قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 جوۋ كەنتىنىڭ قازان نېنى

2018-05-16 17:43:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان جوۋ كەنتىنىڭ قازان نېنى «جۇڭگودىكى بىرىنچى كەنت» دەپ نام ئالغان زىبو شەھىرىنىڭ جوۋ كەنتىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، 1 مىڭ 800 يىللىق تارىخىقا ئىگە. «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» دە خاتىرىلىنىشىچە، خەن خېڭدى يەنشىنىڭ 3- يىلى، خۇ نېنىنى ساتقۇچىلار شەندۇڭ چىگرىسىدا سەرسان بولۇپ يۈرگەندە، بۇ نان ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد مىراس قېلىپ، ھەر قايسى ۋىلايەتلەرگىچە تارقالغان. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «خۇبىڭ» دەل كۈنجۈتلۈك قازان نېنى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، جوۋ كەنتى قازان نېنى پەيدا بولۇپ، بىر قانچە قېتىم ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ھەقىقىي مەنىدىكى جۇۋ كەنتى قازان نېنى بارلىققا كەلگەن. جوۋ كەنتى قازان نېنى نېپىز، مىزىلىك، چۈرۈك بولۇپ، نانلار ئىچىدىكى ئاڭ قالتىسى دەپ ئاتالغان ھەمدە «يېگىلى بولىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى» دەپ تەرىپلىنىپ، 2008- يىلى جۇۋ كەنتىنىڭ نان پۇشۇرۇش ھۈنىرى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.   جۇۋ كەنتىنىڭ قەدىمكى سودا سارىيىدا بىر جۇۋ كەنتى قازان نېنى مۇزېي بار. بۇ يەردە جۇۋ كەنتى قازان نېنىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ھەمدە ئۇنىڭ  پىشۇرۇش جەريانىنى كۆرگىلى بولىدۇ. قازان نېنىنىڭ تاتلىق ھەم تۇزلۇق ئىككى خىل تەمى بار، قازان نېنىنى سوۋغاتلىققا ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى