قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چاي گۈلى

2018-05-14 11:16:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ياڭ شو

چەتئەلدە ئۇزاق تۇرۇپ كەتكەچكىمۇ بەزى ۋاقىتلاردا ۋەتەننى بەكلا سېغىنىپ كېتەتتىم. سېغىنىش ھىسسىياتىم كۈچەيگەندە: «ۋەتىنىمنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى سىزىپ، ھەر ۋاقىت كۆز ئالدىمغا ئېسىپ قويالىغان بولسام نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە» دەپ ئويلاپ كېتەتتىم. بۇ ئويۇمنى رەسىم سىزىشقا ئۇستا بىرەيلەنگە ئېيتىپ، ئۇنىڭدىن سىزىپ بېرىشنى ئۆتۈندۈم. ئۇ: «بۇ بەك قىيىن جۇمۇ، نېمە سىزىمەن؟ ئاندا- مۇندا تاغ- دەريالارنى، بىر ئىككى ئادەمنى سىزىپلا قويسا بولىدىغان ئىش ئەمەس بۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە رەڭنى تەڭشىمەكمۇ بەك تەس. ھەر قانداق رەڭنى تەڭشەپ چىقارغاندىمۇ ۋەتەننىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى قانداق سىزىپ چىققىلى بولىدۇ؟» دېدى. ئويلاپ قالدىم، دېمىسىمۇ توغرا، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئويۇم خىيال پېتى قالدى.
  بۇ يىل ئىككىنچى ئايدا، چەتئەلدىن قايتىپ كەلدىم، كۈنمىڭغا چۈشۈپلا قەلبىم چەكسىز ھاياجانغان تولدى. مەن شىماللىق، پەسىل توغرىسىدا دىيىشسەك، شىمالدا قار- مۇزلۇق كۈنلەرمۇ، سۇ كەمچىل، تاغ قاقاس بولىدىغان چاغلارمۇ بار، يۈننەننىڭ باھارى بەك تېز كېلىدىكەن، ھەممە جايدا بەس- بەستە گۈللەر ئېچىلغان.
  شىسەن خۇاتىڭ ئىبادەتخانىسىدا گۈللەر ھەممىدىن بەك كۆپ ئىدى. ئىبادەتخانا ئىشىكىگە كەلمەي تۇرۇپلا يىراقتىن گۈللەرنىڭ خۇشبۇي ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ، كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايتتى. بۇ مېيخۇا گۈلىنىڭ پۇرىقى ئىدى. بۇ يەردە قىزىل مېيخۇا، ئاق مېيخۇا، يېشىل مېيخۇا، يەنە تېخى جۇشا مېيخۇامۇ بار ئىدى. تۈپ- تۈپلەردە پورەكلەپ ئېچىلغان مېيخۇا گۈللىرىنىڭ ئۆزى بىر شېئىر. ئاق ماگنولىيە چېچىكى قارىماققا سەل بىچارىدەك كۆرىنەتتى، سېرىق، يۇمران يەسىمەن چوڭقۇر باھار تۈسىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرەتتى.
  سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەندە بۇنى ھەقىقىي باھار تۈسى دىگىلى بولمايدۇ. قاراڭ بۇ دەرەخكە، خۇاتىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ پىشايۋېنىدەك ئىگىز، قات- قات يوغان- يوغان گۈللەر مايدەك پاقىراق كۆك يوپۇرماقلار ئارا ئالاھىدە گەۋدىلىنەتتى. ئۇ شۇنچىلىق قىزىل ئىدىكى، ھەر بىر گۈل يالقۇنجاپ كۆيىۋاتقان مەشئەلگە ئوخشايتتى. بۇ دەل داڭلىق چاي گۈلى ئىدى. چاي گۈلىنى كۆرگەندىن كىيىنلا، «دېڭىز كەبى گۈزەل باھار» دېگەن بۇ شېئىرى مىسرالارنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشىنىسىز.     بۇ دەل چاي گۈلىنى تاماشا قىلىشنىڭ ياخشى پەيتى. خۇاتىڭ ئىبادەتخانىسىنى بىر قۇر سەيلى قىلىپ چىققاندىن كىيىن، سىم- سىم يامغۇردا خېيلوڭتەنگە كەلدىم، بۇ جاي چاي گۈلىنى تاماشا قىلىدىغان ئەڭ ياخشى جاي ئىدى. ئەسلىدە چاي گۈلى بەك ئاز ئۇچرايدۇ، كەپىلەرنىڭ ئەتراپىدا ئاندا- ساندا ئۇچراپ قالسا تەلىيىم دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما، دوستۇم: «ھەيران قالارلىق ئەمەس. دا لىدا ھەممە ئۆيدە چاي گۈلى ئۆستۈرىدۇ. گۈل ئېچىلىدىغاندا ھەر خىل سورتلاردىكى چاي گۈللىرى بەس- بەستە رەڭ تالىشىپ ئېچىلىدۇ، ھەقىقىي گۈزەللىك دېگەن شۇدە» دېدى. 
  چاي گۈلىگە نىدا قىلمايمەن. چاي گۈلى شۇنچە گۈزەل. تۇرمۇشتىكى گۈزەللىكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەمگەكچىلەر ياراتقان. كىم كېچەيۇ- كۈندۈز، ئايلاپ، يىللاپ قان تەرى بىلەن گۈلنى سۇغۇرۇپ، پەرزەنتلىرىگە كۆيۈنگەندەك گۈللەرنى پەرۋىش قىلىپ، مۇشۇنداق چىرايلىق گۈللەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ؟ تۇرمۇشىمىزنى گۈزەللەشتۈرگەن شۇ كىشىلەرگە تەشەككۈر ئېيتىشىمىز كېرەك.
  پۇ جىرېن دەل مۇشۇنداق ماھىر ئۇستىلارنىڭ بىرى، سۈيخۇ كۆلى بويىدا ئۇنى ئۇچراتتىم. سۈيخۇ كۆلىدە چاي گۈلى بەك كۆپ، ھەم بەك چىرايلىق ئېچىلىدۇ، بۇ جاي قىپ قىزىل ئېچىلغان چاي گۈلى بىلەن تولغان، خۇددى ھەسەن- ھۈسەن كۆل بويىغا چۈشكەندەك. پۇ رېنجىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چاي گۈلىنى تاماشا قىلدىم، ئۇ چاي گۈللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ماڭاتتى، مانا بۇ چوڭ ھېقىق، ئاق شىر؛ بۇ كېپىنەك قانىتى، ئاۋۇ چوڭ بىنەپشە چىپاۋ..... چاي گۈللىرىنىڭ تۈرى بەكلا كۆپ ئىدى. كىيىن ئۇ بىر تۈپ چاي گۈلى دەرىخىگە يامىشىپ تۇرۇپ: «بۇ توڭزىميەن دىيىلىدۇ، كىيىنرەك ئېچىلىدۇ، يېقىندىلا غۇنچىلىدى، ئېچىلسا قېنىق قىزىل رەڭگە كېلىدۇ، بۇ ئەڭ چىرايلىقى» دېدى.
  سورىدىم: «قەدىمكىلەر: گۈلنى تاماشا قىلىش ئاسان، پەرۋىش قىلىش تەس دىگەن ئىكەن، گۈل پەرۋىش قىلىش ھەقىقىتەن تەسمۇ؟» پۇ رېنجى جاۋابەن: «بەك تەسمۇ، ئاسانمۇ ئەمەس. چاي گۈلى سەل ئالاھىدىرەك، سۇ، تۇپراق، كېلىمات، ئىشقىلىپ ھەممىسىگە بەك دېققەت قىلمىساق بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە چاي گۈلى شامالدىن، ئاپتاپقا قاقلىنىپ قېلىشتىن قورقىدۇ، سەل سايىدا تۇرسا ياخشى، ھەممىدىن تەس كېلىدىغىنى زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقىتىش. ئۆزەك قۇرىتى دەيدىغان بىر خىل قۇرۇت بار، بىر تال پەيدا بولدىمۇ گۈل قۇرۇيدۇ. بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە قانچىلىك باش قاتۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلمەيمىز» دېدى.
  يەنە سورىدىم: «چاي گۈلى قانچىلىك ياشايدۇ؟»
   پۇ رېنجى: «ئۆمرى ئۇزۇن ئۇنىڭ. خۇاتىڭ ئىبادەتخانىسىدا بىر تۈپ سۇڭزىلىن بار، مىڭ دەۋرىدە تىكىلگەنىكەن، ھەر قېتىم مىڭ تالدىن ئارتۇق ئېچىلىدۇ» دەپ جاۋاپ بەردى.
 ئىختىيارسىز «نېمە؟» دەپ سالدىم، خۇاتىڭ ئىبادەتخانىسىدا كۆرگەن ھېلىقى چاي گۈلى دەرىخى تارىخىنىڭ بۇنچە ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن.
  پۇ رېنجى مېنى خاتا چۈشىنىۋالدى، ئۇلاپلا: «ئىشەنمەمسىز؟ دالىدا ئۇنىڭدىنمۇ قېرى دەرەختىن بىرسى بار، كونىلارنىڭ ئېيتىشىچە، مىڭ ياشتىن ئاشىدىكەن، ھەر قېتىم ئېچىلغاندا شاخلىرىدىكى گۈللىرىنى ساناپ بولغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، تۈمەنتال دەپ تەرىپلەيمىز، غولى شۇنداق توم، نەچچە ئادەمنىڭمۇ قۇچىقى يەتمەيدۇ» دېدى ۋە ئىككى قولىنى كەڭ يېيىپ، قۇچاقلىغان شەكىلگە كەلتۈردى.
  ئۇنىڭ قولىغا قارىدىم، ئۇنىڭ قولى قاداق بىلەن توشۇپ كەتكەن بولۇپ، لاي چاپلىشىپ قالغان؛ ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدىم، كۆز قۇيرۇقلىرى چوڭقۇر قورۇق بىلەن تولغان ئىدى. ئۇنىڭ كەچمىشلىرىنى سوراش بىھاجەت، ئۇنىڭ كۆپ كۈلپەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئوتتۇرا ياشلىق كىشى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلماق تەس ئەمەس. ئۇ ئادەملەر ئارىسىغا كىرىپ كەتسە تاپماق تەس ئىدى، ئۇ مانا مۇشۇنداق ناھايىتى ئاددىي ئەمگەكچى. دەل مانا مۇشۇنداق كىشى ئايلاپ، يىللاپ، ۋۇجۇدى بىلەن ئەمگەك قىلىپ، بارلىق زىھنىنى گۈل- گىياھ ئۆستۈرۈشكە سەرپ قىلىپ، تۇرمۇشىمىزنى گۈزەللەشتۈردى. گۈزەللىك مانا مۇشۇنداق بارلىققا كەلگەن.
  دەل مۇشۇ پەيتتە، بىر توپ كىچىك بالىلار چاي گۈلى تاماشا قىلغىلى كەلدى، ئۇلار بېشىنى كۆتۈرۈپ، تاتلىق كۈلىشەتتى، توختىماستىن ۋاراڭ- چۇرۇڭ قىلىشاتتى.
  «توڭزىميەن چاي گۈلى ئېچىلىپتۇ» دېدىم مەن.
  پۇ رېنجى تۇرۇپ قالدى، دەرھال ئېسىنى يىغىپ كۈلۈپ تۇرۇپ: «راستلا ئېچىلىپتىغۇ، توڭزىميەندىنمۇ چىرايلىق چاي گۈلى يوق جۇمۇ» دېدى.
  كاللامدىن تۇيۇقسىز يالت قىلىپ بىر خىيال كەچتى، ۋەتىنىمنىڭ قىياپەت ئالاھىدىلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان رەسىم لايىھەسىگە ئىگە بولغان ئىدىم. ئەڭ قېنىق، ئەڭ قىزىل بولغان ئوچۇق قىزىل رەڭدە يوغان بىر شەبنەم يالتىراپ تۇرغان توڭزىميەن چاي گۈلىنى سىزىپ، ۋەتىنىمنىڭ گۈزەللىكىگە سىموۋىل قىلسام بولمامدۇ؟ بۇ ئاددىي خىيالىمنى خاتىرلىۋالدىم ۋە يىراق چەتئەلدىكى ھېلىقى رەسسام دوستۇمغا ئەۋەتىپ بەردىم. بەلكىم ئۇ بۇ خىيالىمنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماڭا بىر پارچە رەسىم سىزىپ بېرەر.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى