قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كەنىتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر تېرىش ماھىرىنى ئېتىز بېشىدا

2018-05-13 22:31:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
ھازىر دەل شال تېرىيدىغان پەسىل، ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئالغا بازىرى تۆۋەنكى قاغاتۇر كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر تېرىش ماھىرىنى ئېتىز بېشىدا دەرسخانا ئېچىش ئارقىلىق كۆپچىلىككە شال تېرىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلدى.      
ئىككى كۈندىن بۇيان، تۆۋەنكى قاغاتۇر كەنتىنىڭ ئېتىز بېشىدا، شال تېرىش ماھىرى ۋاڭ خەي كۆپچىلىككە شال تېرىشتىكى تەجرىبىلىرىنى ئۆگىتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى. تۆۋەنكى قاغاتۇر كەنتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى كەم ئۇچرايدىغان شال تېرىقچىلىق كەنتى بولۇپ، تېرىلغۇ كۆلىمى 3 مىڭ موغا يېتىپ، پۈتۈن كەنتتىكى تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ %30 ىنى ئىگىلىدى، ئۆتكەن يىللاردا ھەر مو يەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 300 كىلوگرام ئەتراپىدا ئىدى. كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، كەنتتىكى 20 يىللىق شال تېرىش تەجرىبىسىگە ئىگە ۋاڭ خەينى كۆپچىلىككە يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى سورتلارنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە تەكلىپ قىلدى. كەنت ئاھالىسى خېلىل راخمان بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مېنىڭ شال تېرىۋاتقىنىمغا 10 يىل بولدى، ھازىر تېرىۋاتقان سورتلارنى باشقۇرۇش بىر قەدەر ئاسان بولۇپ، 90 كۈندىلا پىشىپ بولىدۇ. بۇ قېتىم ۋاڭ خەي بىزگە تونۇشتۇرغان شال ئۇرۇقىنى مەن تېرىپ باقماپتىكەنمەن، بۇ شالنى باشقۇرۇش بىر قەدەر قىيىن ئوخشايدۇ، بۇنىڭدىن ھوسۇل ئالغىلى بولارمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم».         
كۆپچىلىكنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ۋاڭ خەي يۇرتداشلارنى ئېتىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا باشلاپ بېرىپ، نەق مەيداندا كۆپچىلىككە يېڭى سورتنىڭ ئەۋزەللىكىنى ۋە ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن سۆزلەپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ خىل شال سورتىنى تېرىغاندا 9- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا پىشىدۇ، بۇنىڭ ئۆسۈش مەزگىلى 140، 150 كۈن ئەتراپىدا بولغاچقا، ھەر مو يەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 700 كىلوگرامغا، گۈرۈچ چىقىش نىسبىتى %70 كە يېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا سىلەر ھەر مو يەردىن 500 يۈەندىن 800 يۈەنگىچە كۆپ كىرىم قىلالايسىلەر». 
ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تۆۋەنكى قاغاتۇر كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1- شۇجى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تۆۋەنكى قاغاتۇر كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى نۇرئەلى يۇنۇس يەنە كۆپچىلىككە بۇ يىل كەنتتە يەر ئوبوروتى، مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش باشقۇرۇش ۋە تۈجۈپىلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش ھەمدە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش توغرىسىدىكى ئىشلارنى چۈشەندۈردى. بۇلارنى ئاڭلاپ، كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلى يايراپ كەتتى. خېلىل راخمان مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بەش مو يەرگە شال تېرىسام 4 مىڭ يۈەن كىرىم قىلاتتىم. تېخنىكلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بويىچە يېڭى سورتلارنى تېرىسام ھەر مو يەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى يەنىمۇ ئاشىدىكەن، بەش مو يەردە بۇ يېڭى سورتلارنى تېرىسام يىلىغا قىلىدىغان كىرىمىم ئاز دېگەندە 10 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن».           
كېيىنكى قەدەمدە، كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يەنە شال تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش، تۈجۈپىلەشكەن تېرىقچىلىق، ئىشلەپچىقىرىش، پىشىقلاپ ئىشلەش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان يېزا ئىگىلىكىنى كەسپلەشتۈرۈش كارخانىلىرىنى بەرپا قىلىپ، «كارخانا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، دېھقانلار» ئۆزئارا بىرلەشكەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى پىلانلىدى. نۇرئەلى يۇنۇس مۇنداق دېدى: «تېرىلغۇ كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ كوللېكتىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، داڭلىق ماركىلارنى يارىتىش ئارقىلىق نامراتلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىز بۇ يىل تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىپ، دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشىش يوللىرىغا ئىگە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز».
تەرجىمان: مەدىنە مەردان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى