى»، «يەنچېڭ شەھىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنقىلابىي قۇرباننى ئەسلەپ كەلگەن كىشىلەرنى دائىم كۈتۈۋالىدۇ. فەن خۇ مۇنداق دېدى: بىز ئىنقىلابىي قۇربان گۇ جېڭخۇڭنىڭ قەھرىمانلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش جاسارىتىدىن ئۆگىنىمىز، غەلىبىدىن مەغرۇرلانمايمىز، جاپادىن قورقمايمىز.
      شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى