قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاقسۇ ۋىلايىتى خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تورىنى پۇختىلىدى

2018-05-14 19:52:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن رېن خۇڭفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 27- كۈنى توقسۇ ناھىيەسىنىڭ يۇلتۇزباغ بازىرى توپاقئېرىق كەنتىدىكى «ئەيشىنيۈەن»گە بارغىنىمدا، ئايتۇرەم ھوشۇر موماي بىلەن چېن جۇڭيوۋ بوۋاي ھويلىدىكى كۆكتاتزارلىقتا قىزغىن پاراڭلاشقاچ ئىشلەۋاتاتتى.

  «ئەيشىنيۈەن»دە نامرات، ياشانغان، ئىگە- چاقىسىز ئالتە كىشى تۇراتتى. ئايتۇرەم موماي: بىز بۇ يەردە ئۆز ئارا ياردەملىشىپ، ھال- مۇڭ بولۇشۇپ، تۇرمۇشىمىزنى ئىنتايىن بەختلىك ئۆتكۈزۈۋاتىمىز، دېدى. بۇ كەنت ئىگە- چاقىسىزلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، «كەنت ئۈستىگە ئېلىش، ئۆزئارا ياردەملىشىش، ئامما ئىشتىراك قىلىش، ھۆكۈمەت قوللاش»تىن ئىبارەت يېزىلاردىكى ياشانغانلارنىڭ يېڭىچە كۈتۈنۈش ئەندىزىسىنى تېپىپ چىقتى، «ئەيشىنيۈەن» دەل مۇشۇ خىل ئەندىزە بويىچە قۇرۇلغان كوللېكتىپ ئەمىن تاپقۇزۇش ھويلىسى. كەنت ياشانغان ئالتە كىشىنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىش ئالدىنقى شەرتى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئەمىن ئۆي تولۇقلىما مەبلىغى ۋە ھويلا- ئارانلارنى ئۆزگەرتىش ياردەم مەبلىغىنى بىرلەشتۈرۈپ، «ئەيشىنيۈەن»نى قۇردى، ھەر بىر كىشىگە 20 كىۋادرات مېتىر ئۆلچەمدە ئالتە يۈرۈش ئۆلچەملىك ياتاق سالدى ھەم ئاشخانا، تاماقخانا، پائالىيەت ئۆيى، نۆۋەتچىلىك ئۆيى، كۆكتاتلىق قاتارلىقلارنى يۈرۈشلەشتۈردى.

  بۇ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرگەنلىكى ۋە ياخشىلىغانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. ئاقسۇ ۋىلايىتى خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئالدىن باشلاش ۋە ياخشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەبلەغنى دەل جايىغا ئىشلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

  ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. ئاقسۇ ۋىلايىتىدە بۇلتۇر 1 مىليون 123 مىڭ 300 كىشى (قېتىم) بەش خىل ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشتى، شەھەر- يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %95تىن يۇقىرى بولدى.

  جامائەت ساغلاملىقى مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. ئاقسۇ ۋىلايىتى 2014- يىلىدىن باشلاپ دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش تۈزۈمىنى يولغا قويدى ھەم ئاساسىي قاتلامدا تۇنجى دىياگنوز قويۇش، قوش يۆنىلىشلىك يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە يېتەكلەش، ئاساسىي دورىلارنى سەپلەش، داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار يۈرۈشلۈك ھۆججەتلەرنى چىقاردى. ھازىر ئاقسۇ شەھىرىدىكى چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ ئامبۇلاتورىيەسىدە جىددىي داۋالىنىدىغانلار ئازايدى، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا كېسەل كۆرسىتىدىغانلار ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، ناھىيە تەۋەسىدە كېسەل كۆرسىتىش نىسبىتى %90 ئەتراپىغا يەتتى.

  ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى داۋاملىق چوڭقۇر يولغا قويدى. ئاقسۇ ۋىلايىتى شەرتكە ئۇيغۇن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنىڭ قاپلاش دائىرىسىگە كىرگۈزدى، شەھەر- يېزا ئاھالىسىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %95تىن ئاشتى. داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالاش، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، پەرۋىش كۆپ خىللاشقان ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

  مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى. ئاقسۇ ۋىلايىتى مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى. ۋىلايەت بۇ يىل مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئەمەلىي تۇتۇپ، شەھەر- يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، يەسلى مائارىپى، ئالاھىدە مائارىپ ۋە تور مائارىپى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇردى. كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈشنى، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. مائارىپ بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، ئاقسۇدىكى تېخنىك تەربىيەلەش شۆيۈەنلىرىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار بازىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى.

  ئاقسۇ ۋىلايىتى «ئامما ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنى ياخشى، ئەمەلىي، ئۇزاق مۇددەت ئىشلەپ»، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى مۇھىم نۇقتىلار، قىيىن نۇقتىلار ۋە ھالقىلىق نۇقتىلارغا داۋاملىق كۈچەپ، ھەم چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، ھەم مادارىغا بېقىپ ئىش كۆرۈپ، پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تورىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى