قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كونا جەمئىيەتنى زىلزىلىگە سالغان «گۈلدۈرماما» -- جاڭ تەيلېي

2018-05-13 22:32:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جاڭ تەيلېينىڭ ئەسلى ئىسمى جاڭ سېڭراڭ، 1898- يىلى 6- ئايدا جاڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇجىندا تۇغۇلغان. 1915- يىلى بېيجىڭ داشۆسىگە قۇبۇل قىلىنغان، شۇ يىلى قىشتا تيەنجىن بېيياڭ داشۆسى (ھازىرقى تيەنجىن داشۆسى) غا يۆتكىلىپ قانۇن پەنلىرىنى ئۆگەنگەن. «گۈلدۈرماما» غا ئايلىنىپ، تۇمانلارنى تارقىتىپ، كونا جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىشكە ئىرادە باغلىغانلىقتىن، كېيىنچە ئىسمىنى جاڭ تەيلېيغا ئۆزگەرتكەن.
1919- يىلى «4- ماي» ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىدە، جاڭ تەيلېي پائال ئاتلىنىپ، تيەنجىن رايونىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. بۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە، جاڭ تەيلېي ئۆزى ئۇزاقتىن بۇيان ھۆرمەت قىلىپ كەلگەن لى داجاۋ بىلەن ئالاقە ئورناتقان. لى داجاۋنىڭ تەسىرى بىلەن، جاڭ تەيلېي ماركىسىزم بىلەن تونۇشقان ھەم ماركىسىزىمغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىغان، شۇنداقلا لى داجاۋ تەشكىللىگەن بېيجىڭ داشۆسى ماركىس تەلىماتى تەتقىقات جەمئىيىتىگە قاتنىشىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنى قۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ھەمكارلاشقان. 1920- يىلى 10- ئايدا، جاڭ تەيلېي ۋە دېڭ جۇڭشيا قاتارلىقلار لى داجاۋ باش بولۇپ قۇرغان بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دەسلەپكى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەزالىرىدىن بولۇپ قالغان.
1921- يىلى ئەتىيازدىن باشلاپ، جاڭ تەيلېي ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، خىزمەت قىلىپ، ئۆگىنىپ، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونال يىراق شەرق باشقارمىسى جۇڭگو بۆلۈمىنىڭ شۇجىسى بولغان ھەمدە كۆپ قېتىم كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالنىڭ جۇڭگوغا ئەۋەتكەن ۋەكىللىرىگە ھەمراھ بولۇپ، لى داجاۋ، چېن دۇشيۇ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشقان.
1927- يىلى 4- ئايدىن 5- ئايغىچە، جاڭ تەيلېي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 5- قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، چېن دۇشيۇنىڭ ئوڭچىل خاتالىقىنى ئۆتكۈر تەنقىت قىلغان؛ 7- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەندە، مەركىزىي كومىتېت ۋاقىتلىق سىياسىي بيۇروسىنىڭ 5 نەپەر دائىمىي كومىتېت ئەزاسىنىڭ بىرى بولغان؛ «7- ئاۋغۇست» يىغىنىدىن كېيىن، گۇاڭدۇڭغا ئەۋەتىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم ھەربىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت جەنۇبىي جۇڭگو بىيروسىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە جەنۇبىي جۇڭگو بىيۇروسى ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.
جاڭ تەيلېي گۇاڭدۇڭغا كېلىپلا، دەرھال گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش پىلانىنى تۈزۈپ چىققان ھەمدە گۇاڭجۇ قوزغىلىڭىغا قوماندانلىق قىلىش ئاپپاراتى ـــ ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنى باش بولۇپ تەشكىللەپ، كومىتېت باشلىقى بولغان. تەييارلىق خىزمىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا، قوزغىلاڭنىڭ مەخپىيەتلىكى ئاشكارىلىنىپ قالغان. جاڭ تەيلېي دەرھال كەسكىن قارار چىقىرىپ، گۇاڭجۇ قوزغىلىڭىنى 1927- يىلى 12- ئاينىڭ 11- كۈنى سەھەردە مۇددەتتىن بۇرۇن قوزغىغان.
 12- ئاينىڭ 12- كۈنى، گۇاڭجۇ قوزغىلىڭىنىڭ 2- كۈنىدە، دۈشمەن ئارمىيەسى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ مۇھىم بازىسىنى ئىشغال قىلىۋالغان ھەم قوزغىلاڭچى قوشۇن باش قوماندانلىق شتابىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان. جاڭ تەيلېي بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال ئاپتومۇبىلغا ئولتۇرۇپ ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان. ئاپتوموبىل يولدا دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، جاڭ تەيلېينىڭ بەدىنىگە ئۈچ پاي ئوق تېگىپ، قىزىل بايراق قادالغان ئۈستى ئوچۇق ئاپتوموبىلدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.  تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى