قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تاغلىق رايوندىكى بالىلار ئۈچۈن

2018-05-13 22:43:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاقچى ناھىيەتلىك 3- يەسلىنىڭ مۇدىرى گۈلزىنات تۇقان 14 يىلدىن بۇيان پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بالىلار مائارىپى خىزمىتىگە كىرىشتى، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى تېخىمۇ كۆپ بالىنىڭ تاغدىن چىقىپ سىرتتىكى دۇنيانى كۆرۈشىگە ياردەم بېرىش ئىدى.
 گۈلزىنات تۇقان 2004- يىلى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پىداگوكىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاقچى ناھىيەلىك يەسلىگە كېلىپ ئىشلىدى. ئۇ سەۋرىچانلىق بىلەن پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلاردىن تەلىم ئېلىپ، ئۈزۈكسىز تىرىشىپ ئىزدىنىپ، ناھايىتى تېزلا يەسلى خىزمىتىگە ماسلىشىپ كەتتى. 2013- يىلى، ئۇ ئاقچى ناھىيەلىك 3- يەسلىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى. يەسلى مۇدىرى بولغاندىن بۇيان، ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق ھېيت- بايرام كۈنلىرى ئاساسەن يەسلىدە ئۆتكەنىدى، گەرچە ئالدىراش بولسىمۇ، گۈلزىنات تۇقان بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەرزىيدۇ دەپ قارايتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ـــ بالىلار ماڭا زور كۈچ- قۇۋۋەت ئاتا قىلدى، بىر بالىنىڭ بىر ياخشى ئوقۇتقۇچىغا ئۇچرىشى ئۇنىڭ ئەڭ زور بەختى ھېسابلىنىدۇ. ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن، پەقەت بالىلارغا چىن كۆڭلىدىن كۆيۈنگەندىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئۇتقىلى بولىدۇ.
ئاقچى ناھىيەلىك 3- يەسلىدە 4 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان 500 گە يېقىن بالا بار. بالىلارغا چەكلىك دەرس ۋاقتىدا دۆلەت ئورتاق تىلىنى ياخشى ئۆگىتىش ئۈچۈن، گۈلزىنات تۇقان دۆلەت ئورتاق تىلى ئوقۇتۇشىنى بالىلارنىڭ تازىلىق، تاماق يېيىش، ئولتۇرۇش، ھەرىكەت قىلىش، ئوقۇش، سىزىش قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ـــ مەن ئاقچىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، بۇ خىزمەت ئورنىغا كەلگەندىن كېيىن، بالىلارغا دۆلەت ئورتاق تىلىنى ياخشى ئۆگىتىش ئارزۇيۇم ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى، شۇندىلا ئۇلار كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى پۇرسەتلەرگە ئېرىشىپ، تاغلىق رايونىمىزدىن يىراق جايلارغا بارالايدۇ.
يەسلىدە يېڭى ئوقۇتقۇچى كۆپ، خىزمەت تەجرىبىسى كەمچىل بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، گۈلزىنات تۇقان دائىم سىنىپلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپىي ئىقتىدارى، ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئەستايىدىل ئىگىلىدى. ئۇ مۇشۇ ئاساستا يەنە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قاتلاملىق ئوقۇتۇش تەتقىقاتى، توردا ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش، غوللۇق خادىملار يېتەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈردى. بالىلارنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان سەبىي ھالىتىگە قاراپ، گۈلزىنات تۇقان مۇنداق دېدى: ـــ ياش ئوقۇتقۇچىلارنى يېتەكلەپ، بالىلار مائارىپى ئۈچۈن ئۈزۈكسىز كۈرەش قىلىمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ «يېڭى دەۋر كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ دەۋرى» دېدى. كەلگۈسىدىكى مۇساپىدە مەن داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، «مېھرى- مۇھەببەت ئارقىلىق تەربىيەلەش»تە چىڭ تۇرۇپ، ھەر بىر يۇمران مايسىنى ساغلام يېتىلدۈرۈپ، ھەر بىر گۈلنى پورەكلەپ ئېچىلدۇرىمەن.
تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى